جۈمە خۇتبىلىرى (7)

ئىمان، يامانلىققا ۋە رەزىللىككە قارشى بىر قۇلۇپ، خەيرلىك ئىشلارغا ۋە گۈزەللىكلەرگە ئېچىلغان بىر پەنجىرە ھېسابلىنىدۇ. مانا بۇ پەنجىرىدىن نەزەر سالغىنىمىزدا ئەخلاق، ئادالەت، شەپقەت، مەرھەمەت، ھەققانىيەت، ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ – مۇھەببەتنى كۆرىمىز.

217661
جۈمە خۇتبىلىرى (7)

ئىمان


ئەزىز قېرىنداشلار!  ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز اﷲ دۇر» دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (اﷲ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر» دەيدۇ. (سۈرە فۇسسىلەت – 30 ئايەت)
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نىڭ بىرھەدىس شەرىپىدە مۇنداق دېيىلىدۇ:
«بۇ ئۇچ تۈرلۈك خۇسۇسىيەتكە ئىگە كىشى ئىماننىڭ تەمىنى تېتىيالايدۇ. 1 - ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدىغان، 2 - بىراۋنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا ياخشى كۆرىدىغان، 3 - ئاللاھ ئۇنى ئىمان بىلەن شەرەپلەندۈرگەندىن كېيىن كۇپىرغا قايتىشتىن خۇددى ئوتقا تاشلىنىشفان قاچقاندەكلا قاچىدىغان كىشى.» (مۇسلىم ئىمان بابى 67 – ھەدىس)
ئەزىز قېرىنداشلار!
ئىمان ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىنى ئۇنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىغان ھەققەتلەرنى قەلب بىلەن تەستىقلاش ۋە تىل بىلەن ئىقرارا قىلىش بولۇپ، ئىمان ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدا تۇغۇلىشىدىن ئىگە بولغان ساپلىق ۋە سۈزۈلۈكنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئۆز قوينىغا ئېلىشىنى، ھەمدە كىشىنىڭ قەلبىنى ياراتقۇچىسىنىڭ تەڭداشسىز قىممەتلىك سۆيگۈسىگە باغلاشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھقا بولغان بۇ سۆيگۈ ۋە باغلىنىش كىشىنى پىكىر بۇھرانلىرىدىن، نىيەتنىڭ بۇزۇقلىقىدىن، ئۈمىدسىزلىك، چېگىشلىك ۋە تەڭپۇڭسىزلىقلاردىن قۇتقۇزىدۇ. بۇ ئىلاھىي تۇيغۇ سايىسىدا ئىنسان ئاددى دۇنيا ھېسابلىرىدىن ھالقىپ، ھەم بۇ دۇنيادا، ھەم ئەبەدىي ئالەم ئۈچۈن بۈيۈك غايىلەرنىڭ ۋە چوڭقۇر چۈشەنچىلەرنىڭ بايراقدارىغا ئايلىنىدۇ.
ئەزىز قېرىنداشلار!
ئىماننىڭ تۈپ ئاساسىنى ئۇلۇغۋار بىر سۆيگۈ – مۇھەببەت شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ. ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېلىپ بارىدىغان يولدا، نۇرغۇنلىغان جاپا – مۇشەققەتلەرگە ئۇچرىشىمىز مۇمكىن. بىراق مۆئمىن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەيلى قانداقلا ئەھۋالغا دۇچ كەلمەيلى، ئۇنى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىزنىڭ «ساداقەت ۋە سەۋرچانلىقىمىزنى سىنىغانلىقى» دەپ چىن قەلبىمىزدىن قوبۇل قىلىمىز. ھەرگىزمۇ غەم - ئەندىشىگە ۋە ئۈمىدسىزلىككە پاتمايمىز. «سېنىڭ رەھمىتىڭمۇ بەلەن، غەزىپىڭمۇ ھەم» دېگەن سۆزدە ئىپادىلەنگەنكە ئوخشاش مۇككەممەل شەكىلدە ئاللاھقا ئۆزىمىزنى تاپشۇرغانلىقىمىزنى نامايان قىلىمىز. «سەجدە قىل ۋە پەۋەردىگارىڭغا يېقىنلاشقىن» دېيىلگەن سۈرە ئەلەقنىڭ 19 – ئايتىنىڭ تەقەززاسىغا ماس ھالدا پەرۋەردىگارىمىزغا چىن كۆڭۈلدىن سەجدە ۋە دۇئا قىلىمىز. رەببىمىزنىڭ ئۇلۇغ كىتابى قۇرئاندىكى بۇيرۇقلار ۋە چەكلىمىلەرگە رىئايە قىلىشنى ئەڭ كاتتا مەسئۇلىيىتىمىز دەپ بىلىمىز. مانا بۇ ئاڭ بىزدە ھەر دائىم مەۋجۇتلا بولىدىكەن، بىز بەندىچىلىكنىڭ، ئۆزىنى بېغىشلاشنىڭ ۋە ساداقەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەلللىسىگە چىقالايدىغان بولىمىز.
ھۆرمەتلىك قىرىنداشلار!
ئىمان يامانلىققا ۋە رەزىللىككە قارشى بىر قۇلۇپ، خەيرلىك ئىشلارغا ۋە گۈزەللىكلەرگە ئېچىلغان بىر پەنجىرە ھېسابلىنىدۇ، مانا بۇ پەنجىرىدىن نەزەر سالغىنىمىزدا ئەخلاق، ئادالەت، شەپقەت، مەرھەمەت، ھەققانىيەت، ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ – مۇھەببەتنى كۆرىمىز.
سادىق بىر ئىمان بىلەن قىلغان سۆز، ھېكمەتكە، سۈكۈت ۋە تەپككۈرغا، تىرىشچانلىق ۋە ئىبادەتكە، كۆز قاراش ۋە پاراسەتكە ئايلىنىدۇ. ئىنسان ھاياتى ئىسىل پەزىلەت، پاكلىق ۋە ئىنچىكىلىككە چۆمۈلىدۇ. دوستلۇقلارمۇ ۋاپادارلىق، قىرىنداشلىق، ئىخلاس ۋە سەمىمىيەتكە تولغان بولىدۇ. چىھرىلەردە شىرىن تەبەسسۇملار پارىلاشقا باشلايدۇ. دەرت – ئەلەملەر ئورتاق بولىدۇ. مۇھتاجلارنىڭ ۋە چارىسىزلارنىڭ دەردىگە دەرمان، سۆيۈنۈشلەرمۇ ئورتاق، كىچىكلىرىمىز سۆيگۈگە ۋە بۈيۈكلىرىمىز ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ.
سادىق بىر ئىمان بىلەن ئىنساننىڭ نەپسى تەربىيەلىنىدۇ ۋە پاكلىنىدۇ. ئائىلىلەر خاتىرجەملىك ۋە خوشاللىقنىڭ ماكانىغا ئايلىنىدۇ. بالىلار مېھرى - شەپقەت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ياشلار كەلگۈسىگە ئىشەنچ بىلەن باقىدىغان بولىدۇ ۋە ھوزۇر - ھالۋەتنى ئىماندىن تاپىدۇ. ھەممەيلەن بىر – بىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقىغا رىئايە قىلىشىنى ئىمانىي ۋە ئىنسانىي مەجبۇرىيەت دەپ قوبۇل قىلىدۇ.
كامىل بىر ئىمان بولغاندا سۆيگۈلەرمۇ، ئۆزگىلەرمۇ ۋە مەدھىيەلەرمۇ... ھەممىسى ئاللاھ ئۈچۈن بولىدۇ. ئىنسانلار بىر - بىرىنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيىدۇ. ئاللاھ ئۈچۈن ئەپۇ قىلىدۇ. ئاللاھ ئۈچۈن ياردەملىشىدۇ، ئاللاھ ئۈچۈن ئورتاقلىشىدۇ، ئاللاھ ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىدۇ.
قېرىنداشلار!
بىز مۆمىنلەرنىڭ ۋەزىپىمىز مانا شۇنداق قەتئىي بىر ئىمان، ئاڭ ۋە بىغىشلىنىشنى قەلبىمىزنىڭ تەكتىگە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھقا مۇكەممەل بىر سۆيگۈ ۋە باغلىنىشنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ھەر دائىم چۈشەنچىلىرىمىزنى تېخىمۇ خالىس، ئىبادەت ۋە ئىتائتلىرىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، پوزىتسىيە ۋە مۇئامىلىمىزنى تېخىمۇ ئۈلگىلىك ھالغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. بەندىچىلىكىمىز ۋە ئەخلاقىمىزنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.
شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىمكى، بۇنىڭغا غەيرەت قىلىدىغانلا بولساق، ئۇ چوقۇم بىزنى ئاللاھنىڭ سۆيگۈسى ۋە دوستلۇقىغا سازاۋەر قىلىدۇ. ئۆزىمىزدە، ئائىلىمىزدە، مەھللىمىز ۋە خىزمەت ئورنىمىزدا جۈملىدىن پۈتۈن بىر جەمئىيەتتە خاتىرجەم، ھوزۇر - ھالەۋەتلىك بىر مۇھىت يارىتىلىدۇ. ئاللاھقا بولغان ئىمان، تەسلىمىيەت ۋە قۇللۇق يولىدىكى تىرىشچانلىقىمىز بىزنى جانلىق، تېرىك بىر مىللەتكە ئايلاندۈرۇپ، مۇستەھكەم سىپىللارغا ئوخشاش دائىم تىك تۇتۇپ تۇرىدۇ.
خۇتبىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر دۇئاسى بىلەن ئاخرىلاشتۇرماقچىمىز.
ئاللاھىم بىزگە ئىماننى سۆيدۈرگىن، قەلبلىرىمىزنى ئىمان بىلەن زىننەتلىگىن، بىزگە كۇپۇرلۇق ۋە ئىسيانكارلىقنى سۆيدۈرمە! يىرگىنىشلىك كۆرسەتكىن، بىزنى توغرا يولدا بولغانلاردىن قىلغىن» ئامىن!!! (ئىبنى ھەنبەل 3 – جىلد 424 – ھەدىس)

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر