تۈرك ئۆرپ – ئادەتلىرى - 42

ئوتتۇرا ئاسىيادىن باشلانغانچە بارلىق كۈلتۈرلەردىكىگە ئوخشاش تۈرك كۈلتۈرىدىمۇ بەزى تاشلارغا ئالاقىدار ئېتىقاد ۋە دىنىي ئەنئەنىلەر مەۋجۇت بولغان شۇنداقلا بەزى ئەمەلىي پائالىيەتلەرمۇ مەيدانغا كەلگەن ئىدى.

170837
تۈرك ئۆرپ – ئادەتلىرى - 42

تۈرك ئۆرپ – ئادەتلىرى - 42
تۈرك كۈلتۈرىدە تاشقا ئالاقىدار ئېتىقاد ۋە دىنى ئەنئەنىلەر

ئوتتۇرا ئاسىيادىن باشلانغانچە بارلىق كۈلتۈرلەردىكىگە ئوخشاش تۈرك كۈلتۈرىدىمۇ بەزى تاشلارغا ئالاقىدار ئېتىقاد ۋە دىنىي ئەنئەنىلەر مەۋجۇت بولغان شۇنداقلا بەزى ئەمەلىي پائالىيەتلەرمۇ مەيدانغا كەلگەن ئىدى. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ رىۋايەتلىرى ۋە ساماۋىي دىنلەردىن ئىلگىرىكى ئېتىقادلىرىدا تاشلار، قۇغدۇغۇچى رۇھلارنىڭ ۋە تەڭرىدىن كەلگەن مۇقەددەس كۈچلەرنىڭ مەركىزىي ماكانى، دەپ قارالغان ئىدى. ئوخشاش بولمىغان شەكلى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىگە كۆرە بىر قىسىم تاشلار مۇقەددەس كۈچنىڭ ۋە بەرىكەتنىڭ مەزكىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىناتتى. تەبىئەتتىكى بارلىق شەيئىلەردە بولغانغا ئوخشاش تاشلارنىڭمۇ روھى بارلىقىغا ۋە بۇ تاشلارنىڭ شىپا بولىدىغان، كېسەللىكلەردىن ساقلايدىغان، يامغۇر ياغدۇرۇدىغان، چاقماق چېقىشتىن ساقلاپ قالىدىغان، سېھرى قىلىش، خەتەرلىك ئەھۋاللاردىن قوغداش، قورغاقچىلىقنى يوقۇتۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بارلىقىغا ئەقىدە قىلىناتتى. تاشقا ئالاقىدار بۇ ئېتىقادلار ۋە دىنىي ئەنئەنىلەرنىڭ پەردە ئارقىسىدا ئەسلىدە ئىنسانلارنىڭ ھاياتى بويىچە قولغا كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان سالامەتلىك، خاتىرجەملىك، خوشاللىق، بەرىكەت، رىزقنىڭ موللۇقى، كېسەللىكلەردىن شىپالىق تېپىش، يامانلىقلاردىن ساقلىنىش قاتارلىق ئارزۇلىرى مۇھىم رول ئوينىغان دېيىشكە بولىدۇ.
*** *** *** ** ** **** **** ****
خەلق مەدەنىيىتىدىكى تاشقا ئالاقىدار ئەقىدىلەر ۋە قائىدە - يوسۇنلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە نامايان قىلىنغانلىقى مەلۇم. بۇ قائىدە - يوسۇنلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك تاش بىرىنچى ياكى ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇھىم روللارنى ئوينايتتى. خەلق يامغۇر ياغدۇرۇش، كېسەللىكلەردىن قۇتۇلۇش، شىپا تىلەش، بالا - قازالارنى يوقۇتۇش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مەقسەتلەر ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان سالاھىيەت ۋە شەكىلدىكى تاشلاردىن پايدىلىنىش يولىنى تۇتاتتى.
تۈركلەردىكى تاشقا ئالاقىدار ئېتىقادنىڭ قەدىمىي ئىزنالىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمقىي تۈرك ئېتىقادلىرىغىچە تۇتىشىدۇ. مۇقەددەس قوبۇل قىلىنغان تاشلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى بولسا، "يادا" ياكى "ياد" ناملىق سىھىرلىك تاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئېتىقادلارغا كۆرە، بۇ تاش تەڭرى تەرىپىدىن ھەدىيە قىلىنغان بولۇپ، تۈركلەر بۇ تاش ئارقىلىق خالىغان چېغىدا قار ياكى يامغۇر ياغدۇرالايتتى، بۇران ۋە شامال چىقىرالايتتى. بۇ تاشنى ئىشلىتىپ يامغۇر ياغدۇرىدىغان كىشى " ياداچى" دەپ ئاتىلاتتى. بۇ تاش نامەلۇم بىر سىھرىي كۈچكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ھەممىلا دەۋردە شۇ دەۋرنىڭ تۈرك قوماندىلىرىنىڭ يېنىدىن ئايرىلمايتتى. تۈركىي خەلقلەرنىڭ "يادا" تېشى بىلەن يامغۇر ياغدۇرۇش ئەنئەنىسى ئىنتايىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئۇلار كىمنىڭ يېنىدا "يادا" تېشى بولسا، ئۇنى چاقماق سوقمايدۇ، دەپ ئىشىنەتتى. ئۇسسۇز ئىنساننىڭمۇ بۇ تاشنى ئېغىزىغا سالسا، ئۇسسۇزلۇقى قانىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلەتتى.
بۇ خىل مۇقەددەس تاشلار، ئانادولۇنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك ئۇچراپ تۇرىدۇ. چۆچەك، رىۋايەت ۋە كارامەت قاتارلىقلارنى مۇكەممەللەشتۇرىدىغان دىنىي ئەنئەئە ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىققان ۋە تۇرمۇش بىلەن بىر پۈتۈنلەشكەن تاش كۈلتۈرى، ئىجتىمائىي ئاڭنىڭمۇ تەسىرى بىلەن نەسىللەردىن نەسىللەرگىچە يۆتكىلىپ كەلمەكتە.
*** ***** ****** ****** *****
دىنىي رىۋايەتلەردە "كامارلىق تاشلار" يېڭىدىن تۇغۇلۇش ۋە بەرىكەتنىڭ سېمۋولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئىنسانلار كامارلىق تاش ۋە قىيالار ئارقىلىق تۇغماس ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىك بولۇشىغا، بالىسى تۇرماس كىشىلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك بولىشىغا، تۇغماس ھايۋانلارنىڭ تۇغۇشى ۋە ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ شىپا تېپىشى ئۈچۈن تىلەكلەردە بولىدۇ.
ھاجى بەكتاشۋەلى دەرگاھىغا يېقىن بىر قىيالىقتىكى ئەلىۋىي بەكتاشىلەر تەرىپىدىن مۇقەددەس ھېسابلىنىدىغان بىر غاردا ئېگىز بىر يەردە سىرتقا ئېچىلغان ئەمما ئىنسانلار ئىنتايىن تەستە ئۆتەلەيدىغان بىر كامار بار بولۇپ، بۇ يەرنى خەلق "چېلە چېكىدىغان يەر" ياكى "كامارلىق تاش" دەپ ئاتايدۇ. ئەلىۋىي بەكتاشىلەردە كەڭ تارقالغان ئەقىدىلەرگە كۆرە، گۇناھى كۆپ كىشىلەر بەدىنىي ھەر قانچە كېچىك بولسىمۇ، بۇ كاماردىن ئۆتۈپ سىرتقا چىقالمايدۇ. بۇ ئەقىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە بالقانلارغىمۇ كەڭ تارقالغان، ئانادولۇنىڭ بەزى رايونلىرىدىمۇ «ئوتتۇرىسى كامار بىر تاش ئۇچراپ قېلىپ بوينىغا ئېسىۋالسا، ئۇ كىشىگە كۆز تەگمەيدۇ. بۇ تاش ئۆيگە ئېسىلسا، ھەم ئۆي، ھەم ئۆيدىكى كىشىلەر كۆز تېگىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ» دەيدىغان ئەقىدىلەر ساقلىنىپ كەلمەكتە.
ھەر قايسى ئۇلۇغ مازارلاردىمۇ تېلەك تۇتۇپ چاپلاپ قويۇلغان "تېلەك تاشلىرى"نىڭ كۆپىنچىسى دەل ئەنە شۇ مۇقەددەس تاشلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. ئەگەر تاش چاپلاشسا تېلىكىنىڭ قوبۇل بولغانلىقىغا، چاپلاشمىسا قوبۇل بولمىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇلۇغ مازارلاردىكى "شىپا تاشلىرى"مۇ تاشقا ئارتىپ قويۇلغان مۇقەددەسلىكنىڭ نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ. "شىپا تاشلىرى"نى مازارغا كەلگەن زىيارەتچىلەر بەدىنىنىڭ ئاغىرىغان قىسمىغا سۈركەپ شىپالىق تىلەيدۇ. بەزى تاشلارنىڭ كېسەللىكلەرگە پايدا قىلغانلىقى خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئانادولۇنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بۇ ئەقىدىگە ئالاقىدار نۇرغۇنلىغان مىساللارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
مەسىلەن؛ ئادىيامان مەنزىلدە نەمرۇت تېغىغا چىقىدىغان يولدا ناھايىتى چوڭ بىر تاش ئۇچرايدۇ. بۇ تاشنىڭ يېنىدا نۇقۇتتەك چوڭلۇقتا ئۇششاق تاشلار بولىدۇ. خەلق بۇ تاشلارنى ئەشۇ چوڭ قىيانىڭ تۇغىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. زىيارەتچىلەر تەرىپىدىن ئېلىنىدىغان بۇ كېچىك تاشلار ئىچىدىغان سۇنىڭ ئىچىگە قويۇلىدۇ ۋە پۈتۈن ئائىلە ئۇ سۇنى ئىچىدۇ. شۇنداق قىلغاندا نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. ئانادولۇنىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىدا ھەرە چىقىۋالغان، قورساق ئاغرىغان ياكى بىرەر نەرسە قاتتىق تەكگەن ئەھۋالدا، ئوتتا قىززىتىلغان بىر تاش شۇ يەرگە قويىلىدۇ ۋە مەلۇم مۇددەت تۇرغۇزلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ شىپا تاپىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
*** ** *** *** **** **** *****
دىيار بەكىرنىڭ لىجە ناھىيەسىدە «پالەچ كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدۇ» دەپ ئىشىنىلىدىغان بىر تاش بولۇپ، ئۇ تاش پالەچ كېسەللىكلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. تاشنى پالەچ بولۇپ قالغان جايلارغا سۈركىگەندە، پالەچنىڭ ساقىيىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ.
ھەسەن كەيفىدىكى شەيخ سەۋىنچ قەبرىگادىكى تاشلارمۇ شىپا تېپىش نىيىتى بىلەن قول ۋە پۇتلىرىغا سۈركىلىدۇ. ئانادولۇدا كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ دەپ قارىلىدىغان تاشلار ئىنتايىن نۇرغۇن. ئانادولۇنىڭ بەزى جايلىرىدا يامغۇر دۇئاسى قىلىنغاندا 41 تاشقا دۇئا ئوقۇلۇپ سوغا ئېتىلىدىغان ئادەت بولۇپ، بۇ ئادەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى "يادا تېشى" ھەققىدىكى ئېتىقادلارنىڭ قالدۇقلىرى ھېسابلىنىدۇ.
بۇلاردىن باشقا يەنە، ئانادولۇدا كۆرۈنىشى خۇددى ئىنسان ياكى ھايۋانغا ئوخشاپ كېتىدىغان بەزى قىيالىقلار ۋە تاشلارمۇ بار بولۇپ، بۇلارغا قارىتا ئاساسەن دېگۈدەك «بىرەر مۇقەددەس نەرسىگە ياكى شەخسكە ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ سالغانلىقى ئۈچۈن تەڭرىنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ، تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن» دېگەندەك رىۋايەتلەر ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. تاشقا ئايلىنىپ كېتىشكە ئالاقىدار چۆچەكلەر پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدا دېگۈدۈك كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۆتمۈشتىن ھازىرغا قەدەر پەقەتلا تۈرك كۈلتۈرىدە ئەمەس، بەلكى باشقا نۇرغۇنلىغان كۈلتۈرلەردە ئەقىق، ئەمەتېس، يەشىم، ياقۇت قاتارلىق بەزى تاشلارنىڭ روھى ۋە جىسمانىي كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئەقىدىلەر ۋە بەزى ئۆرپ – ئادەتلەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! يۇقىرىدا غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلىمى ئوقۇتقۇچىسى دوچەنت دوكتۇر فاتىمە ئەھسەن تۇران تەرىپىدىن تاييارلانغان تۈرك – ئۆرپ ئادەتلىرى ناملىق پىروگراممىمزنى ئاڭلىدىڭلار.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر