تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 93

"ئى ش ئى د"غا قارشى كۈرەش ۋە غەلىبە ئۈچۈن ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر

153428
تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 93

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 93

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلىمىدە «"ئىش ئى د"غا قارشى كۈرەش ۋە غەلىبە ئۈچۈن ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر» دېگەن تېما ئۈستىدە توختىلىمىز.
دۇنيانىڭ سىياسىتى ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردە ئوخشاش بولمىغان يۆنىلىشلەرگە يۈزلەندۈرىلىدۇ. 19 – ئەسىر مىللەتچىلىك ۋە سانائەت ئىنقىلابىنىڭ، 20 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمى، دېكتاتور ۋە فاشېست تۈزۈملەرنىڭ ھەمدە ئىككىنچى يېرىمى بولسا، سوغۇق ئۇرۇش ۋە ئىددىئولوگىيەلەرنىڭ تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان بولغان دەۋرلەر ئىدى. يېقىنقى مەزگىلدە دۇنيا سىياستىدە ئەڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغان ئېقىم ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بولدى. تېررورلۇق تەشكىلاتى "PKK"، تېررورلۇق تەشكىلاتى "IRA"، "ETA"، "El Kaide"، "Boko Haram"، "Al Nusra" ۋە مانا ئەمدىلىكتە بولسا، "ئى ش ئى د" ۋە بۇلارغا قارشى كۈرەشلەر ئالدىنقى پىلانغا ئۆتتى. بولۇپمۇ 2001 – يىلى 11 – سېنتەبىر نىيۇيوركتا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردىن كېيىن باشلانغان دەۋرلەرنى «يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى كۈرەش دەۋرى» دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ. پىرېزىدېنت بوش تەرىپىدىن باشلىتىلغان بۇ كۈرەشنىڭ پىرېزىدېنت ئوباما تەرىپىدىن ئاخىرلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ۋە باشقىچە بىر دەۋرگە قەدەم قويىلىدىغانلىقىغا دائىر مەلۇم دەرىجىدە ئۈمىت شەكىللەنگەن ئىدى. ئوبامامۇ ھەقىقەتەن مۇشۇ مەقسەتتە مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىدى. بىراق خۇسۇسەن قىلىپ ئېيتقاندا "ئى ش ئى د"نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن تەڭ ئوبامانىڭمۇ 11 – سېنتەبىر قىممەت قارىشىغا قايرىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.
ئوبامانىڭ بوشتىن بىر پەرقى بار. ئۇ بولسىمۇ، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپلىك شەكىلدە ئەمەس، ئاساسلىق بىرلەشمە ئارمىيەگە ئوخشاش كۆپ تەرەپلىمىلىك بىرلەشمىلەر بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش. بۇ ئۇسۇل بوشنىڭ تۇتقان يولىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئىجابىي كۆرۈنگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئوباما ۋە بىرلەشمە ئارمىيەگە قېتىلغان دۆلەتلەر "ئى ش ئى د"غا قارشى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، "ئى ش ئى د"نى ئوتتۇرىغا چىقارغان سەۋەبنى ياكى سەۋەبلىرىنى ياخشى چۈشۈنۈش ۋە شۇنىڭغا ئۇيغۇن شەكىلدە كۈرەش قىلىش لازىم.
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي بىلىملەر ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانىلىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
*** **** *** **** **** *** ** ***** ****
ئالدى بىلەن "ئى ش ئى د"نىڭ نە ئىسلام دىنىغا، نە مۇسۇلمانلارغا خاس تەشكىلات ياكى ئىددىيە ئەمەسلىكىنى ئەستە تۇتۇش لازىم. "ئى ش ئى د"غا ئوخشاش تەشكىلاتلارنى ئىسلامىي تېرمىن ۋە ئىسلامىي پىكىرلەر بىلەن ئىزاھلاشقا ۋە چۈشۈنۈشكە تىرىشىش نە دىنىي كۈلتۈرنىڭ، نە تارىخى تەجرىبىلەرنىڭ ھەقىقىتىگە ماس كەلمەيدۇ. "ئى ش ئى د" ئىشلىتىۋاتقان "ئىسلام دۆلىتى" دېگەن سۆز ھەر قانچە بولسا، خاتا تەشۋىقات ۋە ئىغۋاگەرچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھەرقانداق نورمال بىر مۇسۇلمان ھەرگىز قوبۇل قىلالمايدىغان بىر خاتادىن ئىبارەتتۇر. شۇڭلاشقا . "ئى ش ئى د"غا ئوخشاش تەشكىلاتلارنى ئسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا باغلاپ چۈشەندۈرۈش مەنتىق ۋە ئەخلاق جەھەتتىن بىر مەيدانسىزلىقتۇر. ب
بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە "ئى ش ئى د" ۋە باشقا ئىسلامنىڭ نامىنى ئىشلىتىۋاتقان بەزىبىر تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇسۇلمانلار زېمىنىدىن تۆرەلگەنلىكىنىمۇ قوبۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە. تېررورلۇق تەشكىلاتى "IRA"، ۋە "ETA" لارنىڭ غەرب خېرىستىيان ئەللىرىدە تۆرەلگەن تېررورلۇق تەشكىلاتلار ئىكەنلىكى قانداق توغرا بولغان بولسا، "ئى ش ئى د"غا ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭمۇ شەرق، ئىسلام ئەللىرىدە تۆرەلگەنلىكى راس. بۇ ئەھۋاللارنى توغرا ئىزاھلاش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا ھەم ھەر قايسى دىن ۋە كۈلتۈرلەر ھەققىدىكى خاتا باھالاشلارنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ، ھەم بۇ خىل مەسىلىلەرگە تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك توغرا ھەل قىلىش چارىلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ.
بۇ خىل تەشكلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئامىللارنى مۇنداق رەتكە تېزىشقا بولىدۇ.
1 - ئوتتۇرا شەرقتە داۋاملىشىۋاتقان يەر شارى خاراكتېرلىك ۋە رايون خاراكتېرلىك گىئوپولىتىكىلىق رىقابەتلەر بىلەن تۇقۇنۇشلار.
2 - بۇ تۇقۇنۇشلار نەتىجىسىدە ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئوتتۇرىغا چىققان ھاكىمىيەت بوشلۇقلىرى.
3 – ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئومۇملاشقان سىياسەت، دېموكراتىيە، ئىقتىساد ۋە باياشاتلىق مەسىلىلىرى ھەمدە ئىسلام دىنى ۋە مەدەنىيەت تەربىيەسىدە كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەر.
بۇ مەسىلىلەرنى قىسقىچە مۇنداق ئىزاھلاشقا بولىدۇ:-
بىرىنچىسى، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئىستىراتېگىيەلىك مۇھىم ئەھمىيىتى سەۋەبىدىن قانچىلىغان يىللاردىن بۇيان يىلتىز تارتىپ كەتكەن بىر تۇقۇنۇشنى باشتىن كۈچۈرىۋاتقان بولۇشى. بۇ ھالەت سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە غەرب ۋە شەرق لاگېرلىرىنى بويلىغان ھالدا ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان بولسا، 1979 – يىلى ئىران ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىسلام بىلەن غەرب ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشكە ئايلىنىپ قالدى. 11 – سېنتەبىردىن ۋە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان بىلەن ئىراقنى ئىشغال قىلىشىدىن كېيىن بۇ كۈرەشنىڭ شەكلى يەرشارى خاراكېترلىك تېررورلۇققا قارشى كۈرەشكە ئايلاندى. مانا ھازىرقى ۋەزىيەتتە بولسا، ئەرەب باھارىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى شۇنداقلا سۇرىيەدە ھۆكۈمەت ۋە ھاكىمىيەتنىڭ يوق بولۇشى بىلەن تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشماقتا. "ئى ش ئى د"نىڭ تېگى ئىراقتىن ئەمما سۈرىيەدە تۆرەلگەن بىر تەشكىلات بولغانلىقى بۇ خىل تەشكىلاتلارنىڭ قانداق پەيدا بولىدىغانلىقىغا دائىر مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
"ئى ش ئى د"غا ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر سەۋەبى بولسا، بۇ دۆلەتلەردە كۆرۈلىۋاتقان بىخەتەرلىك، ئىقتىساد ۋە باياشاتلىق جەھەتتىكى مەسىلىلەردۇر. ئىشسىزلىق، ناچار شارائىت ئاستىدىكى تۇرمۇش، ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرىغا ئالاقىدار ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، خاتىرجەمسىزلىك ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قېيىنچىلىقلار، ياشلارنىڭ ئاسان قايىل بولۇپ كېتىشىگە يول ئاچماقتا. بۇ خىل قېيىنچىلىقلارغا دۇچار بولغان ياشلار ۋە باشقا ئىنسانلارنىڭ دىنىي ۋە ئىددىئولوگىيە جەھەتتىن سۇيىئىستىمال قىلىنىشى ئىنتايىن ئاسان بولۇپ كەلمەكتە. تېگى مۇسۇلمان ياكى خىرىستىيان بولغان تېررورچى ياشلارنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە نۇرغۇن ساندىكىلەرنىڭ ئىقتىسادىي قىېيىنچىلىقلىرىنىڭ دىنىي ۋە ئىددىلوگىيەلىك بۇرمىلاشلار ئارقىلىق سۇيىئېستىمال قىلنغانلىقىنى كۆرىمىز.
بۇ نۇقتىدا ئەڭ ئاخىرقى ئەمما ئەڭ ئاساسلىق ئامىلنىڭ دىنىي ئاڭ ۋە دىنىي مائارىپ سەۋىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتالايمىز. ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ۋە ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىسلام دىنىنى تېررولۇققا سۇيىئېستىمال قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بار كۈچى بىلەن تەكىتلىمەكتە. "ئى ش ئى د" تېررورچىلىرىنىڭ قىلغىنىغا ئوخشاش دىنسىز ياكى پەرقلىق مەزھەپكە ۋە دىنغا تەۋە ئىنسانلارنىڭ بېشىنى كېسىپ ئۆلتۈرۈشلىرى ئىسلام چۈشەنچىسىگە ۋە ئەنئەنىسىگە پۈتۈنلەي زىت بىر ئىش.
ئەگەر ئەھۋال شۇنداق ئىكەن ئۇنداقتا ئاتالمىش "ئى ش ئى د" مۇجاھىتلىرى بۇ مەسىلىگە قانداق فەتىۋا بېرىدۇ ۋە قانداقسىگە ئىجرا قىلىدۇ؟
بۇ مەسىلىنىڭ بىرلا جاۋابى بولۇشى مۇمكىن، "ئى ش ئى د"غا ئوخشاش تەشكىلاتلار ئەگەر ئىسلامنى سۇيىئېستىمال قىلمايۋاتقان بولسا، ئۇنداقتا خاتا چۈشىنىپ، خاتا ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى تۇرغانلا گەپ. بەزى ئالىملارنىڭ "ئى ش ئى د"نى «7 – ئەسىردە كۆرۈلگەن خاۋارىچلارنىڭ زامانىۋىي شەكلى» دەپ باھالىشىمۇ پەقەت بىر تارىخىي ئىزاھاتتىنلا ئىبارەتتۇر. قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقىي، توغرا بايانلىرىغا ماسلاشمايدۇ.
خۇلاسە شۇكى، "ئى ش ئى د" ۋە شۇنىڭدەك باشقا تەشكىتلارغا قارشى راستىنلا سەمىمىي ۋە تەل تۆكۈس ھەل بولىدىغان شەكىلدە بىر كۈرەش قىلىدىغان بولسا، بۇ يەردە بىلدۈرۈلگەن سەۋەبلەر چوقۇم نەزەردە تۇتىلىشى لازىم. دېمەككى، كۈرەش مانا بۇ سەۋەبلەرنى يوق قىلىپ تاشلىيالايدىغان شەكىلدە داۋاملىشىشى لازىم.
يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر