تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 115

پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىقىتىڭلارغا سۇنىمىز.

273168
تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى –  115

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 115
« P5+1 دۆلەتلەر بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى يادرو كېلىشىمىگە نېتانياھۇنىڭ مۇداخىلىسى »

 

ئىراننىڭ ئونلىغان يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان يادرو پىروگراممىسى مەسلىسى ھازىزغىچە ھەل بولماي قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. مەسىلىگە ئىراننىڭ يادرو ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش نىشانى ۋە بۇ نىشاندىن ئىسرائىلىيە، غەرب ئەللىرى شۇنداقلا رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەنسىرەشلىرى ھەمدە گۇمان بىلەن مۇئامىلە قىلىشلىرى ئاساسلىق سەۋەب بولدى. چۈنكى ئىراننىڭ ئوران قويۇقلاشتۇرۇش پائالىيىتى مەزكۇر دۆلەتلەر تەرىپىدىن «مەخپىي يادرولۇق قورال ئىشلەپچىقىرىش تىرىشچانلىقى» دەپ قارالماقتا. بۇ دۆلەتلەر ئىراننىڭ ھەم خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ قىلدىغانلىقى، ھەم چوڭ بىر تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بىئارام بولماقتا.
دەرۋەقە 1968 – يىلدىكى «NPT» ئەھدىنامىسىگە بىنائەن ئىراننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يادرولۇق قورالغا ئىگە بولۇشى مەنئىي قىلىنغان ئىدى. گەرچە بۇ قانۇن نۇرغۇنلىغان ئەزا دۆلەتلەر (مەسىلەن؛ ئىسرائىلىيە، پاكىستان، ھىندىستان) قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن خىلاپلىق قىلىنغان بولسىمۇ، يەنىلا ئىراننىڭ بۇ خىلاپلىق قىلغۇچى گۇرۇپپىلار ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىشىدىن ئەنسىرەشمەكتە. ئىران ئۆزىنىڭ ئۇنداق مەقسىتى يوقلۇقىنى ئېيتقان، ھەتتا ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى فاقىھ ھامانىيمۇ بۇنداق قىلىشنىڭ ھاراملىقىغا پەتىۋا بەرگەن تۇرۇغلۇق، ئەنسىرەش ۋە ئەندىشىلەر داۋاملاشماقتا. ئىراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرىنى توختىتىشى ياكى پۈتۈنلەي خەلقئارانىڭ تەكشۈرۈشىگە ئۇچۇق تۇتىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنماقتا. بىراق ئىران بۇ تەلەپلەرنى رەت قىلىپ، يادرو پائالىيەتلىرىنى مەخپىي شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
ئىران 1970 - يىللىرىدا باشلانغان يادرو رېئاكتور بازىسى قۇرۇلۇشىنى 1990 – يىلى تاماملاپ، %20 لىك ئوران قويۇقلاشتۇرۇشتا تولۇق ئۇتۇققا ئېرىشتى. ئالاقىدار مەنبەلەر ئىراننىڭ بۇ باسقۇچتىن كېيىن يادرو قورال ئىسلەپچىقىرالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولالايدىغانلىقىنى ئىلىگىرى سۈرۈشمەكتە. غەرب دۆلەتلىرى دەل مۇشۇ ۋەجىدىنلا ئونلىغان يىللاردىن بۇيان ئىرانغا كەڭ دائىرىلىك ئېمبارگولارنى يۈرگۈزمەكتە.
بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈنمۇ چوڭ ئاۋارىچلىق ئىكەنلىكى مەلۇم. دۇنيا كۈنسىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر ئىران تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنگە ئوخشاش ئىرانمۇ بارغانچە تېخىمۇ قاتتىق ئېمبارگولارغا دۇچار بولماقتا. ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئاۋارچىلىققا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بۇ ئەھۋالغا قارىتا P5+1 دۆلەتلىرى ۋە بولۇپمۇ ئوباما ئىران بىلەن يادرو مەسلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا بار كۈچى بىلەن تىرىشماقتا. ئۇلارنىڭ تۈنجى تىرىشچانلىقى ھېسابلىنىدىغان 2006 – يىلىدىكى مۇزاكىرىلىشىش ھەرىكىتى ھازىرغىچە ھېچ قانداق نەتىجە بەرمىدى. بۇ نەتىجىسىزلىكنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى غەرب ئەللىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئىشەنچنىڭ يېتەرسىزلىكى ھەمدە مۇزاكىرە ھەرىكىتىنىڭ پات پات ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدى لوبىلىرى تەرىپىدىن توسالغۇغا ئۇچىتىلىۋاتقانلىقى بولدى. چۈنكى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدى لوبىلىرى ئىران بىلەن ھېچ بىر كېلىشىمنىڭ تۈزۈلىشىنى خىلىمايلا قالماستىن، بەلكى دەل ئەكسىچە ئىرانغا قارشى ھەربىي ھۇجۇم ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ يۈرمەكتە.
تۆۋەندە مارمارا ئنىۋېرسىتېتى سىياسىي بىلىملەر ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىقىتىڭلارغا سۇنىمىز.
** *** ** ** *** ** **** *** ** *** ***
دەرۋەقە ئوباما پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان تۈنجى كۈنىدىن باشلاپلا ئىران بىلەن بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە قەتئىي ئىرادىىسنى نامايان قىلدى. بۇ مەقسەت ئۈچۈن تۈنجى ئايدىن ئېتىبارەن ئىران بىلەن مۇناسۋەت ئورنىتىشقا تىرىشتى. رۇھانىنىڭ ئىران پىرېزىدېنتلىقىغا سايلىنىشى ۋە كېيىنچە مۇرەسسەچى تىل ۋە پوزىتسىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇزاكىرە بايقۇچىنى مەلۇم دەرىجىدە ئىلگىرىلەشكە ئىگە قىلدى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە رەسمىي بىر كېلىشمنىڭ تۈزۈلىشىگە قارىتا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. 2013 – يىلى 21- نويابىردا P5+1 دۆلەتلىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىمنىڭ يول خەرىتىسى ئۈستىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى. بۇ يول خەرىتىسىگە كۆرە 2015 – يىلى مارت ئېيىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئاساسلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر دائىرە ئىچىدە كېلىشىم ئىمزالىنىدىغان ۋە ئەڭ كېچىككەندىمۇ 2015 – يىلى 1 - ئىيۇلغىچە ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىم تاماملىنىدىغان بولدى. گەرچە بۇ كېلىشمگە قارىتا ئوتتۇرىدا كۈچلۈك قەتئىي ئىرادە بارلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما كېلىشىمنىڭ تەپسىلاتى ۋە مەزمۇنلىرى ھەققىدە ھېچ قانداق مەلۇمات ئېلان قىلىنمىدى. ئوباما بىلەن كېررىينىڭ رەسمىي باياناتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىران ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىم دائىرىسىدە يادرولۇق قورالغا ئىگە بولۇشتىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىدىكەن، بىراق نازارەت ئاستىدا يادرو ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقرالايدىغان بولىدىكەن. بۇ كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى بەدىلىگە ئىرانغا يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈلمەيدىغانلىقى، ئەگەر پالاتا ئېمبارگو قارارى ماقۇللىغان تەقدىردە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشقا سالىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. ئوبامانىڭ بۇ قەتئىيلىكى كۈتۈلگىنىدەك نېتانياھۇ ۋە يەھۇدى لوبىلىرىنى ھەرىكەتكە سالدى. نېتانياھۇ ئوبامانىڭ خالىمىغىنىغا قارىماستىن، ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇپ، 3 – مارت كۈنى پالاتادا نۇتۇق سۆزلىدى. ئوبامانىڭ ئىران بىلەن قەتئىي كېلىشىم تۈزمەسلىكى كېرەكلىكىنى، بەلكى دەل ئەكسىچە قاتتىق قارشىلىق بلىدۈرۈش لازىملىقىنى، ھەتتا مۇمكىن بولغان تەقدىردە ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
نېتانياھۇنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى يالغۇز ئىران بىلەن كېلىشىم مەسلىسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئوباما ھاكىمىيىتى ۋە ئىچكى – تاشقى سىياسىتى نۇقتىسىدىنمۇ غەلىتە بىر ئەھۋال بولۇپ قارالماقتا. ئوبامانىڭ خالىماسلىقىغا پىسەنت قىلماستىن، پالاتا باشلىقى بوھنېرنىڭ خاھشىغا بىنائەن نېتانياھۇنىڭ سۆزلىگەن نۇتىقى، يەھۇدى لوبىسى (AIPAC) نىڭ كۈچلۈك تەسىرىنى ۋە ئوباما ھاكىمىيىتىنىڭ چەكلىك ھوقۇق دائىرىسنى نامايان قىلىپ بەرگەن بولدى. دېمىسىمۇ ئامېرىكا خەلقى تەرىپىدىن دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغان ئوباغا نېتانياھۇنىڭ دوئىل ئېلان قىلىشى ۋە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ كېتىشلىرى، ماھىيەتتە ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىقىغا جەڭ ئېلان قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ P5+1 دۆلەتلىرى گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈرگەن 6 چوڭ دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ھۇجۇم قىلغانلىق بولىدۇ. نېتانياھۇنىڭ بۇ قىلغىنى يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرىدە شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سىستېمىسىدا ۋە دۇنيا سىياسىتىدە زادى قانچىلىك تەسىر كۈچىگە ئىگە رول ئويناۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىراننىڭ يادرو سىياسىتىنىڭ بىرنچى بولۇپ ئۆزىنى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە رايوننىمۇ قانداق قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى ئايان بولماقتا. ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسدىكى سۈركىلىشلەرنىڭ رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرگە قانداق سەلىبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە قارىتا بىر مىسال سۈپىتىدە، تۈركىيەنىڭ 2010 – ۋە 2012 – يىللىرىدىكى تاشقى سىياسىتىنى كۆرسىىشكە بولىدۇ. تۈركىيە يادرو مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاجايىپ چوڭ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. چوڭقۇر ئەمگەك سىڭدۇردى. تېھران كېلىشىمىنىڭ تۈزۈلىشىگە مۇرەسسەچى بولۇپ بەردى. لېكىن ئىران ۋە ئىسرائىلىيە لوبىسىنىڭ تەرسالىقى تۈپەيلىدىن تىرىشچانلىقى ئىشقا ئاشمىدى. مەسىلىنىڭ بۇ مۇرەككەپلىكى رايوندىكى سۈرىيە قاتارلىق باشقا دۆلەتلەرگە سەلەبىي تەسىر كۆرسەتتى. دەل مۇشۇ ۋەجىدىن رايوندىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن يادرو كېلىشىمى ئىمزالىنىشىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش ۋە بارلىق توسالغۇلارغا قارشى تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
ئەزىز قېرىنداشلار، يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر