ئىسلامدا ياتلاشتۇرۇش ۋە غەيرى مۇسلىملار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر

ئۆگىنىش، ئەقىل ئىشلىتىش ۋە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولىدىغان ئوخشىماسلىقلار سەۋەبىدىن كىشىدىن ھېساب سوراشقا بولىدۇ.

175598
ئىسلامدا ياتلاشتۇرۇش ۋە غەيرى مۇسلىملار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: چوڭ دىنلار ئىنسانلارنى ئوتتۇرىدىكى پەرقلەرگە قاراپ بەزى ئىسىملار بىلەن تەرىپلەيدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىغا قارىغان ۋاقتىمىزدا، بىرىنچىدىن يارىتىلىش قانۇنىيىتى ئېلىپ كەلگەن، ئىنسانلارنىڭ ئىلكىدە بولمىغان ئوخشىماسلىقلارنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز. ئىككىنچىدىن، ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە باغلىق، ئىنسان ئۆزى ئۆزگەرتەلەيدىغان يەنى ئىنساننىڭ ئىلكىدىكى ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇتتۇر. يەر يۈزىدىكى ئوخشىمىغان ئىمكانىيەت ۋە شەرت-شارائىتلاردا، شۇنداقلا ئوخشىمىغان كۈلتۈرلەردە تۇغۇلۇپ ئۈسۈش كىشىدە پەيدا قىلغان ئىزلار كۆپىنچە ھاللاردا كىشىنىڭ ئىلكىدە بولماي قالىدۇ. بۇ نۇقتىدا كىشىلەرنى بەزى ئىش-ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن جاۋابكارلىققا تارتىش توغرا بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن ئۆگىنىش، ئەقىل ئىشلىتىش ۋە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولىدىغان ئوخشىماسلىقلار سەۋەبىدىن كىشىدىن ھېساب سوراش مۇمكىن.
تەبىئىي ھالدا جەمئىيەتتە ئوخشاش بولمىغان چۈشەنچىلەرگە ئىگە كىشىلەر مەۋجۇت. ھەر قانداق ئېتىقادىي سىستېما ئىجتىمائىي ئىچكى كىملىكىنىڭ يېنىدا تاشقى كىملىككە ئىگە. ئىنسان مانا بۇ تەرىپى بىلەن، مەزكۇر ئېتىقادىي سىستېمىنىڭ باشقىلار بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئسىلامىي ئىستېمالدا غەيرى مۇسلىملار (مۇسۇلمان بولمىغان خەلقلەر) بىلەن مۇناسىۋەتلەر كاتېگورىيەسىدە مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. دىننىڭ پەيدا بولۇشىدىن تارتىپ ئەھمىيتىنى پەقەت يوقاتماي كېلىۋاتقان بۇ ماۋزۇ، زامانىمىزدىمۇ ئوخشاش شەكىلدە كۈنتەرتىپتىكى ئورنىنى قوغداپ كېلىۋاتىدۇ. بىز تېمىمىزنىڭ كەڭ، ۋاقتىمىزنىڭ چەكلىك بولۇشى سەۋەبىدىن ئىسلام دىنىنىڭ باشقىلارغا قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدىكى بەزى قاراشلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
قۇرئاننىڭ مەدىنە دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدا چۈشكەن ئۇرۇشنى ئاساسى تېما قىلغان ئايەتلىرىنى ئالدىنقى قاتارغا قويىدىغان كىلاسسىك دەۋر ئالىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى، مۇسۇلمانلار بىلەن غەيرى مۇسلىملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھەربىي ھالەت ئۈستىگە قۇرۇپ چىققان. بۇنداق بولۇشىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىيلىققا ئىگە نۇرغۇن سەۋەبلىرى بار. ھالبۇكى، زامانلارنىڭ غالىبىيەت بىلەن تولغان ھاۋاسىدىن ئىلھام ئالغان كونا ئالىملار مەزكۇر ئايەتلەرنى ھۇجۇم قىلىشنى ئاساس قىلغان ئۇرۇش مەنىسىدە مۇلاھىزە قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭغا قارشى زامانىمىزدىكى بەزى تەتقىقاتچىلار قۇرئاننىڭ پەقەتلا ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلغانلىقىنى، باشقا چاغلاردا تىنچلىق تەرەپدارى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئالغا سۈرمەكتە. بۇ پىكىردىكى ئىسلام ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا ئۇرۇش قىلىش ھەققىدىكى ئايەتلەر، مۇشرىكلار مۇسۇلمانلار بىلەن تۈزگەن كېلىشىملەرگە رىئايە قىلمىغاندا ياكى دىنغا قارشى پىتنە پەيدا قىلغاندا، يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ دىن ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتىكى ئەھۋال بىلەن مۇناسىۋتلىك.
توغرىسى قۇرئاننىڭ ۋە ئۇنى تەبلىغ قىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى ھېسابقا ئالغان ھالدا گەپ قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئومۇمەن ئىسلام دىنىنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرنىڭ دېگىنىدەك ھەربىي ھالەت ئۈستىگە قۇرۇلمىغاندەك، ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ئېيتقىندەك پاسسىپ تىنچلىق تەرەپدارى بولۇشنىمۇ تەرغىپ قىلمايدۇ.
ئىشنىڭ تېگى- تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقىدىغان بولساق، ھەر ئىككى كۆز قاراش زامانىمىز مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن بەك پايدىلىق ئەمەس. تېخىمۇ ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتساق، ئاساسنى داۋاملىق ئۇرۇش ھالىتىدە بولۇش مەنىسىدىكى جىھاد ئۈستىگە قۇرغان ۋاقتىمىزدا، پىكىر، سىياسەت ۋە پەن-تېخنىكا جەھەتتىن كېيىن قالغان مۇسۇلمانلار جەمئيىتىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كەلمەيدۇ. شۇنداقلا ئاساسىنى ئەپۇچانلىق ۋە ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش پىرىنسىپى ئۈستىگە قۇرۇپ چىقىش بولسا، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەركىنلىك پىيىگە چۈشكەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ پىسخولوگىيەلىك ئۇلى ۋە غايىلىرىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىك بولىدۇ. بۇ يەردە قۇرئان ۋە سۈننەت بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە تەھلىل قىلىنمىسا، ئىبارىلەرنىڭ ئالدى ۋە كەينى ھېسابقا ئېلىنماستىن پارچە-پارچە ئايەت-ھەدىسلەر ھۆكۈملەرنىڭ ئاساسى بولۇپ قالسا، مەسىلە ئىسلامىي ئاڭنىڭ پۈتۈنلۈكى ئىچىدە مۇلاھىزە قىلىنمىسا ساغلام نەتىجىگە ئېرىشىش قىيىن. مانا مۇشۇنداق مېتودولوگىيىلىك دائىرە ئىچىدە قۇرئان ۋە سائادەت دەۋرىدىكى تەتبىقاتلارغا نەزەر سالغاندا، ئىسلامنىڭ، باشقا دىنلار، خەلقلەر ۋە كۈلتۈرلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئاشكارا، ئىستىراتېگىيەسىنىڭ تەڭپۇڭ ھالدا ئېلىپ بېرىلغان تىنچلىق سىياسىتى ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. تەڭپۇڭ ئىستىراتېگىيە دېىگىنىمىزدىكى مەقسەت- پىرىنسىپ جەھەتتىن تىنچلىق يولىنى تاللاش، لېكىن پەقەتلا ھايات ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىنغاندا ۋە ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىلا ئەمەس، ئىسلام دىنىنىڭ توغرا شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى قارشىلىققا ئۇچرىغاندا ۋە مۇقەددەس قىممەتلىرى دەپسەندە قىلىنماقچى بولغاندا پىلانلىق ھالدا ئۇرۇش قىلش دېمەكتۇر.
قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدەك ئاساس مەنبەلەر بىلەن تۆت چوڭ خەلىپىنىڭ كۆرسەتمىلىرى ئەتراپىدا شەكىللەنگەن خەلقئارا مۇناسىۋەت نەزەرىيەسى، نەتىجە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە دۇنياغا تىنچلىق ئېلىپ كېلىشتەك ئالاھىدىلىكلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە ياقىلايدىغان سىياسىتى، ئىسلامنىڭ ھۆرمىتىنى قوغداش، ئىناقلىق ۋە تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈستىدە بولۇشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا، قۇرئان تەبىئىي ھادىسە دەپ كۆرسەتكەندەك، ئۇنىڭ ئوخشاش بولمىغان خەلقلەر ۋە ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ھېكمىتى ئەمەلىيلەشكەن بولىدۇ.
ھەقىقەتەن مەرھەمەتنى ئاساس قىلغان ئىلاھىي سۆزنىڭ ئىنسانلارغا يەتكۈزۈلۈشىنى چەكلەش ۋە ئۇلارنى زورلۇق كۈچى ئارقىلىق ھاكىمىيەت ئاستىغا ئېلىپ مۇستەملىكە قىلىۋېلىش پائالىيتى ئۇزاق ئۆتمۈشتىن زامانىمىزغىچە ھېچقاچان توختاپ قالغىنى يوق. قۇرئاننىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا، داۋاملىق ھەقىقەت ئالدىدا باتىل مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. شۇڭلاشقا بۇنىڭ زىيىنىنى يوقىتىش ۋە ئىنسانىيەتنىىڭ بەخت-سائادىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن مەلۇم باسقۇچتىن كېيىن قوراللىق كۈرەشكە ئۆتۈش پايدىلىق بولغان. ئىبنى خالدۇننىڭ ئېيتقىنىدەك، ئىنسانلىق تارىخىغا ئوخشاش ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغان ئۇرۇش تارىخى، سەۋەب - نەتىجىلىرى، شۇنداقلا ئۇسۇللىرى جەھەتتىن ئۆتمۈشتىن دەۋرىمىزگىچە بولغان باسقۇچتا بىر-بىرىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. مانا مۇشۇنداق تەبىئىي ۋە تارىخىي ھەقىقەتنى ھەم ياراتقان ھەمدە باشقۇرغۇچى ئىرادە تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان قۇرئان، ناھەق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭمۇ ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھوجۇمغا ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلغان. ھالبۇكى قۇرئان ئەڭ كەڭ مەنىدە دىن ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكىنى قوبۇل قىلغان، ئىماننىڭ بېسىم ئارقىلىق ئەمەلىيلىشىشنى توغرا تاپمىغان. شۇنىڭدەك ئىسلام دىنى ئۆچمەنلىك، ئاداۋەت ۋە نەپرەت پەيدا قىلىدىغان ئۇرۇشلارنى تەبلىغ ۋاسىتىسى قىلمىغان. ئىسلام دۆلىتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەۋجۇدىيتىنى قوغداشتەك قانۇنلۇق ھەقىقەتلىرى بولمىغان ئۇرۇشلارنى رەت قىلغان. ئىنسان يارىتىلىشى نۇقتىسىدىن گۇناھسىز، شۇ سەۋەبتىن ئۇنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى مۇھىم ئاساس دەپ قوبۇل قىلغان ئىسلام قانۇنشۇناسلىرى، جانلىقلارنى ئۆلتۈرۈشنى، تۇرالغۇ - جايلارنى يىقىشنى، مۇھىتنى خاراپلاشتۇرۇشنى ۋە جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان سەلبىي نەتىجىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇرۇشنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى بىردەك ئوتتۇرىغا قويغان. قۇرئان ھۆكۈملىرىنىڭ مەقسىتى، ئىنسانلارنىڭ پايدىسىنى تەڭپۇڭ ھالغا ئىگە قىلىپ، ئادالەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى، «بىر خەلقكە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار سىلەرنى ئادالەتسىزلىككە ئېلىپ بارمىسۇن» دەپ بۇيرۇش ئارقىلىق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە ئادالەت چۈشەنچىسىنىڭ ئاساسىي ئورۇندا بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ناھەقچىلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئالدىدىكى توساقلارنى ئېلىپ تاشلاش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلار نىشانغا يېتىپ بولغاندىن كېيىن ئاخىرلىشىدۇ. ئۈزلۈكسىز داۋاملاشمايدۇ. ئۇرۇشتا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش چەكلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر