«قايسى غەرب؟ قايسى ياۋروپا؟ »

تۆۋەندە پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

217662
«قايسى غەرب؟ قايسى ياۋروپا؟ »


«قايسى غەرب؟ قايسى ياۋروپا؟ »

ئىنسانلار دۇنيانى ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇملار بىلەن تونۇيدۇ ھەم ئىزاھلايدۇ. ئېلىپ بېرىلغان ئانالىزلارمۇ ئۇقۇملارغا بېرىلگەن قىممەتكە كۆرە ئىجابىي ياكى سەلىبىي بولىدۇ. بۇ باھالاشلار ئاساسىدا شەكىللەنگەن نەتىجىلەر بەزىدە ئەمەلىيەتكە زىت ياكى ناھەق تەسىرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. بۇ جەھەتتە ئەلۋەتتە نۇرغۇن مىساللارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇشۇ بىر ھەپتىدىن بۇيان ئالدىنقى پىلانغا چىقىۋاتقىنى غەرب، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئانالىزلار بولۇپ قالدى. ئەسلىدىغۇ بۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ئايرىم - ئايرىم تەتقىق قىلىش كېرەك ئىدى، بىراق بۇ يازمىمىز "غەرب" ئۇقىمىنىلا ئاساس قىلىدۇ. چۈنكى چارلى ھېبدۇ ھۇجۇمىدىن كېيىن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش غەرب ۋە غەربلىكلەرمۇ مۇنازىرە قىلىنىشقا باشلاندى. بۇ ئەھۋال ھۇجۇمنىڭ قانداقتۇر پارىژدا يۈز بەرگەنلىكىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مۇسۇلمان دۆلەتلەردىمۇ غەرب ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىجابىي ۋە سەلىبىي ئىزاھاتلاردىن شەكىللەندى، دېيىشكە بولىدۇ.
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
** ***** **** **** ***** ***** ****
"غەرب"نى ئانالىز قىلغىنىمىزدا ئومۇمەن غەربلىكلەرنىڭ ئىشغالىيەتچى، ئېمپىرىيالىست، تاجاۋۇزچى ۋە بۇزغۇنچى سىياسەتلىرى تەبىئىي ھالدا ئالدىنقى پىلانغا چىقىدۇ. چۈنكى غەرب دۆلەتلىرى تاكى 20 – ئەسىرگىچە لاتىن ئامېرىكا بىلەن ئافرىقىنى ئىنتايىن قەبىھ بىر شەكىلدە ئىشغالىيەت ئاستىدا ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىپ كەلدى. بۇ ئېكىسپىلاتاتسىيە دۇنيانىڭ نۇرغۇنلىغان رايونلىرىنى ئىقتىسادى، ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ۋەيران قىلىپ تاشلىدى. 20 – ئەسىرگە كەلگەندە بولسا، ياۋروپادا ئوتتۇرىغا چىققان ئىرقچىلىق، فاشىزم، ناتسىزم ۋە كوممۇنىزم ئىدىئولوگىيەلىرى، دۇنيا ئۇرۇشىنى مەيدانغا كۈلتۈردى ۋە سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلى بويىچە دۇنيانى ئىددىئولوگىيەلىك لاگىرلارغا بۆلۈپ تاشلىدى. ئاخىرىدا 21 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئافغانىستان، ئىراق، پەلەستىن ۋە باشقا رايونلاردا ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەۋج ئېلىۋاتقان ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمى ياۋروپانىڭ يېڭى بىر خىل ئىجتىمائىي ئىرقچىلىق ياكى ئايرىمچىلىق مەسلىسىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇ مەسىلىدە ئالدى بىلەن "غەرب" ئۇقۇمىنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى قىتئەگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق ئايرىپ قاراش چۇغراپىيە جەھەتتىنلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مۇشۇ يېرىم ئەسىردە غەربلىكلەرنىڭ يولغا قويغان تاشقى سىياسىتى جەھەتتىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
دەرۋەقە غەربتە بىر تەرەپتە قارا كۈچكە، ھەربىي چارە – تەربىرلەرگە ۋە ئىشغالىيەتكە تايانغان ئىمپېرىيە مودىلى، يەنە بىر تەرەپتە دېپلوماتىيە، قانۇن ۋە ئىقتىساد جەھەتتىكى يېقىنلىشىشنى ئالدىنقى پىلانغا قويىدىغان ماسلىشىش مودىلى بار. مەسىلەن يېڭى كونسېرۋاتىپ ھاكىمىيەت تۈزۈمىدىكى ئامېرىكا بىر تەرەپتىن ئافغانىستان ۋە ئىراقتىكىگە ئوخشاش ئوتتۇرا شەرقنىمۇ مەجبۇر ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن "ماسلىشىش مودىلى" بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىلغىنىغا ئوخشاش، ئۆزى خالىغان دۆلەتنى دېپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي چارىلەر ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە تىرىشماقتا. بۇنىڭ بىرىنچىسى بىرلا تەرەپلىك ۋە تولىمۇ دېكتاتور بىر پوزىتسىيە ھېسابلانسا، ئىكىنچىسى دىئالوگ ۋە ھەمكارلىقنى بەرپا قىلىشقا يۈزلەنگەن دېموكراتىك بىر پوزىتسيە ھېسابلىنىدۇ. بىرنچى خىل پوزىتسىيەدە قارشى تەرەپنىڭ ھېچ بىر سۆزىگە ئېتىبار بېرىلمەيدۇ، ئىككىنچى خىل پوزىتسىيەدە بولسا، قارشى تەرەپتىكلەرنىڭ قوللاشقا ئەرزىيدىغان پىكىرىلىرى بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ئاساسلىق ئورۇنغا چىقىدۇ.
"ماسلىشىش مودىلى" ھەم غايە، ھەم چارە نۇقتىسىدىنمۇ تۈرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتى ئارقىلىق ناچار ۋەزىيەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى نىشان قىلىدۇ. "دېموكراتىيە"، "كىشىلىك ھوقۇق"، "كۆپ سانلىقنى ئاساس قىلىش" قاتارلىق قىممەت قاراشلارنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ، بۇ جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى مەدەنىي بىر شەكىلدە ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ئىمپېرىيە مودىلى بولسا، قارشى تەرەپكە قىلچە ئېتىبار بەرمەستىن ۋە مەدەنىي ئۆلچەملەرگە پىسەنتمۇ قىلماستىن، مونوپول قىلىشنىلا خالايدۇ.
"غەرب ئۇقۇمى"غا ئالاقىدار يەنە بىر نۇقتا بولسا، ياروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەشكىللىنىشى بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىماسلىقتۇر. شۇڭا ئالدى بىلەن ياروپا ئەللىرى ياكى دۆلەتلىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تەشكىلىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەش لازىم. دەرۋەقە ياۋروپا ئىتىىپاقى، گەرچە ياۋرپا دۆلەتلىرىنىڭ تەشكىلاتى بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىگە خاس بىر كىشىلىكى، دۆلەتلەر ئۈستى بىر غايىسى، قىممەت قاراشىلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرى بار. ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ رىئال سىياسەتتىكى مەسىلىلىرى، قىيىنچىلىقلىرى ۋە يېتەرسىزلىكلىرىنى لېبىرال پەلسەپە ۋە قىممەت قاراشلار دائىرىسىدە ھەل قىلىپ بېرىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ خىل ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ھالقىغان، يېتەكچىلىك قىلىش كۈچىگە ئىگە ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا مەسىلەن فىرانسىيەنىڭ ياكى گېرمانىيەنىڭ ئىچكى – تاشقى سىياسەتلىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىش توغرا بولمايدۇ. فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە باشقا ھەرقانداق بىر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتنىڭ دۆلەتلىك، ئىچكى ياكى تاشقى سىياسەتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پەلسەپىسىگە ۋە نىشانلىرىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇشنى خالايدىغان ھەر قانداق بىر نامزات فىرانسىيەگە ياكى گېرمانىيەگە ئەمەس، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ تەشكىلاتتا فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ زور ئۈستۈنلىكى بار. لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەتلەر ھالقىغان ئۈستۈنلىكى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە تەسىرى ئۆتكۈز بىر كۈچكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ.
بۇ سەۋەبتىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدىكى ئوخشاش بولمىغان كۈلتۈرلەر ۋە خەلقلەرنىڭ ھەتتا مەدەنىيەتلەرنىڭ بىر يەردە بىرلىكتە ياشىيالىشى مۇمكىن بولغان بولۇپ، بىراق "ئېمپىرىيە مودىلى"دا بۇنىڭ مۇمكىن بولۇشى ئىنتايىن تەس. بۇ بىرلىكتە ياشاش پەلسەپىسى كۆپ سانلىقنى ئاساس قىلىش، مۇقىملىق ۋە تىنچلىقنى تەرەققىي قىلدۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقى يۈزسىدىن پەرقلىق مىللەتلەرنىڭ ۋە ئەنئەنىلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقى ۋە ماسلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەجرىبىسىنى بۇ خىل يوشۇرۇن قابىلىيەتكە ئىگە دېيىشكە بولىدۇ. نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىممىتى مانا بۇ نۇقتىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇنىڭ قىممىتى تەجرىبىلەر بىلەن ئىسپاتلانغان بولغاچقا ياۋروپا چۇغراپىيەسىدە ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر تىنچلىق دەۋرىنى بەرپا قىلىپ چىقالىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن تىنچلىقنى تەرەققىي قىلدۈرۈش نىشانىمۇ بار. تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشى بۇ نىشاننىڭ ئەڭ دەسلەپكى باشقۇچى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزالىقى مۇزكىرە قىلىنىۋاتقان بىر دۆلەت. بۇنىڭغا قوشۇمچە يەنە، ياۋروپا ئىتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئىسلام دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى دېئالوگىغا سەل قارىماسلىق لازىم. بۇ لايىھە غەرب ۋە ئىسلام مەدەنىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەر بىلەن ئۇقۇشماسلىقلارنى سۆھبەت ۋە ھەمكارلىق ئارقىلىق ھەل قىلىشنى بىلدۈرىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلەن ماسلاشتۇرۇش مودىلىنى ھەم ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بېسىمىدىن، ھەم ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمىغا ئوخشاش ئىجتىمائىي كولتۈر توزاقلىرىدىن ئۇزاق تۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭدا ئۇتۇققا ئېرىشەلەيدىغانلا بولسا، مەۋجۇتلۇقىنى بارغانچە مۇستەھكلىگەن شەكىلدە داۋاملاشتۇرالايدۇ. ئەگەر ئۇتۇققا ئىرىشەلمىگەن تەقدىردە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تارقىلىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى ئېنىق.
ئەزىز قېرىنداشلار، يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر