تۈرك كۈلتۈرىدە ھايۋاناتلارغا ئالاقىدار قاراشلار

209619
تۈرك كۈلتۈرىدە ھايۋاناتلارغا ئالاقىدار قاراشلار

تۈرك ئۆرپ – ئادەتلىرى - 47
تۈرك كۈلتۈرىدە ھايۋاناتلارغا ئالاقىدار قاراشلار

تارىختىكى بارلىق كۈلتۈرلەردە بولۇپمۇ ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئۆتمىگەن خەلقلەردە ئىنسانلار ئۆزلىرى تونۇشلۇق بولمىغان مەۋجۇتلۇقلار ھەققىدە ۋە جاۋاپ تاپالمىغان، ھەتتا قورققان ئەھۋاللارغا قارىتا ئۆز تەرجرىبىلىرىگە تايىنىپ ھەر خىل ئەقىدە، ئېتىقاد، قاراشلار ۋە پوزىتسىلەردە بولغان. بۇ ئەقىدە - ئېتىقادلار دائىرىىسىدىكى دىنىي ئۆرپ - ئادەتلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئانادولۇغىچە يېتىپ كېلىشنى داۋاملاملاشتۇرغان. ھەر قايسى رايونلاردا تۇرۇشلۇق ھايۋانلارنىڭ ئامەتكە ياكى بالايى قازاغا بىشارەت بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھەمدە شۇ دائىرىدە ھايۋانلارغا ھەر خىل سىمۋوللۇق مەنىلەرنى بەرگەن. رىۋايەتلەردە بۇ ھايۋانلار ھەققىدە ھەر خىل مەلۇماتلارنى بەرگەندىن باشقا يەنە مەزكۇر ئەقىدە، قاراشلارنى بويلىغان ھالدا بىر تۈركۈم ھېكايە – چۆچەكلەرمۇ مەيدانغا كەلگەن.
ھايۋاناتلارنى بويلىغان ھالدا شەكىللەنگەن ئەقىدىلەر ئاساسەن دېگۈدەك ھايۋانلارنىڭ تەلەي ئېلىپ كېلىدىغان ياكى شۇملۇق چىللايدىغانلىقىغا ئالاقىدار كۆز قاراشلاردىن تەشكىل تاپقان. ئوتتۇرا ئاسيادىن كەلگەن تۈركلەرنىڭ ئېتىقاد ۋە دىنىي قائىدە - يوسۇنلىرىنىڭ قالدۇقلىرى ئانالۇدا ئۈلۈكسىز راۋاج تاپقان. بۇ پىروگراممىدا بىز سىلەرگە بىر قانچە ھايۋانغا ئالاقىدار كەڭ ئومۇملىشىپ كەتكەن قاراشلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
** *** *** *** ***** ****** * ***** **
مۇشۇك ياپىلاق ئەدەبىياتىمىزدا ۋەيرانچىلىقنىڭ، خارابىلىقنىڭ ۋە ئىنسى - جىن ياشىمايدىغان يەرلەرنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇشۇك ياپىلاقنىڭ سايرىشى بولۇپمۇ كېچىدە سايرىشىنى ئۆلۈمنىڭ خەۋەرچىسى دەپ قارايدۇ. مۇشۇك ياپىلاقنىڭ سايرىشى بىلەن خەۋەر بېرىلىگەن يامانلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا بىر پارچە گۆش تاشلاپ بېرىلىدۇ. ئانادولۇدىمۇ بۇ قاراشنىڭ قالدۇقلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مۇشۇك ياپىلاق خەلق ئارىسىدا ئاۋازى تۈپەيلىدىن ياخشى ھايۋان قاتارىدا كۆرۈلمەيدۇ. بەزى رايونلاردا خەلق مۇشۇك ياپىلاقنىڭ ئاۋازىنى، كۈلىشى ۋە ۋاقىرىشى دەپ ئىككىگە ئايرىيدۇ. ۋاقىرىغان ئاۋازىنى يامانلىققا ۋە كۈلگەن ئاۋازىنى ياخشىلىققا بىشارەت دەپ قارايدۇ.
*** *** ** ***** **
كەپتەر تېز ۋە ئۇزۇنغىچە ئۇچالايدىغان، ئۆزگىچە ئاۋاز چىقىرالايدىغان، تۈكلىرى چىرايلىق بىر قۇش بولۇپ، ئۇ ئاساسەن دېگۈدەك بەرىكەت، باياشاتلىق، دوستلۇق ۋە ساداقەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئانادولۇغىچە گۆشى يېيىلمەيدىغان قۇش دەپ قارىلىدۇ. تۈركلەرنىڭ ئېغىز رىۋايەتلىرىدە تۇفان ئاپىتىدە نۇھ ئەلەيھىسالامنىڭ كېمىسى قۇرۇغلۇققا چىقىشتىن ئىلگىرى قۇرۇغلۇقتىن خەۋەر ئېلىپ كېلىشى ئۈچۈن نۆۋەت بويىچە قۇزغۇن، سىغىزخان، قارغا ۋە كەپتەرگە ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ. قۇزغۇن، سىغىزخان ۋە قارغا ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمايدۇ. كەپتەر تۇمشىقىدا بىر تال شاخنى چىشلەپ قايتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇرۇغلۇقنىڭ يېقىن يەردە ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. بىر جەسەتنىڭ بىشىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ ۋەزىپىسىنى ئورۇندىمىغان قۇزغۇن، سىغىزخان ۋە قارغا جازالىنىپ، قىيامەتكىچە ئۆلۈك جەسەتلەرنىڭ بېشىدىن كەتمەيدىغان بولىدۇ، كەپتەر ۋەزىپىنى بىجانىدىل ئورۇندىغانلىقى ئۈچۈن قىيامەتكىچە ئىنسانلار بىلەن بىرگە ياشايدىغان بولىدۇ.
ھازار تۈركلىرى كەپتەرنى مۇقەددەس دەپ بىلگەنلىكى ئۈچۈن كەپتەرنى ئاۋلاشقا يول قويمايدۇ. كەپتەر قايسى ئۆينىڭ ھويلىسىغا قونسا، بالكونىدا ئۇۋا تۇتسا، ئۇ ئۆيگە بەرىكەت ياغىدىغانلىقى ۋە باي يولىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى دەپ قارىلىدۇ. ئانادولۇدا يالغۇز كەپتەرنىڭلا ئەمەس، ھەر قانداق قۇشنىڭ ئۇۋۇسىنى بۇزۇش ئېغىر گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. «قۇشلارنىڭ ئۇۋۇسىنى بۇزغان كىشىلەرنىڭ بېشىغا يامان ئىشلار كېلىدۇ ۋە ئۇنىڭمۇ ئۆيى بۇزۇلىدۇ» دەپ قارىلىدۇ. ئانادولۇدا كەپتەرنىڭ گۆشىنى يېگەنلەرگە ياكى مايىقىغا دەسسىگەنلەرگە «گۆشۈمنى يېگەن تويمىسۇن، مايىقىمغا دەسسىگەن ياخشى كۈن كۆرمىسۇن» دەپ بەددۇئا قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. تۈركلەر ئەڭ قەدىمقىي دەۋرلەردىن تارتىپلا كەپتەرنى پوشتا قوشى سۈپىتىدە تەربىيەلىگەن ھەمدە خەۋەر يەتكۈزۈش ۋە خەۋەر ئېلىش ئىشىدا ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلانغان ئىدى. بۇ ۋەزىپىگە ئىشلىتىدىلىغان كەپتەر پوشتا كەپتىرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئانادولۇدا كەپتەر تەربىلەيلەپ يېتىشتۇرۇش ئاساسەن دېگۈدەك شەرقىي جەنۇبىدا قىسىمى بىلەن شەرقىي ئانادولۇ قىسمىدا كەڭ ئومۇملاشقان دېيىشكە بولىدۇ.
*** ** ** ** *** *** *** **** **
قارغا بولسا تۈرك كۈلتۈرىدە سەھەر قوپۇشقا سىمۋوللۇق قىلىدۇ ھەمدە ئومۇمەن قارغا ھەرگىزمۇ يول باشلىغۇچى بولمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ. شاڭا «يولباشلىغۇچىسى قارغا بولغانلارنىڭ بېشى بالادىن قۇتۇلالمايدۇ» دەيدىغان ماقال – تەمسىللەرمۇ بار. كەپتەر ھەققىدە ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزگە ئوخشاش بۇ قاراشنىڭ ئاساسىمۇ تۇفان ۋەقەسىدىكى قارغىنىڭ ھېكايىسىگە تۇتىشىدۇ. ئانادولۇدا قارغىنىڭ ئاۋازى بىرەر خەۋەر كېلىدىغانلىقىغا بىشارەت دەيدىغان قاراش كەڭ ئومۇملاشقان. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئانادولۇدا قارغا ئارقىلىق كەلگۈسى ھەقىقىدە بەزى توخمىنلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ. ئانادولۇنىڭ بەزى رايونلىرىدا كەڭ تارقالغان ئادەتكە كۆرە، نوۋرۇز بايرىمىدا ياش قىزلار ئالاھىدە تەييارلانغان تۇزلۇق ناننىڭ پارچىسىنى دەرىزىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويىدۇ ۋە ئۆيلىنىدىغان كىشى ھەققىدە تىلەك تۈتىدۇ. شۇنداق قىلغاندا چۈشىدە ئۆيلىنىدىغان يېگىتنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقىغا ئىىشىنىدۇ. «ياش قىز تەرىپىدىن دەرىزىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويغان نان پارچىسىنى قارغىلار يېگىتنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بارىدۇ» دېگەن قاراش كەڭ ئومۇملاشقان دېيىشكە بولىدۇ.
لەيلەك قۇشىمۇ ئامەت، ساياھەت ۋە ئائىلە بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، چۈشىدە لەيلەك قۇشنى ئۇچۇۋاتقان ھالدا كۆرۈشنىڭ شۇ يىلى نۇرغۇن جايلارنى ساياھەت قىلدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا كۆپ سەيلە قىلغان كىشىنى كۆرگەندە، «لەيلەكنى ھاۋادا كۆرگەنمىتىڭ؟» دەپ سورىلىدىغان ئادەت بار. لەيلەك كىمنىڭ ھويلىسىغا ئۇۋا سالسا، ئۇ ئۆيگە ئامەت كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىلىدۇ. لەيلەكنى بىئارام قىلىش گۇناھ دەپ قارىلىدۇ. ئانادولۇدا يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاقلارنىڭ لەيلەكلەر تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىنگەنلىكى ھەققىدىمۇ بەزى ئەپسانىلەر بار. بولۇپمۇ يېڭى ئۇكىسى دۇنياغا كەلگەن كېچىك بالىلارغا ئۇكىسىنىڭ قانداق تۇغۇلغانلىقىنىڭ ئاڭلىتىپ ئولتۇرماستىن، «ئۇكاڭنى لەيلەكلەر ئېلىپ كەلدى» دېيىش چلق ئىچىدە كەڭ ئومۇمۇلاشقان.
ھاۋا سۇغۇشقا باشلىغاندا ئىسسىق جايلارغا كۆچۈشكە باشىلىغان لەيلەكلەر ئارىسىدىن ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۇچالماي قالغانلىرىنى خەلق ھەر دائىم ئالاھىدە ئاسراپ بېقىپ كەلگەن بولۇپ، ھەتتا كېسەل بولۇپ قالغان لەيلەكلەرمۇ داۋالاپ ئۇچۇيلايدىغان قىلىپ قويۇپ بېرىلەتتى. ئوسمان ئىمپېرىيەسى دەۋىردىمۇ قۇشلارنى ۋە كوچىدىكى ھايۋانلارنى بېقىش ئۈچۈن مەخسۇس ۋەقىپلەر قۇرۇلغان ئىدى. تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ھەر دائىم ئەتىۋارلانغان بۇ قۇشلار ئۇلارنىڭ فولكىلورلىرى ۋە ئەدبىياتلىرىدىمۇ ئالاھىدە ئۇرۇن تۇتۇپ كەلمەكتە.
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! يۇقىرىدا غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلىمى ئوقۇتقۇچىسى دوچەنت دوكتۇر فاتىمە ئەھسەن تۇران تەرىپىدىن تاييارلانغان تۈرك – ئۆرپ ئادەتلىرى ناملىق پىروگراممىمزنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر