20-ئەسىردىكى تۇنجى ئۇيغۇر دۆلىتى توغرىسىدا

-1933يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇيغۇر خەلقى ئۆز مۇستەقىللىقىنى جاكارلاپ، 20-ئەسىردىكى تۇنجى، ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان ئىدى.

222961
20-ئەسىردىكى تۇنجى ئۇيغۇر دۆلىتى توغرىسىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: -1933يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇيغۇر خەلقى ئۆز مۇستەقىللىقىنى جاكارلاپ، 20-ئەسىردىكى تۇنجى، ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان ئىدى. ئەنە شۇ كۈندىن ئېتىبارەن 12-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس سەھىپە بولۇپ قالدى.

تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 1931-يىلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردىكى كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق قوزغىلىڭىنىڭ تۇنجى ئوقلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقىدىكى قۇمۇلدا ئېتىلدى. خوجا نىياز ھاجىم رەھبەرلىكىدىكى بۇ قوزغىلاڭ بارغانسېرى كېڭىيىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممىلا جايلىرىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. بۇ ۋەزىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىققا، مۇستەقىللىققە ۋە ئەركىنلىككە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. نەتىجىدە، خوتەن خەلقى مەمەت ئىمىن بۇغرانىڭ رەھبەرلىكىدە 1933-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى خوتەن ھۆكۈمىتىنى قۇردى. تۇرپاندا مەخمۇت مۇھىتىنىڭ باشچىلىقىدا خەلق قوزغىلىڭى يۈز بەردى. بۇلاردىن باشقا، 1932- ۋە 1933-يىلى كۇچا، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، بۇ جايلاردىكى جىن شۇرېن ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، ھاكىمىيەتنى قوزغىلاڭچىلار تارتىۋالدى. خوجا نىياز ھاجىم ۋە مەھمۇت مۇھىتىلار باشچىلىقىدىكى قۇمۇل-تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىغا كېڭەيدى. مانا مۇشۇنداق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، مۇستەقىل «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نى قۇرۇش ئۈچۈن، سابىت داموللام بىر قىسىم قوشۇننى باشلاپ خوتەندىن قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەردە «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ، جىددىي تەييارلىقلاردىن كېيىن، 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12- كۈنى قەشقەر شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى تۆۋەندىكىچە:
دۆلەت رەئىسى : خوجا نىياز ھاجى
باش مىنىستىر : سابىت داموللاھ ئابدۇلباقى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى : گېنېرال مەخمۇت مۇھىتى
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى : سىيتزادە يۇنۇس بەك
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى : قاسىم جان
مائارىپ مىنىستىرى : ئابدۇلكەرىمخان مەخسۇم
ۋەقپە ئىشلىرى مىنىستىرى : شەمسەتتىن تۇردى
ئادالەت مىنىستىرى : زارىف قارى
يېزا ئىگىلىك ۋە تىجارەت مىنىستىرى: ئابدۇل ھۈسەيىن
مالىيە مىنىستىرى : ئېلى ئاخۇن
سەھىيە مىنىستىرى : ئابدۇللاھ خانى

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلىك ئىدىيە تارىخىدىكى تۇنجى مىللىي ۋە ئىسلامىي جۇمھۇرىيىتى، شۇنىڭدەك بۇ ساھەدىكى تۇنجى تەجرىبىسى. مەزكۇر مۇستەقىل ھاكىمىيەت ئۆز ئاساسىي قانۇنى، دۆلەت نىزامنامەسى، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى قاتارلىق دۆلەتچىلىك سىمۋوللىرىغا، شۇنىڭدەك يەنە، 16 مىنىستىرلىققا ئىگە بولۇپ، خوجا نىياز ھاجىم رەئىسلىك، سابىت داموللام باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى. مەزكۇر جۇمھۇرىيەت گەرچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاران 3 ئاي مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە مەۋجۇتلۇق تارىخىدا بىر قاتار ئىشلارنى ئەمەلىيلەشتۈردى ۋە تېخىمۇ كۆپ پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشتى. ئەمما، مەزكۇر ياش دۆلەت تاشقى جەھەتتىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارىلىشىشى، ئىچكى جەھەتتە ما جۇڭيىڭ تەرەپدارلىرى بولغان تۇڭگان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىۋاسىتە ھەربىي ھۇجۇمى شۇنداقلا مۇرەككەپ ئىچكى زىددىيەتلەر سەۋەبىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ « ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئازادلىقىغا ياردەم بېرىش شوئارلىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى ھەم شېڭ شىسەينىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشەنگەن خوجا نىياز ھاجىم باشلىق بىر قىسىم رەھبەرلەر ئۈرۈمچىگە كېلىپ، شېڭ شىسەي باشچىلىقىدىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە قاتناشتى. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدىكى تۇنجى بىرلەشمە ھۆكۈمەت بولۇپ، خوجا نىياز ھاجىم ئۆلكىگە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ، باشقا بىر قىسىم قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى بىر قانچە نازارەت، ئىدارە، ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەرنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىگە ئېرىشتى ۋەياكى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا قاتناشتى. بۇ ھېچقاچان ئۇيغۇرلارنى ھاكىمىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتناشتۇرۇش ياكى مۇھىم رەھبىرى ھوقۇقلارنى تەقسىم قىلىپ بېرىشنى ئويلاپ باقمىغان، ھوقۇقپەرەس شوۋېنىست شېڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۆز تارىخىدا تۇنجى قېتىم خوجا نىياز ھاجىمغا ئۆلكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك يۇقىرى ھوقۇقىنى بېرىشى ئىدى.
بىراق، بۇ ئۇزۇنغا بارمىدى، 1937-يىلىدىن كېيىن، ئۇيغۇر خەلقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يۆلىشىدىكى شېڭ شىسەي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ قايتىدىن قانلىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى، خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىق شېڭ شىسەي بىلەن ھەمكارلاشقان ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى شېڭ شىسەي ۋەكىللىكىدىكى مىلىتارىستلارنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي، قايتىدىن باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، نەتىجىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش خەلقلەر ئىككىنچى قېتىم كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق كۈرەش مەيدانىغا ئۆزىنى ئاتتى.
گەرچە، 1933-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قىسقا ئۆمۈر سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ روھى ۋە ئەنئەنىسى شۇنداقلا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى 1944-يىلىنىڭ 12-نويابىرىغا مىراس بولۇپ قالغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆمرى گەرچە قىسقا بولسىمۇ، مەزكۇر جۇمھۇرىيەت 20-ئەسىردە ئۇيغۇرلار قۇرغان ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سېلىپ بەرگەن ئىدى.
خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، يېرىم ئەسىردىن كۆپ ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنكى بۇ كۈنلەردە، قەشقەردە ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىك تەبىرلىرىنى بېرىشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئاتالغۇغا ئايلاندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر