ئاتامبايېۋنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قىلغان رەسمىي زىيارىتى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قىلغان رەسمىي زىيارىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات.

243721
ئاتامبايېۋنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قىلغان رەسمىي زىيارىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ 22 – مارتتىن 1 – ئاپرېلغىچە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى. ئاتامبايېۋنىڭ بۇ 10 كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى، ئۇنىڭ 2014 – يىلى دېكابىردا ئەرەب دۆلەتلىرىگە قىلغان زىيارىتىدىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم زىيارەت ھېسابلىنىدۇ.
ئاتامبايېۋ ياۋروپا زىيارىتىنى ئاۋسترىيەدىن باشلىدى. ئاتامبايېۋ رەسمىي زىيارەت دائىرىسىدە ئاۋسترىيە پىرېزىدېنتى ھېنز فىسچېر، پارلامېنت باشلىقى سونىئا تىسۋاسل بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى «2015 – 2016 – يىللىق ھەمكارلىق كېلىشىم لايىھەلىرى» نى ئىمزالىدى. ئاتامبايېۋ ئالدى بىلەن ئاۋسترىيە – قىرغىزىستان سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى، ئارقىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ۋە جىنايى ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى يۇرى فېدوتوۋ، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى لامبېرتو زاننېر بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.
ئالمازبېك ئاتامبايېۋ 25 – مارت فىرانسىيەگە يېتىپ بېرىپ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە قىرغىزىستان – فىرانسىيە سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى. ياۋروپا زىيارىتى دائىرىسىدە 26 – مارت شىۋېيتسارىيەدە ئۇچرىشىشلاردا بولغان ئاتامبايېۋ، شىۋېيتسارىيە كونفېدېراتسىيەسىنىڭ باشلىقى سىمونېتتا سوممارۇگا ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىدېر بۇركھالتېې بىلەن كۆرۈشتى، كېيىنچە قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن شىۋېيتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.
قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى 26 – 30 – مارت كۈنلىرى بېلگىيەدە زىيارەتتە بولدى. ئاتامبايېۋ بېلگىيەدە پادىشاھ لۇئىس فىلىپې، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مارتىن شۇلتس، ياۋروپا كومىتېتىنىڭ باشلىقى يېن كلود ياڭكېر، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باشلىقى دونلاد تاسك قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى. ئاتامبايېۋ بېلگىيەدە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مارتىن شۇلتس بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئۇكرائىنا ۋە مولداۋىيە مەسىلىلىرىدە رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتپاقى رەھبەرلىرىنىڭ قىسمەن بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
پىرېزىدېنت ئاتامبايېۋ 1 – ئاپرېل گېرمانىيە پىرېزىدېنتى يوئاھىم گاۋك ۋە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى. ئانگېلا مېركېل ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، كۆرۈشۈشتە كۈنتەرتىپتىكى خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە قىلغان زىيارىتى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. قىرغىزىستان رەھبىرىنىڭ ياۋروپادىكى 5 دۆلەت بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مەركىزىگە قىلغان بۇ زىيارىتىنى، قىرغىزىستان بىلەن غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي دىيالوگنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى، دوستانە مۇناسىۋەتلەرنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى جەھەتتىن «يېڭى ئىلھام مەنبەسى» دېيىش مۇمكىن. ئاتامبايېۋنىڭ ياۋروپادا زىيارەتتە بولغىنىغا بىر ھەپتە بولماي تۇرۇپلا ياۋروپا ۋە ئاسىيا رەھبەرلىرىنىڭ قىرغىزىستان زىيارەتلىرى باشلىدى.
مەسىلەن، 2015 – يىلى 8 – ئاپرېل پىرېزىدېنت ئاتامبايېۋ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مەركىزى ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەيئىتى بىلەن موڭغۇلىيە ھەمكارلىق ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ئىۋېتا گرىگۇلې ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قوبۇل قىلدى. شۇ كۈنى ئاتامبايېۋ يەنە، گېرمانىيە فېدېرال پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جوھاننېس زىڭھاممېر بىلەن كۆرۈشتى.
پىرېزىدېنت ئاتامبايېۋنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قىلغان زىيارىتىدە، ئاساسلىقى ئۇكرائىنا – مولداۋىيە مەسىلىسى، قىرغىزىستاندا بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلاملىرى ۋە قىرغىزىستانغا مەبلەغ سېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. ئاتامبايېۋ ياۋروپا زىيارىتى ھارپىسىدا 15 – مارت كىشىنېۋدە مولداۋىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئادرىئان كاندۇ ۋە مولداۋىيە بىرلەشمىسى رەھبەرلىرىدىن ۋلادىمىر پلاھوتنيۇك بىلەن، 16 – مارت سېينت پېتېرسبۇرگدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەنىدى. بۇ ئۇچرىشىشلارنى، «ئاتامبايېۋنىڭ رۇسىيە بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشى» دېيىش مۇمكىن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پارلامېنتلىق تۈزۈمنى قوبۇل قىلغان بىردىنبىر دۆلەت بولغان قىرغىزىستان رەھبىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى. قىرغىزىستاننىڭ ماي ئېيىدا ياۋرو – ئاسىيا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا بولۇشى كۈتۈلمەكتە. قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ ئەنە شۇنداق ھالقىلىق پەيتتە، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق ئۆز خەلقى نامىدىن تەڭپۇڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى پۈتكۈل جاھانغا نامايان قىلغان بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر