تۈرك كۈلتۈرىدە ھەدىيەلىشىشكە ئالاقىدار قاراشلار

ھەدىيەلىشىش يالغۇز تۈرك كۈلتۈرىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن كۈلتۈرلەردە كۆرۈلگەن ئالەمشۇمۇل بىر كۈلتۈر قېلىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

161678
تۈرك كۈلتۈرىدە ھەدىيەلىشىشكە ئالاقىدار قاراشلار

تۈرك ئۆرپ – ئادەتلىرى - 50
تۈرك كۈلتۈرىدە ھەدىيەلىشىشكە ئالاقىدار قاراشلار

ھەدىيەلىشىش يالغۇز تۈرك كۈلتۈرىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن كۈلتۈرلەردە كۆرۈلگەن ئالەمشۇمۇل بىر كۈلتۈر قېلىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىراق ھەدىيەنىڭ بېرىلىدىغان ۋاقتى ۋە شەكلى ھەر قايسى كۈلتۈرلەردە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ھەدىيە ھېچ قانداق بەدەل كۈتمەستىن قەلب ئارزۇسى بىلەن بېرىلىدۇ, ھەدىيە دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، مۇھىم كۈنلەرنى ئەسلىتىش ۋە ئۆزئارا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن بېرىلىدۇ. ئىسلام دىنىمۇ ھەدىيەلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزئارا ھەدىيە ئالماشتۇرۇشقا بۇيرىيدۇ. ھەدىيە بېرىش ئىنسانلار ئوتتۇرىسدىكى سۆيگۈ - مۇھەببەتنى كۈچلەندۈرىدۇ. تۈرك كۈلتۈرىدە ئىسلامدىن ئىلگىرى ۋە كېيىنمۇ ھەدىيەلىشىش ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى مەنبەلەرگە قارايدىغان بولساق، كۈلتۈرىمىزدىكى ھەدىيەلىشىشنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ راۋاجلامغانلىقىنى ۋە تۈرك كۈلتۈرىنىڭ ئوبرازلىق خۇسۇسىيىتىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
قۇرئان كەرىمدە «بىر - بىرىڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشلىق قىلغۇچىلارنى سۆيىدۇ» «ئاللاھ ساڭا ئىھسان قىلغانغا ئوخشاش سەنمۇ ئىھسان قىل» دەپ بۇيرۇلغان بولۇپ، ھەدىيەلىشىش ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرۈدىغان ئەخلاق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەزرەتى مۇھەمەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن ھەدىيەلىشىش كېرەكلىكىنى بۇيرىغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھەزرەتى ئائىشە رەزىيەلاھۇ ئەنھۇمۇ «رەسۇللاھ ھەدىيە قوبۇل قىلاتتى ۋە قايتۇرىقىنىمۇ قىلاتتى» دېگەن ئىدى. يەنە بىر ھەدىستە «سىلەردىن بىرەر كىشى سەپەردىن قايتسا ئائىلىىسگە ھەدىيە ئېلىپ كەلسۈن» دېيىلگەنلىكىنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى كۈلتۈر بايلىقلىرىنىڭ راۋاجلاندۈرۇلىشىغا مۇناسىرەتلىك بولىدۇ. ئەنە شۇنداق بايلىقلاردىن بىرسى ھېسابلىنىدىغان ھەدىيەلىشىش تۇغۇت، سۈننەت تويى، قىزلىقنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە بېرىش، ئۈزۈك سېلىش، توي ۋە ھېيت - ئايەم قاتارلىق كىشى ۋە جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەردە كۆڭۈلنى ئۇتۇش ھەمدە ئەسلىتىشنىڭ مۇھىم ۋەسىلىسى ھېسابلىنىدۇ. تۈرك كۈلتۈرى ئىچىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ھېسابلىنىدىغان ھەدىيەلىشىش، ئەنئەنىۋىي بايلىقلىرىمىزنىڭ كاتتا ھالقىسىدىن شەكىلەنگەن دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا ئىنسانلار بىرسىنى ئەسلىگەنلىرىدە ياكى بىر – بىرىنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولغانلىرىدا ھەدىيە بېرىدۇ ياكى ھەدىيە ئالىدۇ.
*** ** **** *** ** **** *** *** *****
ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك كۈلتۈرىدە خانلار، خاقانلار بەگلەر ۋە بايلار تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان قۇتلۇقلاش مۇراسىملىرىدا ماللىرىنى مۇراسىمغا كەلگەن كىشىلەرنىڭ بۇلاڭ - تالاڭ قىلىۋېلىشىغا قويۇپ بېرەتتى. بۇ گويا مال ئىگىسىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ماللىرىنى ھەدىيە قىلغانلىقى ھېسابلىناتتى. ئوسمانلى سارىيىدا ۋە مېھمان خانىلىرىدا بولۇپمۇ رامىزان ئايلىرىدا ئىپتاردىن كېيىن "چىش ئۇپراش ھەققى" دېيىلىدىغان ھەدىيە بېرىلەتتى. چوڭ كاتتا ئىپتارلاردا بولسا، "زىياپەتلىك تالان" دېيىلىدىغان بىر خىل پائالىيەت ئۆتكۈزۈلەتتى. بۇمۇ ھەدىيەنىڭ بېرىشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى ئىدى.
قەدىمقىي تۈركلەردە يېڭى يىلنىڭ بېشىدىن ۋە باھار بايرىمى سۈپىتىدە تەبرىكلىنىدىغان 21 - مارت نەۋرۇز بايرىمىدا ھەممەيلەن كېچىك بولسىمۇ يېقىن يورۇقلىرىغا ھەدىيە ئالاتتى. ئوسمانلى سارىيىدىمۇ نەۋرۇزلۇق ھەدىيەلىشىش ئەنئەنىسى داۋاملاشقان ئىدى. پادىشاھ ۋە ۋەزىرى ئەزەم سارىيادىكى خىزمەتچىلەرگە نەۋرۇزىيە دەپمۇ ئاتىلدىغان ھەدىيە تارقىتىلاتتى. ھەتتا دۆلەت ئەمەلدارلىرىمۇ پادىشاھقا نەۋروزىيە دەپ ئاتىلدىغان ھەدىيەلەرنى تەقدىم قىلاتتى. كېيىنچە دۆلەت ئەرباپلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەدىيەلىشىلەردە كېيىم - كېچەك، قىممەتلىك تاش ۋەھەكازالارنىڭ ئىشلىتىشكە باشىلغانلىقى مەلۇم.
تۈرك كۈلتۈرىدە ھەدىيەنىڭ ماددى تەرىپى ئانچە مۇھىم ھېسابلانمايدۇ. مۇھىم بولغىنى كىشنى ئەسلەپ ھەدىيە ئېلىشتىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا «يېرىم ئالما، كۆڭۈل ئالما، دوستۇم ئەسلەيدىغانلا بولسا، مەيلى بىر ئالما بوسىمۇ بولسۇن» دەيدىغان ماقال - تەمسىللەر بار ئىدى. تۈرك كۈلتۈرىدە تۈرمۈشنىڭ ھەممىلا ساھەلىرىدە دېگۈدەك ھەدىيەلىشىشنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ھاياتنىڭ باشلانغۇچى بولغان تۇغۇلۇشتىن ئۆلۈمگىچە، بوۋاقلاردىن تارتىپ، ئائىلە يېقىنلىرى، خۇلۇم خوشنا ۋە ئائىلە بۈيۈكلىرىگىچە ھەدىيەلىشىدىغان ئەنەنە ساقلىنىپ كەلمەكتە.
قىسقىسى ئۆتمۈشتىن كۈنىمىزگە قەدەر داۋملىىشىپ كېلىۋاتقان ھەدىيەلىشىش پەيتلىرىگە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ يېڭى يېڭىلىرى قوشۇلۇپ تېخىمۇ بېيىماقتا. مەسىلەن يېڭى يىلدا، تۇغۇلغان كۈنىدە، ئۆيلەنگەن خاتىرە كۈنىدە، ئانىلار كۈنىدە، دادىلار كۈنىدە، ياكى بىر كىشىنىڭ ئەمەلىي ئۆسكەندە، ۋەياكى قىلىۋاتقان خىزمىتىدىن پىنسىيەگە چىققاندا ھەدىيە بېرىش شۇلار قاتارىدا سانىلىدۇ..
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! يۇقىرىدا غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلىمى ئوقۇتقۇچىسى دوچەنت دوكتۇر فاتىمە ئەھسەن تۇران تەرىپىدىن تاييارلانغان تۈرك – ئۆرپ ئادەتلىرى ناملىق پىروگراممىمزنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر