چاناققەلئە روھى ۋە شېھىتلىرى

شېھىتلىرىمىز بىزنىڭ ئىستىقبالىمىزدۇر. «تۇپراق ئەگەر ئۇنىڭ ئۈچۈن جان بەرگۈچى بولسا ۋەتەندۈر» دېگەن دوستۇرىمىز بويىچە بۇ تۇپراقلارنى بىز ئۈچۈن ۋەتەنگە ئايلاندۇرغان ئەنە شۇ ئۆلمەس شېھىتلىرىمىزدۇر.

261272
چاناققەلئە روھى ۋە شېھىتلىرى

 

چاناققەلئە روھى ۋە شېھىتلىرى


ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
«اﷲ يولىدا شېھىت بولغانلارنى ئۆلۈك دەپ چۈشەنمەڭلار، ئۇلار ھەقىقەتتە تېرىك بولۇپ، اﷲنىڭ يېنىدا رىزىققا ئېرىشىۋاتىدۇ. ئۇلار اﷲنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن پەزلىدىن خۇرسەندۇر ۋە خۇشال ـ خورامدۇر ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدىن تېخى يېتىپ كەلمىگەن قېرىنداشلىرى ئۈچۈنمۇ نە قورقۇنچ، نە قايغۇ يوق ئىكەنلىكى بىلەن كۆڭلى خاتىرجەمدۇر. ئۇلار اﷲنىڭ نېئمەت، مەرھەمەتلىرى بىلەن شات ـ خورامدۇر. ئۇلارغا مەلۇم بولدىكى، اﷲ مۇئمىنلەرنىڭ ئەجرىنى ھەرگىز زايا قىلىۋەتمەيدۇ» (سۈرە ئەل ئىمران 169 – ئايىتىدىن 171 – ئايەتلىرىگىچە قارالسۇن)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:
جەننەتكە كىرگەن ھېچ بىر كىشى يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەۋە بولوپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ھەرگىز دۇنياغا قايتىپ بېرىشنى خالىمايدۇ. پەقەت شېھىت بولغان كىشىلا بۇنىڭ سىرتىدا. شېھىت بولغان كىشى جەننەتتە كۆرگەن ئالىي ئىمتىياز ۋە مەرھەمەتلەر سەۋەبىدىن قايتىدىن دۇنياغا بېرىشنى ۋە (1 قېتىم ئەمەس) 10 قېتىم شېھت بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ» (بۇخارى، جىھاد بابى 21 ، مۇسلىم، ئىمارە بابى 109)
ئەزىز قېرىنداشلار!
بۇنىڭدىن ساق 100 يىل ئىلگىرى چاناققەلئەدە پۈتۈن دۇنياغا كۆكرەك كېرگەن ھالدا «چاناققەلئەدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ» دېگەن بىر ئۆچمەس داستان يېزىپ قالدۇرۈلدى. تارىختا مىسالى ئىنتايىن نادىر كۆرۈلىدىغان بىر زەپەر دۈشمەن قىسىملىرىنى تېرە - پىرەن قىلىۋەتتى. ئاللاھ يولىدا، دىن، ئىمان، مىللەت، ۋەتەن، بايراق، ھەق، ئادالەت، مەرتلىك، ئەخلاق - پەزىلەت ۋە مۇقەددىساتلارنى قوغداش يولىدا ئەسكەرلىرىمىز قەھرىمانلارچە ئۇرۇش قىلدى. ئاللاھنىڭ كالامىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈنلا كۈرەش قىلدى. مۇقەددەس ئىسلام دىنى ئۈچۈن قانلىرى ۋە جانلىرىنى پىدا قىلىپ، شاھادەت شەربىتى ئىچتى. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ئەڭ يۈكسەك ماقامغا ئېرىشتى. چۈنكى ئۇلار تەۋھىدنى، ئىسلامنىڭ ئىزەت - نۇمۇسىنى قوغدىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ سالاھىيىتى ۋە ئوبرازىغا داغ تەككۈزمىدى. مەسجىتلىرىمىزگە نامەھرەم ئىپلاس قوللارنىڭ تېگىشىگە يول قويمىدى. شاھادەتلىرى دىنىمىزنىڭ تۈپ ئاساسى ھېسابلىنىدىغان ئەزان ساداسىنىڭ بىسىقتۇرۇلىشىغا قەتىئىي يول قويمىدى. يوقسۇللۇق، نامراتلىق ۋە چارىسىزلىق ئىچىدە تۇرۇپمۇ دۈشمەنلەر بىلەن تەۋرەنمەي ئېلىشتى. قەتئىي ئارقىغا چېكىنمىدى. ئىمان بىلەن تولغان كۆكرەكلىرى گويا سېپىلغا ئايلانغان ئىدى. ئىمان ۋە جاسارەتلىرى، شۇنداقلا مىسلىسىز پىداركارلىقلىرى، ھەمدە ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە نۇسرىتى بىلەن ئاخىرى كاتتا زەپەرنى قولغا كەلتۈردى. زامانىۋى دۇنياغا ئۇرۇش ئەخلاقىي ۋە ئەدەپ - قائىدىلىرىدىن دەرس ئۆتتى. ھەتتا نۆۋىتى كەلگەندە يارىدار دۈشمەن ئەكسەرلىرىنىمۇ مۇرىلىرىدە توشىدى ۋە تۇلۇملىرىدىن سۇ ئىچكۈزدى. ئۇرۇش مەيدانىدىمۇ ئىنسانپەرۋرەلىكىنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا نامايان قىلدى.
ئەزىز قېرىنداشلار!
چاناققەلئە، پۈتۈن تاغۇ - تاشلىرى شېھىت گەۋدىلىرى بىلەن تۇلۇپ تاشقان بىر دىياردۇر. چاناققەلئە قۇرۇغلىقى بىلەن، دېڭىزى بىلەن بىر ئاينى (يەنى ئىسلامنى) قوغداش ئۈچۈن نى قوياشلار پاتقان مۇقەددەس جايدۇر. ئانادولىدىكى ھەر بىر جەمەتتىن، رۇمەلىنىڭ ھەر بىر رايونىدىن، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن، يەنى شام، باغدات، پەلەستىن، بىيرۇت، قاھىرە، كوسوۋا، ئۇسكۇپ ۋە سارىيىۋودىن كېلىپ، ئاخىرقى ئەھلى سەلىپلەرنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇش ئۈچۈن جان جېگەر قېرىنداش بولغان شېھىتلىرىمىزنىڭ دىيارىدۇر.
تىللىرى ئىرق – مىللەتلىرى شەھەرلىرى ۋە يۈرت - ماكانلىرى باشقا - باشقا، ئەمما ئىمانلىرى، ئىددىيەلىرى، ئىرادە ۋە غايىلىرى، نىيەت ۋە ھېسسىياتلىرى بىر بولغان، مۇجاھىت ئەسكەرلەر بىرلىكتە جان بەرگەن مۇقەددەس ماكاندۇر - چاناققەلئە!
خۇددى «جەنەتۇل بەقى» ۋە «جەننەتۇل مۇئاللا» مىسالى دۇنيانىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئەڭ مۇقەددەس شەھىتگاھلىقىدۇر - چاناققەلئە!
ئەزىز قېرىنداشلار شېھىتلىرىمىز بىزنىڭ ئىستىقبالىمىزدۇر. «تۇپراق ئەگەر ئۇنىڭ ئۈچۈن جان بەرگۈچى بولسا ۋەتەندۈر» دېگەن دوستۇرىمىز بويىچە بۇ تۇپراقلارنى بىز ئۈچۈن ۋەتەنگە ئايلاندۇرغان ئەنە شۇ ئۆلمەس شېھىتلىرىمىزدۇر. ئۇلارنىڭ ئۆچمەس نۇرى ۋەتىنىمىزنى، مىللىتىمىزنى تا ئەبەدكىچە يورۇتۇشنى داۋاملاشتۇرغۇسى.
مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ مەسئۇلىيتىمىز، ئۇلۇغ شېھىتلىرىمىزنىڭ ئەزىزانە ئەسلىمىلىرىنى رۇھ ۋە قەلب دۇنيايىمىزدا ياشىتىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار ئۆز جانلىرىنى تەقدىم قىلغان مۇقەددس قىممەت قاراشلىرىمىز ۋە مەنىۋى بايلىقلىرىمىزغا مەھكەم ئىگە چىقىشتىن ئىبارەتتۇر. خىيانەتكە كېرىپ قالماسلىق، مۇستەقىللىقىمىزنى چىش - تىرنىقىمىز بىلەن مۇداپىئە قىلىش، ئىستىقبالىمىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنى چاناققەلئە رۇھى بىلەن يېتىشتۇرۇش ۋە ھەر بىر غىرىچى شېھىت قانلىرى بىلەن سۇغۇرۇلغان بۇ جانى - جان تۇپراقلىرىمىزنى خەيرىلىك خىزمەتلەر بىلەن گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.
مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەمدى بىزنىڭ ئورۇنداشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسمىز، چاناققەلئەدە دەپنى قىلىنغان شېھىتلىرىمىزنىڭ ئەزىز روھلىرىدىكى ئۇ مۇھەببەت ۋە ئىتتىپاقلىقنى، ياش، قېرى، ئەر، ئايال، مەيلى شەرقلىق، مەيلى غەربلىك، مەيلى شىمال، مەيلى جەنۇپلۇق، پۈتۈن ئۈممەتكە چوڭقۇر ئۆلەشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. قېرىنداشلىقىمىزنى، بىرلىك ۋە بارارۋەرلىكىمىزنى بۇزۇشنى قەستلەپ يۈرگەنلەرگە شۇنداقلا ئارىمىزدا پىتنە پاسات ۋە مۇناپىقلىقنىڭ ئۇرۇقىنى چاچماقچى بولۇۋاتقانلارغا قەتئىي پۇرسەت بەرمەسلىكتىن ئىبارەتتۇر.
مانا بۈگۈنمۇ يەنە شۇنداق ئىمان، ئوخشاش غايە، ئوخشاش ئىرادە، ئوخشاش نىيەت، ئوخشاش ھېسسىياتقا ئىگە قېرىنداشلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تىنچلىق، خاتىرجەملىك، قېرىنداشلىق، ئادالەت ۋە ئەخلاق- پەزىلەتنى قايتىدىن ھاكىم قىلىش مەسئۇلىيىتىمىز بىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىمكى، مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تارىختىن ئىبرەت ئېلىپ، چاناققەلئە روھىنى بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە قېرىنداشلىق ئېڭىنى تېرىك ساقلاپ قالالايدىغانلا بولساق، بىز يېتىپ بارالمايدىغان ھېچ قانداق نىشان، ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان ھېچ قانداق بىر ئىش، ھەل قىلالمايدىغان ھېچ بىر مەسىلە قالمايدۇ. بىز پەقەت تەپرىقچىلىككە پاتمىساقلا بولىدۇ. خۇددى ئىستىقلال شائىرىمىز مۇھەممەت ئاكىفنىڭ:
«كىرمەي تۇرۇپ بىر مىللەتكە تەپرىقچىلىق،
دۈشمەن ھەرگىزمۇ كىرەلمەيدۇ ئاراسىغا،
يۈرەكلەر توپ توپ بولۇپ سوقىدىغان بولسا،
توپ ئوقلىرىمۇ چارىسىز ئۇنىڭ ساداسىغا»
دېگەن مىسرالىرىدا ئىپادىلەنگەنگە ئوخشاش سىپىمىز تېخىمۇ يىمرىلمەس ھالغا كېلىدۇ.
ئەزىز قېرىنداشلار!
شۇ مۇبارەك جۈمە ۋاقتىدا قېنى كېلىڭلار ھەممىمىز بىرلىكتە خۇددى چاناققەلئەدە مۇرىنى - مۇرىگە تېرەپ مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھېس ۋە تۇيغۇلىرىنى يۈرەكلىرىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ھېس قىلىپ باقايلى! ئاللاھتىن خۇددى ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاش كەلگىسىدىمۇ دائىم بىردەك ئىتتىپاق بولۇشنى تىلەيلى! ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىزغا مۇنۇ دۇئا بىلەن يالۋۇرايلى!
«ئى پەرۋەردىگارىمىز! گۇناھلىرىمىزنى ۋە ئەمەللىرىمىزدىكى ھەددىدىن ئېشىشلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن! قەدەملىمىزنى ئۆز يولۇڭدا مۇستەھكەم قىلغىن! كاپىر گۇرۇھلارغا قارشى بىزگە نۇسرەت ئاتا قىلغىن» (سۈرە ئال ئىمران 147 - ئايەت) ئامىن!


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر