تۈرك كۈلتۈرىدە بۇلاق - چەشمىلەرگە ئالاقىدار ئەنئەنىلەر

سۇ ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇرۇشلار يۈز بەردى. چۈنكى سۇ ھايات ياشاش ئۈچۈن ئەڭ ئاساسلىق ئېھتىياج ئىدى.

201830
تۈرك كۈلتۈرىدە بۇلاق - چەشمىلەرگە ئالاقىدار ئەنئەنىلەر

تۈرك ئۆرپ – ئادەتلىرى - 46
تۈرك كۈلتۈرىدە بۇلاق - چەشمىلەرگە ئالاقىدار ئەنئەنىلەر

ئۆتمۈشتىن تاكى بۈگۈنگە قەدەر سۇ ئىنسانلار ھاياتىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن. ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن سۇ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل. تارىخ بويىچىمۇ ھەر بىر سۇ مەنبەسىنىڭ ياكى سۇ يوللىرىنىڭ ئەتراپى ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراق رايونى بولۇپ كەلدى. سۇ ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇرۇشلار يۈز بەردى. چۈنكى سۇ ھايات ياشاش ئۈچۈن ئەڭ ئاساسلىق ئېھتىياج ئىدى.
سۇ تۈرك رىۋايەتلىرى ۋە ئېتىقاد سىستېمىلىرىدىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. قەدىمقىي رىۋايەتلەردە سۇ ئىنتايىن مۇقەددەس ھېسابلىناتتى. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئېتىقاد سىستېمىسىدە سوغا كۆرسىتىلگەن ھۆرمەتنىڭ سۇنى مۇقەددەسلەشتۈرۈشىدىغان يەرگە كېلىپ قېلىشىمۇ ئەسلىدە سۇنىڭ يالغۇز تۈرمۈش ئېھتىياجى بولۇپلا قالماستىن، پاكلىغۇچى، تازىلىغۇچى ۋە داۋالىغۇچى ئالاھىدىلىكلەرگىمۇ ئىگە ئىكەنلىكىدىن بولغان. سۇ يەنە تۇغۇلۇشقىمۇ سىمۋوللۇق قىلىدۇ. ئىسلامىيەت كەلگەندىن كېيىن سۇغا بېرىلىدىغان ئەھمىيەت تېخىمۇ مۇستەھكەملەشتى. ئىسلامدا ھەر كۈنى بەش قېتىم تاھارەت ئېلىشنىڭ پەرز بولىشى، پاكىزلىقنىڭ ئىماننىڭ جۈملىسىدىن ھسابلىنىشى، باشقىلارنىڭ سۇ ئېھتىياجىنى قامداشنىڭ ساۋاپ ئېلىش جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىملىقى، ئېتقاد سىستېمىمىزدىكى سۇنىڭ سالاھىيىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۈتۈردى.
*** **** **** *** *** *** ** *** ****
قۇرئان كەرىمدە ھەر قانداق جانلىقنىڭ سۇدىن يارىتىلغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگىچە ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئېھتىياجى ھېسابلىنىدىغان، بەزىدە ھەتتا ئاپەتمۇ بولۇپ قالىدىغان بۇ ئۇلۇغ نېئمەتنىڭ قىممىتى، ئەھمىىيىتى ئالاھىدە تېكىتلەنگەن. ئىسلام تارىخىمۇ سۇنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نۇرغۇن ئۈلگىلىك ۋەقەلەر بىلەن تولغان. مەسىلەن بىر قېتىم ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «كىم رۇمە بۇلىقىنى خەلققە بېغىشلاش ئۈچۈن سېتىۋالسا، ئۇنىڭغا جەننەتتە مۇكاپات بېرىلىدۇ» دېگەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەزكۇر قۇدۇقنىڭ يەھۇدى ئىگىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ، قۇدۇقنى 40 مىڭ دەرھەمگە سېتىۋالغان ۋە مۇسۇلمانلارغا ئىئانە قىلىۋەتكەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ تۇنجى قۇدۇق ۋەقپى قىلىش ھەرىكىتى يۈزىسىدىن ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئالاھىدە مەدھىيەلىگەن ۋە «ئوسماننىڭ سەدىقىسى نېمە دېگەن ياخشى سەدىقە» دەپ ماختىغان ئىدى.
سۇنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي تۈرمۇشىمىزغا نىسبەتەن مۇھىم بولۇشى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ۋە باشقىلارنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدىغان ئۆزگىچە بىر بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىمۇ مەيدانغا كەلتۈردى. كۆل، بۇلاق، فونتان، كۆلچەك، سۇ كەمەرلىرى، يالاقلار ۋە چەشمىلەر ئەڭ گۈزەل ئىستىتىكىلىققا ئىگە سۇ بىناكارلىقىغا ئايلاندى. ئانادولۇدا چەشمىلەرنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىدا تۈركلەر ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىدى.
ئانادولۇ تۈركلەر تەرىپىدىن فەتھى قىلىنغاندىن كېيىن باشلانغان بىناكارلىق سەنئەتلىرىدە سۇ بىناكارلىقى نۇقتىسىدىن چەشمىلەر ئۆزگىچە ئەھمىيەتلىك ئورۇنغا ئوتتى. ماددىي ئەھۋالىي ياخشى كىشىلەر ئىسلام ئېتىقادىغا كۆرە ئاللاھنىڭ رىزالىقىغا ئېرىشىش ۋە ساۋابلىق ئىش قىلىش مەقسىتىدە يول بويلىرىغا ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلارنىڭ سۇ ئېھتىياجىنى قامدايدىغان نۇرغۇن ساندا چەشمىلەرنى ياساتقۇزدى. ئوسمانلى خەلىپىلىكى تېروتورىيەسىگە قارايدىغان بولساق، مەيلى ئۆتمۈشتە مەۋجۇت بولغان شەھەرنىڭ داۋامى بولسۇن، مەيلى يېڭى قۇرۇلغان شەھەر بولسۇن، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدنىڭ دېگۈدەك ئوسمانلى قۇرۇلۇش تەرزىدە ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇ قۇرۇلۇش تەرزى تۈرك كۈلتۈرى ۋە ئىسلامنىڭ ئۆزئارا گىرەلىشىشىدىن مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىچە بىر ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئادەتتە «ئوسمانلى خەلىپىلىكى شەھەرلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش شەكلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئوسمانلى خەلىپىلىكى شەھەرلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش شەكلى ئىچىدە، چەشمىلەرمۇ شەھەرنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىي قۇرۇلمىسىنىڭ مۇھىم بىرقىسمى سۈپىتى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. ئانادولۇدىن بالقانلارغىچە بولغان ئوسمانلى خەلىپىلىكىنىڭ ھاكىمىيەت مەركەزلىرى ھېسابلىنىدىغان يەرلەردە بۇلاق ۋە چەشمىلەر ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.
ئىسلامدا ساۋاپ بېرىلىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان بولغاچقا ئىلاھىي ئىنئاملارغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان پادىشاھلار، خانىشلار، مەلىكىلەر، ۋەزىرى ئەزەم، بەگ، ئاغا ۋە ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ ياخشى نام بىلەن خاتىرىلىنىشى ئۈچۈن ياكى ۋاپات بولغان بىرەر يىقىنىنىڭ روھىغا ئاتاپ چەشمە ياساتقۇزۈش ئادىتى شەكىللەنگەن ئىدى. بۇ چەشمىلەرنىڭ ئۈستىگە كىم تەرىپىدىن ۋە قايسى چاغدا ياسىتىلغانلىقىمۇ پۈتۈپ قويۇلاتتى. يالغۇز ئىستانبۇل شەھىرىدىلا، ئوسمانلى خەلىپىلىكىدىن تارتىپ تاكى جۇمھۇرىيەت دەۋرىگە قەدەر مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن 400 دىن ئارتۇق چەشمە بار بولۇپ، بۇ چەشمىلەرنىڭ بىر قىسمىغا تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئىسمى بېرىلگەن بولغاچقا ناھايىتى تېزلا شۇ جاي بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن ئىدى. بۇ خىل چەشمە قۇرۇلۇشى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تۈرك خەلقىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئېسىل كەلتۈرىنىڭمۇ نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ.
*** * **** *** ****** ** **** **
ئەۋلىيا چەلىبى ساياھەتنامىسىدە چەشمىلەرگە قارىتا «ئابى ھايات سۈيى» يەنى ھاياتلىق سۈيى، باشقىلارغا جان بېرىدىغان، ھاياتلىق بەخش ئېتىدىغان، ھاياتلىق فونتانلىرى... دېگەندەك تەبىرلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى. ھەقىقەتەنمۇ ئوسمانلىغا تەۋە بارلىق رايونلاردا نۇرغۇن ساندا ئۇچراپ تۇرىدىغان بۇ چەشمىلەر باشقىلارغا سۇ تەقدىم قىلىشنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۈلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر سۇنىڭ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتىدىغان بولساق، بۇ چەشمىلەر ئىنسلارغا ۋە ھايۋانلارغا نەقەدەر ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىسپاتلىرى دېيەلەيمىز. بۇ چەشمىلەر ۋە فونتانلاردىن باشقا يەنە قانچىلىغان كېلومېتىر ئۇزاقلىقتىن ئېلىپ كېلىنگەن سۇ قاناللىرى ۋە كۆللەر ئارقىلىق شەھەر مەركەزلىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان سۇ يەتكۈزۈش مۇئەسسەلىرىمۇ ئىنتايىن نۇرغۇن. بۇلارنىڭ قۇرۇلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ ۋە ئەمگەك كەتكەندىن سىرت، بۇلارنى داۋاملىق ئاسراش خىزمەتلىرىمۇ قەتىئىي ئۈزۈلۈپ قالمىغان. ھەتتا مۇشۇنىڭ ئۈچۈنلا ھەر خىل ۋەقپو ئورگانلارنىڭ قۇرۇلغانلىقى مەلۇم. تارىخىي ۋەقپىلەر، سۇ مۇئەسسەلىرى تۈركىيەگە كەلگەن سەيياھلارنى، بولۇپمۇ غەرب سەيياھلىرى ۋە سەنئەتكارلىرىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن بولۇپ، بۇنى ئۇلارنىڭ يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرىدىن ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
*** **** **** *** ** **** **
ئىستانبۇل قاتارلىق تۈركىيەنىڭ نۇرغۇنلىغان شەھەرلىرىدە سان - ساناقسىز تارىخىي چەشمىلەر بار. بۇ چەشمىلەر بەزى شەھەرلەرنىڭ تارىخىي قۇرۇلۇشى ئارىسىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. چەشمىلەر ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ياسالغىنىغا ئوخشاش بەزى شەھەرلەردە چۇڭ تارىخىي بىنالار بىلەن بىر تۇتاش ياسالغانلىرىمۇ بار. بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۈركلەر ئارىسىدا ئۆز ناملىرىغا ياكى ۋاپات بولغان بىرەر يىقىنىنىڭ نامىغا سۇ چەشمىسى ياسىتىدىغان كىشىلەر نۇرغۇن. ئۇلار ساۋاب ئېلىش مەقسىتىدە ھەممىلا ئادەم پايدىلىنالايدىغان جايلارنى تاللاپ چەشمە ياسىتىدۇ. ئانادولۇدا يەنە بارلىق كەچىلىرىغا دېگۈدەك چەشمە ياسىتىلغان شەھەرلەرمۇ خېلى كۆپ.
سۇ ۋە سۇغا بېرىلگەن بۇ ئالاھىدە ئېتىبار سەۋەبىدىن باشقىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ بۇ خىل شەكلى ماھىيەتتە مىللەتنىڭ ئېتىقادىنى ۋە پەلسەپىسىنى نامايان قىلىپ بېرىش جەھەتتىن تۇلىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بولۇپمۇ بۇ خىل بىناكارلىق ئەسەرلىرىمىز گويا زېمىنغا ئۇرۇلغان مۆھىرىمىزگە ئوخشايدۇ، شۇڭا ئوسمانلى چەشمىلىرى مەۋجۇت بولغان جايلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق كېنىشكىسىگە ئېھتىياجى بولمايدۇ. بۇ تارىخىي بىناكارلىق ئەسەرلىرى ئەشۇ جايدا ياشىغانلارنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە كۈلتۈر شىفرىلىرىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. ھەمدە ئۇ جاينىڭ ئەسلىدە ئەشۇ خەلققە ئائىت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! يۇقىرىدا غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلىمى ئوقۇتقۇچىسى دوچەنت دوكتۇر فاتىمە ئەھسەن تۇران تەرىپىدىن تاييارلانغان تۈرك – ئۆرپ ئادەتلىرى ناملىق پىروگراممىمزنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

 

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر