مەھمەت گۆرمەزنىڭ قىسقىچە ھاياتى

سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور دوكتور مەھمەت گۆرمەزنىڭ قىسقىچە ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

203886
مەھمەت گۆرمەزنىڭ قىسقىچە ھاياتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ‹كۈنتەرتىپتىكى شەخس› ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور دوكتور مەھمەت گۆرمەزنىڭ قىسقىچە ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى باشلىقى (2014) پىروفېسسور دوكتور مەھمەت گۆرمەز 1959- يىلى 1- يانۋاردا غازىئانتەپنىڭ نىزىپ ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلدى. باشلانغۇچ مەكتەپنى نىزىپتە، ئوتتۇرا مەكتەپنى غازىئانتەپتە ئوقۇغان مەھمەت گۆرمەز، 1983- يىلى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردى. 1987- يىلى باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن گۆرمەز، مەزكۇر فاكۇلتېتنىڭ ئاساسلىق ئىسلامىي ئىلىملەر بۆلۈمى ھەدىس كافېدراسىدا ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى باشلىدى ۋە قىرىققەلئە ۋە ئەنقەرەدىكى دىنىي ئىشلار باشقارمىسىغا قاراشلىق ئورۇنلاردا دۆلەت مەمۇرىي بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى. 1988- يىلى تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ، قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەكشۈرۈش، تەتقىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. 1990- يىلى ‹مۇسا جارۇللاھ بىگىيېف، ھاياتى، پىكىرلىرى ۋە ئەسەرلىرى› تېمىلىق دىسسېرتاتسىيەسى بىلەن ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى تاماملىدى. شۇ يىلى ئۆرلەپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە باشلىغان دوكتورلۇق ئوقۇشىنى 1995- يىلى يېزىپ تاماملىغان ‹سۈننەت ۋە ھەدىسنى چۈشىنىش ۋە ئىزاھلاشتىكى مېتود مەسىلىسى› ناملىق دىسسېرتاتسىيەسى بىلەن ئاخىرلاشتۇردى، مەزكۇر ئەسەر 1996- يىلى تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام تەتقىقاتلىرى بىرىنچىلىك مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.
ئۇ يەنە 1995- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە ئەھمەد يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىدا دەرس ئۆتتى. ئاناتولىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىنىڭ ئىنستىتۇت دەرسلىكلىرىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسىدا ۋەزىپە ئۆتىدى. 1997، 1998- يىللىرى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش مەقسىتىدە ئەنگلىيەدە تۇردى. 1998- يىلى ياردەمچى دوتسېنتلىق، 1999- يىلى دوتسېنتلىق، 2006- يىلى پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.

2001، 2003- يىللىرى ئارىسىدا ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى پېداگوگىكا فاكۇلتېتىدا دەرس ئۆتتى. 2003- يىلى 13- ئاۋغۇستتىن تارتىپ دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن پىروفېسسور دوكتور مەھمەت گۆرمەز، 2010- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.

گۆرمەز 2013- يىلى سېنتەبىردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە زىيارەتتە بولغاندا، ئۇيغۇرلار دىنىي ۋە مەدەنىي ھەق – ھوقۇقلىرى توغرىسىدا سۆز قىلغانىدى.

ئىنگلىز ۋە ئەرەب تىللىرىنى بىلىدىغان پىروفېسسور دوكتور مەھمەت گۆرمەزنىڭ «سۈننەت ۋە ھەدىسنىڭ پائال قىممىتى»، «غەززالىنىڭ سۈننەت، ھەدىس ۋە تەپسىر ئۇسۇلى»، «سۈننەت ۋە ھەدىسنى چۈشىنىش ۋە ئىزاھلاشتىكى مېتود مەسىلىسى»، «مۇسا جارۇللاھ بىگىيېۋ» (رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنغان)، «ئىسلام دىنىنىڭ ئانا مەنبەلىرى – سۈننەت / ھەدىس» قاتارلىق يازما ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغاندىن سىرت، ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغان «كىتابۇسسۈننە»، «سۈننەت مۇداپىئەسى» (2 توم)، «قۇرئان كەرىم ئايەتى كەرىمەلىرىنىڭ نۇرى ئاستىدا خاتۇن»، «كىتابۇززۇھد» قاتارلىق كىتابلىرىمۇ نەشر قىلىندى.

ئۇنىڭ يەنە تۈركچە، ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە يازغان قانچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالىسى تۈركىيە، ئامېرىكا، بىريۇسسېل، گېرمانىيە، ئاممان، مىسىر، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا، رومىنىيە ، قىرغىزىستان قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى.

پىروفېسسور گۆرمەز ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولۇپ، ئۈچ پەرزەنتى بار.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر