كىشىلىك ھوقۇق كۈنى

تۆۋەندە 10 - دېكابىر، كىشىلىك ھوقۇق كۈنىگە ئاتاپ تەييارلىغان مەخسۇس پىروگراممىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

143925
كىشىلىك ھوقۇق كۈنى

بۈگۈن 10 - دېكابىر، كىشىلىك ھوقۇق كۈنى

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! دەرۋەقە، كىشلىك ھوقۇقتىن سۆز ئېچىلغان ھەرقانداق چاغدا ئىنساننىڭ ئەقلىگە قانچە مىڭلىغان كشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى كەلمەي قالمايدۇ. ئەپسۇسكى، بۇنداق مىساللارنى ھېچقانچە جاپا تارتمايلا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك، شۇ قەدەر كۆپ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇكى، ھەتتا غەرب ئەللىرىنىڭ كۈچمەنلەرگە قاراتقان ئايرىمچىلىق سىياسەتلىرىدىن تارتىپ، ۋەكىللىك قىلالماسلىق، گەرەژدانلىق ھەق - ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش قاتارلىق ئەڭ ئاددىي كىشىلىك ھوقۇقلارنىڭ دەپسەندىچىلىكلىرىدىن سۆز ئېچىشقا نۆۋەتمۇ كەلمەي كەلمەي قالىدۇ. پەقەتلا ھەر قايسى دۆلەت ۋە ۋەزىيەتلەرگە قاراپ بۇ خىل مىساللارنىڭ ماھىيىتى ۋە خاراكتېرى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. قېنى ئەمىسە ئالدى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىگە بىر قاراپ چىقايلى.
ئەسلىدە "كىشىلىك ھوقۇق" دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئىلگىرى بەزى ھۆججەتلەردە ئاز - تولا ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان رەسمىي بىر تېرمىنگە ئايلىنىشى 1948 - يىلىدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق باياننامىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن باشلانغان ئىدى. شۇڭا بۇ كىشىلىك ھوقۇق باياننامىسىغىمۇ بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.
باياننامىنىڭ 1 - ماددىسغا كۆرە، پۈتۈن ئىنسانلار ئەركىن، ھەق - ھوقۇق، غۇرۇر ۋە شان - شەرەپ جەھەتتىن تەڭ باراۋەر تۇغۇلغان شۇنداقلا باراۋەر ئەقىل ۋە ۋىجدانغا ئىگە ھېسابلىنىدۇ.
باياننامىدىكى بۇ ھوقۇق، مۇئەييەن بىرەر ئىرق، تەن رەڭگى، جىنسى، تىلى ۋە دىنى، كوللىكتىپ ياكى باشقا خۇسۇسىي ھەرقانداق بىر ئېتىقادى، قايسى دۆلەتتىن بولۇشى ياكى ئىجتىمائىي كېلىپ چىقىشى ۋەياكى باي، كەمبەغەللىكى... مەيلى نېمىلا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، مەزكۇر ھەق - ھوقۇققا تولۇق ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ھەتتا بۇنىڭ دائىرىسى شۇ قەدەر كەڭ ئىكەنكى، كىشى مەيلى مۇستەقىل دۆلەتنىڭ ۋە ياكى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەتتا ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان بىرسى بولىشىدىنمۇ قەتئىينەزەر، يۇقىرىقى ھەق - ھوقۇقتىن ۋە ئەركىنلىكلەردىن تولۇق بەھىرمەن بولالايدۇ ھەمدە يەنە بۇ كىشىلىك ھوقۇقنى ھېچبىر شەكىلدە دۆلەت ئورگانلىرىغا ياكى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.
*** ** ** **** *** ** *** **** *** ** *
تىنچلىقنى مەقسەت قىلغان پائالىيەتلەر ئۈچۈن بىر يەرگە توپلىشىش، جەمئىيەت ياكى تەشكىلاتلارنى قۇرۇش، توي قىلىش، مال - مۈلۈككە ئىگە بولۇش، خىزمەت تاللاش ئەركىنلىكى، دىن ۋە ۋىجدانىنى ئىپادىلەش ئەركىنلىكى... قاتارلىقلارمۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق باياننامىسىنىڭ نۇقتىلىق ئاساسلىرىنى تەشكىل قىلغان ئامىللار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
باياننىمىنىڭ 30 - ماددىسىدا "بۇ باياننامىنىڭ ھېچبىر يىرىنى، تىلغا ئېلىنغان ھېچ بىر ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكىنى قانداقتۇر بىرەر دۆلەت، جەمئىيەت ياكى شەخىسنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى مەقسەت قىلغان پائالىيەتلىرىگە ۋەياكى ئۇرۇنۇشلىرىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ ھەتتا ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ ئىزاھلاشقىمۇ بولمايدۇ" دېگەن تېخىمۇ ئۆزگىچە بىر ھۆكۈم ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يەنى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقىنى ئىشلەتكەن چاغدا باشقىلارنىڭمۇ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ئاساس قىلىنىدۇ.
گەرچە بۇ باياننامىنىڭ ھۆكۈملىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئەپسۇسكى، يەنىلا دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدىن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلكلىرىنىڭ خەۋەرلىرى ئۈزۈلمەي كېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
مانا ھازىر تۈركىيەگە قوشنا چېگرىداش دۆلەتلەردىن بىرسى بولغان سۈرىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر، سۈرىيە خەلقىنىڭ بۇ ئىچكى ئۇرۇشتا قانداق ئىچىنىشلىق ئازابلارنى باشتىن كەچۈرىۋاتقانلىنىڭ جانلىق پاكىتى سۈپىتىدە خەۋەرلەرنىڭ باش تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە. ئەپسۇسكى، ئۇرۇش، تۇقۇنۇش ۋە قوزغىلاڭ كۆپ يۈز بېرىۋاتقان جايلاردا ئايال، كېچىك بالا، قېرى، ياش دېمەستىن ئىنسانلار ئىنتايىن ئېغىر تىرادېگىيەلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. مىڭلىغان ئىنسانلار ھېچقانداق مۇناسىۋەتلىرى بولمىغان تۇرۇقلۇقمۇ بۇ ئۇرۇش - تۇقۇنۇشلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالماقتا. بەزىلىرى ھەتتا دۇنياغا كۆزمۇ ئاچماستىن، يەنە بەزىلىرى دۇنيا كېلە - كەلمەي تۇرۇپلا دۇنيا بىلەن ۋىدالاشماقتا.
** ** ** ***** **** ****** *** ****
دېمەككى، خەلقئارا كىشلىك ھوقۇق باياننامىسى ئۆزى يالغۇز ئىنسانلارنى ناھەقچىلىكتىن ساقلاپ قىلىشقا يېتەرسىز قالماقتا. دېموكراتىيەنىڭ قائىدە - قانۇنلىرى ئومۇملاشمىغان دۆلەتلەردە بولسا، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا كۈنتەرتىپتىنمۇ ئورۇن ئالالماي كەلمەكتە.
ئۇنداقتا دۇنياغا كىشىلىك ھوقۇقنى ئومۇلاشتۇرماقچى ۋە باشقىلارغا كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە نۇمۇر قويماقچى بولۇپ يۈرگەن چوڭ كۈچلەرنىڭ ئۆزىلىرى ئەجىبا، تەرققىي تاپمىغان ۋە دېكتاتورلۇق تۈزۈمى بىلەن باشقۇرۇلىۋاتقان دۆلەتلەرنى دېموكارتىيەگە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىشتا زادى قانچىلىك سەمىمى؟
ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، ئېغىر ئازاپلارنى تارتىۋاتقان ، قىيىن - قىستاقلارغا دۇچار بولۇۋاتقان، دېكتاتور دالەتلەرنىڭ ئېغىر زۇلۇم - سېتەملىرى ئاستىدا ئايق ئاستى بولۇۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئاھۇ - پەرياتلىرىنى زادى قانچىلىك ئاڭلىيالايدۇ؟
ئەپسۇسكى بۇ نۇقتىدىن دۇنيانىڭ ئەھۋالى ئادەمنى ئېچىندۇرىدىغان دەرىجىدە تېخىمۇ ناچار ئەمەسمۇ؟
قىسقىسى، ئۇلار ئوتتۇرا شەرق، ئاسىيا ۋە ياكى باشقا جايلاردا كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى چىرمىغان ئازاب يالقۇنلىرنىڭ ھارارىتىنى ھېس قىلماي ياكى ھېس قىلىشنى خالىماي كەلمەكتە.
** ** *** **** ****** *** ****** ****
دۇنيانىڭ ھەممە بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىدا دېگۈدەك ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەتلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەمما، بىر جايدا يۈز بېرىۋاتقانلار ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەتلەر چەك – چېگرالاردىن ھالقىپ كەتمەكتە. ئۇ بولسىمۇ، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) دەپ ئاتالغان ۋە ئارقىسىدا كىمنىڭ بارلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر تەشكىلات، دۇنيانىڭ ھېچقانداق قىلىپ خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمىگەن رايونىدا، بۈگۈنگىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان دەھشەتلىك ۋەقەلەرنى پەيدا قىلماقتا.ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئىسلام نامىدىن ئېلىپ بېرىشى، تارىخنىڭ قاراڭغۇلۇق زىندانلىرىدىنمۇ تېپىلمايدىغان ئۇسۇللاردىن ئىبارەتتۇر. چوڭ – كىچىك، ياش – قېرى دېمەستىن كىشىلەرنى قەتلى قىلىشى؛ ھېچقانداق شەكىلدە، ھېچقانداق دەۋا ياكى مەقسەتلەرنى قانۇنلۇققا ئىگە قىلمايدىغان ۋەقەلەرنى پەيدا قىلىشى، ئىنسانىيەت نامىدىن ئەپۇ قىلىنمايدۇ. تەشكىلاتنىڭ بۇ ھەرىكەتلەرنى ئىسلام ئۈچۈن قىلغانلىقىنى دەۋا قىلىشى، بىرىنچى بولۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. ئىسلام ئالىملىرى «ئىسلامدا گۇناھسىز ئادەمنى ئۆلتۈرۈش، ئەلچىلەرنى ۋە شۇنىڭدەك مۇخبىرلارنى ئۆلتۈرۈش، خىرىستىيانلارغا ياكى ئەھلى كىتابلارغا ناچار مۇئامىلە قىلىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان قۇللۇقنى يۈرگۈزۈش، كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلاش، ئاياللارنىڭ ۋە بالىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قولىدىن تارتىۋېلىش، ئۆلۈكلەرگە زىيان يەتكۈزۈش، قىيىن – قىستاق قىلىش جائىز ئەمەس» دەيدۇ. بىراق ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى بۇ خىل جىنايەتلەرنى ئىزچىل سادىر قىلماقتا.
تارىخ بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ھېچقانداق تەشكىلات قانچىلىك بىمەنە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزىگە تايىنىپ، ياكى قانۇنلۇق قوغدىغۇچىسى بولماي تۇرۇپ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. مەزكۇر ئىنسانىيەت جىنايەتچىسى بولغان تەشكىلاتنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچمۇ ھامان بىر كۈنى ئاشكارىلانماي قالمايدۇ.
كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلەۋاتقان ۋاقىتىمىزدا، ئىنسانىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە جىنايەتلىرىنى توسىدىغان ئورتاق سەزگۈرلۈكنى نامايان قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز...
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا 10 - دېكابىر، كىشىلىك ھوقۇق كۈنۈگە ئاتاپ تەييارلىغان مەخسۇس پىروگراممىمىزنى ئاڭلىدىڭلار!

 

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر