تۈرك كۈلتۈرىدە ئىت، مۈشۈك ۋە غازغا ئالاقىدار قاراشلار

ئەزىز قېرىنداشلار! ئىككى ھەپتىدىن بۇيان تۈرك خەلقىنىڭ ھايۋاناتلارغا ئالاقىدار ئەقىدە ۋە قاراشلرىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتىمىز، بۈگۈنكى پىروگرامىزدا يەنە ئىت، مۇشۇك ۋە غازغا ئالاقىدار قاراشلارنى ئاڭلىتىمىز.

143934
تۈرك كۈلتۈرىدە ئىت، مۈشۈك ۋە غازغا ئالاقىدار قاراشلار

تۈرك ئۆرپ – ئادەتلىرى - 49
تۈرك كۈلتۈرىدە ئىت، مۈشۈك ۋە غازغا ئالاقىدار قاراشلار

ئەزىز قېرىنداشلار! ئىككى ھەپتىدىن بۇيان تۈرك خەلقىنىڭ ھايۋاناتلارغا ئالاقىدار ئەقىدە ۋە قاراشلرىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتىمىز، بۈگۈنكى پىروگرامىزدا يەنە ئىت، مۇشۇك ۋە غازغا ئالاقىدار قاراشلارنى ئاڭلىتىمىز.
قەدىمقىي رىۋايەتلەردە، ئىت ھەققىدە مۇنداق مەلۇماتلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ:
تەڭرى ئىنساننى يارىتىپ، ئىتنى ئىنسان بەدىنىنىڭ يېنىدا مۇھاپىوەتچىلىككە تەيىنلەپتۇ. "ئەرلىك" يەنى شەيتان ئىتنى ئالداپ، ئۇنىڭغا قىشتا كېيىپ، يازدا سېلىپ تاشلىسا بولىدىغان بىر تېرە چاپان بېرىشكە ۋەدە بېرىپتۇ بۇنىڭ بەدىلىگە ئىنساننى يالغۇز تاشلاپ قويۇشنى تەلەپ قىپتۇ. ئىت ئىنسانلارنى شەيتانغا يالغۇز تاشلاپ قويغانلىقى تۈپەيلىدىن تەڭرىنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ، تېرە چاپىنىنى يازدا سالالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ.
ئانادولۇدا ئىتقا ئالاقىدار نۇرغۇنلىغان رىۋايەت ۋە قاراشلار مەۋجۇت. ئىت ئىگىسىگە ئەڭ سادىق ھايۋان بولغانلىقى ئۈچۈن ئانادولۇدىكى ھەر قانداق باغچىسى بولغان ئۆيدە چوقۇم ئىت بولىدۇ. بىراق "ئىت كىرگەن ئۆيگە مالائىكىلەر كىرمەيدۇ" دەيدىغان قاراش كەڭ ئۇمۇملاشقان بولغاچقا ئىت ھەرگىزمۇ ئۆينىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. ئىتنىڭ بېشىنى ئاسمانغا قىلىپ بۆرىگە ئوخشاش ھۇلىشى بىرەر يامانلىقنىڭ بىشارىتى دەپ قارىلىدۇ. ئەزان ئوقۇلۇۋاتقان ۋاقتىدا ئىتنىڭ قاۋىشى "ئۆلۈمنىڭ خەۋەرچىسى" دېيىلىدۇ. ئىتنىڭ سەۋەپسىز قاۋىشى بولسا، يەر تەۋرەشنىڭ بىشارىتى دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ئانادولۇدا ئىت يەر تەۋرەشنى ئالدىن ھېس قىلالايدۇ" دېگەن قاراش كەڭ ئومۇملاشقان دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
**** ** **** *** ***** ** ** **** ***
ئىتتىن قورقايدىغان ئىنساننىڭ ئىچىدە باشقا خۇسۇسىي بىر قورقۇنچىسى بارلىقى، ئىت بۇنى ھېس قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنداق كىشىگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. ئانادولۇدا ئىتتىن قورقايدىغان كىشىنىڭ قورقۇنجىسىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن "يەتتە قېرىنداش ئوتى" دېيىلىدىغان ئۆسۈملۈكنى سۇغا چىلاپ ئىتتىن قورقايدىغان كىشىگە ئىچكۈزىدىغان ئادەت ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇلاردىن باشقا يەنە ئىت ئايغا قاراپ قاۋىسا، ھاۋانىڭ سويۇپ كېتىدىغانلىقىنىڭ، ئەگەر ئىت ئوڭدا يېتىپ يۇمىلاڭلىسا، يامغۇرلۇق ھاۋا كېلىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر ئىت جىنازىنىڭ ئارقىسىدىن قاۋىسا، شۇ كوچىدىن يەنە بىر جىنازە چىقىدۇ دېيىلىدۇ. ھەتتا ئىتنىڭ كۆزىدە پەردە بولمايدىغانلىقى ۋە ئەزرائىلنى كۆرەلەيدىغانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. ئىتلار ئەگەر بىرەر ئۆينىڭ ئىشىكىگە قاراپ قاۋىسا، ئۇ ئۆيدە بىرەر كىشىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى دەپمۇ ئىزاھلىنىدۇ.
** *** **** ** *** ***** **** **** **
ئانادولۇدا ئىتقا ئوخشاشلا سۆيىلىدىغان ۋە ئۆينىڭ ئىچىدە بېقىلىدىغان يەنە بىر ھايۋان مۈشۈك بولۇپ، ئەسلىدە ئانادولۇ خەلقىنىڭ ھايۋانلارغا بولغان، سۆيگۈ ـ مۇھەببىتى ۋە كۆيۈم ـ شەپقىتىنىڭ ئاساسىنى ئىسلامنىڭ ھايۋانلارغا بەرگەن قەدىر ـ قىممىتى شەكىللەندۈرگەن دېيىشكە بولىدۇ. پەيغەمبەر ئلەيھىسسالامنىڭ مۈشۈككە بولغان سۆيگۈسىمۇ ئىسلامنىڭ ھايۋانلارغا بولغان قارىشىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ. ھەدىسلەردە ھايۋانلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئەجرى بارلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ "يەر يۈزىدىكى مەخلۇقاتلارغا ئىچى ئاغرىمىغان كىشىگە كۆكتىكىلەرنىڭمۇ ئىچى ئاغرىمايدۇ. مەرھىمىتى يوق كىشىگە مەرھىمەت قىلىنمايدۇ" دېگەن مەشھۇر ھەدىسىمۇ بار.
ئىسلامدا مۈشۈك بېقىش سۈننەت بولۇپ، پيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇھۇد ئۇرۇشىدا ئۇچرىغان ۋە ئاسلانلىرىنى ئېمىتىۋاتقان مۈشۈكنى كۆرۈپ ئۇنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىرلەرنى ئالغان ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇ مۇشۇكنى بېقىۋېلىپ ئىسمىنى "مۇئەززا" دەپ قويغان ئىدى. مۇئەززانىڭ ئېغىزىنىڭ ئىچىدە ۋە تامىقىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدا مېڭى بار بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئېغىزىدا مېڭى بولغان مۈشۈك "مۇئەززا"نىڭ ئىرقىدىن كەلگەن دەپ ئەتىۋارلىنىدۇ. "مۇئەززا"نى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنتايىن ياخشى كۆرگەنلىكى ۋە ئەسراپ قوغدىغانلىقى ئەتراپىدىكى ساھىبىلىرى ۋە يېقىن – يورۇقلىرى تەرىپدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ.
بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۈشۈكى "مۇئەززا"يەكتىكىنىڭ ئۈستىدە ئوخلاپ قالغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۈشۈكنى ئويغۇتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن يەكتىكىنىڭ پىشىنى كېسىپ ئورنىدىن تۇرغانلىقى، دائىم دېگۈدەك مۈشۈكلەرنىڭ دۇمبىسىنى سىلايدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
ئابدۇررەھمان بىن شەھىر ئىسملىك بىر ساھەبە كوچىدا قالغان مۈشۈكلەرنى ئۆيىگە ئاپىرىپ، يېمەك – ئىچمەك بېرىپ بېقىپ، ئاسرايدىكەن. بىر كۈنى ئۇ كىشى كوچىدا بىر ئاسلاننى ئۇچرىتىپ، ئۇنى ئېلىپ قايتىۋاتقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ. ئۇ «پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ بىر نەرسە دەرمۇ؟» خىيال بىلەن مۈشۈكنى يوشۇرىۋاپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام توننىڭ ئاستىدا نېمىنى يوشۇرۇۋاتىسەن؟ دەپ سوراپتۇ، ئۇ مۈشۇكنى چىقىرىپ كۆرسىتىپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاسلاننى ئەكىلىتىپ، ئاندىن ساھابىگە «بۇنىڭدىن كېيىن خېجىل بولۇپ يۈرمە، سەن مۈشۈكنىڭ دادىسىسەن» دەپتۇ. شۇنىڭىن كېيىن ئۇ ساھابى "مۇشۇكنىڭ دادىسى" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان "ئەبۇ ھۇرەيرە" دەپ ئاتىلىشقا باشلاپتۇ. ساھابىلەرنىڭ ۋە نۇرغۇنلىغان ئاتاقلىق ئالىم ئەۋلىيالارنىڭ ئۆيلىرىدە مۈشۈك باققانلىقى تارىخي مەنبەلەردە خاتىرلەنگەن بولۇپ، ئانادولۇدىمۇ مۈشۈك ھەققىدە نۇرغۇنلىغان رىۋايەتلەر بار.
بۇ رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا ساددا سېرىق رەڭلىك مۈشۈك بىلەن ئالا رەڭلىك مۈشۈك ياخشى مۈشۈك، ئالىسى يوق قارا مۈشۈك يامان ۋە شۈملۈق چىللايدىغان مۈشۈك دەپ قارىلىدۇ. ئىككى يېقىن دوست قىيىدىشىپ قالغان ئەھۋالدىمۇ «ئىككى دوستنىڭ ئارىسىغا قار مۈشۈك كىرىپتۇ» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئىتنىڭ دەل ئەكسىچە مۈشۈكنىڭ تۇزكور ئىكەنلىكى ۋە ياخشىلىقنى ئىنتايىن تېز ئۈنتۇپ قالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. ئالا مۈشۈكنىڭ بېشىدا ئەگەر 5 قارا سېزىق بولسا، ئۇ مۈشۈكنىڭ بېشىغا پەيغەمبەرنىڭ قولى تېگىپتۇ، دەپ قارىلىدۇ. قاراڭغۇلۇقتا ئىنسانلارنىڭ ئالدىغا چىققان مۈشۈكنىڭ شۈملۈق چىللايدىغانلىقى ھەمدە بۇنداق مۈشۈكنى تاش ئېتىپ قوغلاش، ئۇرۇپ، ئازارلاش، ئاچ ۋە سۇسىز تاشلاپ قويۇشنىڭ ئىنتايىن يامان ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
ئەگەر مۈشۈك پەنچىسى بىلەن يۈزىنى سۈرتسە، ئۇنىڭ قارىغان تەرىپىدىن مېھمان كېلىدۇ، دېيىلىدۇ، ئەگەر مۈشۈك پەنچىسىنى يالاپ تۇرۇپ يۈزىنى سۈرتسە، «مۈشۈك تاھارەت ئېلىۋاتىدۇ» دەپ قارىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلىرىدە يېڭى ئۆيگە كۆچۈشتىن ئىلگىرى بىر مۈشۈكنى ئېلىپ كېلىپ قويۇپ بېرىدىغان ۋە مۈشۈك ئۇ يېڭى ئۆيگە كىرسە، ئۇ ئوي خوشاللىققا چۆمىدۇ، كىرمىسە ئۇ ئۆيدە شەيتان بار، دەپ قارايدىغان ئەقىدە كەڭ ئومۇملاشقان. ئىسلامنىڭ ھايۋاناتلارغا ئالاھىدە قىممەت بېرىشى ۋە پەيغەمبەر ئەليھىسسالامنىڭ مۈشۈككە كۆرسەتكەن مەرھىمىتى، مېھرى مۇھەببىتى ئانادولۇ خەلقىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ھەتتا بىر مۈشۈكنى ئۆلتۈرگەن ئادەمنىڭ جازاسى 7 جامە سالدۇرۇش دەپمۇ بەلگىلەنگەن ئىدى.
** *** **** **** ***** ** **** ****
غازنىڭمۇ تۈرك كۈلتۈرىدە ئۆزگىچە ئورنى بار، غاز بەزى تۈركىي خەلقلەردە مۇقەددەس بىلىنىدۇ. غاز يارىتىلىش رىۋايەتلىردىمۇ ئورۇن ئالغان بولۇپ، شامانلارنىڭ كۆك يۈزىگە چىقىشىغا ياردەم قىلىدۇ. شامانلارنىڭ ئىبادەتلىرىكى مۇھىم ئەسلىھەلىرىدىن بىرسى بولغان داپنىڭ ئۈستىدىمۇ غازنىڭ رەسىمى بولىدۇ. غازغا ئالاقىدار ئەقدىلەر تۈركلەرنىڭ ئىسلامدىن ئىلىگىرىكى ئېتىقادىدىن كەلگەن بولۇپ، ئەمدىلىكتە ئىسلامىي بىر كىملىككە ئىگە قىلىنغان شەكىلدە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئانادولۇدىكى تاختىچى تۈركمەنلەردە بۈگۈنكى كۈندىمۇ "غاز يىغى" دەپ ئاتىلىدىغان نەقىش ۋە سىمۋوللارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
شۇنىڭدەك تاختىچى تۈركمەنلەرنىڭ غازغا بولغان سۆيگۈسى دىنىي ئەقىدىسىنى ئاساس قىلغان. تاختىچى تۈركمەنلەرنىڭ قارىشىچە، ھەزرەتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى تۈنجى بولۇپ غاز ھېس قىلغان. ھەزرەتى ئەلى سۈيقەستكە ئۇچرايدىغان كۈنى مەسجىدكە ماڭغاندا ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ باغچىسدىكى غازلار ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئالدىن ھېس قىلالىغان بولغاچقا يولىنى توسىۋېلىپ، كېيىمىنى چىشلەپ تارتقان. مانا بۇ ۋەجىدىن تاختىچى تۈركمەنلەر ئارىسىدا غازنى ئاۋلاش گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. غاز ئۆلۈم بىلەن باغلىنىشلىق دەپ قارالغانلىقى تۈپەيلى مانا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئانادولودا بىرەر ئوينىڭ ئالدىدىن غازلار ۋاقىراش ھالدا ئۇچۇپ ئۆتسە، ئۇ يەردىن بىرسىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىغا ئىشارەت دەپ قارىلىدۇ. دېمەك قەدىمقى ئىتىقادلاردىن قالغان بۇ خىل ئەقىدىلەر ئەملىكتە ئىسلام بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن شەكىلدە داۋملاشماقتا.
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! يۇقىرىدا غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلىمى ئوقۇتقۇچىسى دوچەنت دوكتۇر فاتىمە ئەھسەن تۇران تەرىپىدىن تاييارلانغان تۈرك – ئۆرپ ئادەتلىرى ناملىق پىروگراممىمزنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

 

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر