تۈرك ئۆرپ – ئادەتلىرى - 40

دەرەخنى مۇبارەك ۋە مۇقەددەس دەپ قاراش ئەقىدىسى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، نۇرغۇنلىغان خەلقلەر سامىۋىي دىنلار كېلىشتىن ئىلگىرى دەرەخلەرنى ئۇلۇغلايتتى ۋە ھۆرمەتلەيتتى.

149730
تۈرك ئۆرپ – ئادەتلىرى - 40

تۈرك ئۆرپ – ئادەتلىرى - 40
تۈرك كۈلتۈرىدە دەرەخكە ئالاقىدار ئېتىقاد ۋە دىنى ئەنئەنىلەر

دەرەخنى مۇبارەك ۋە مۇقەددەس دەپ قاراش ئەقىدىسى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، نۇرغۇنلىغان خەلقلەر سامىۋىي دىنلار كېلىشتىن ئىلگىرى دەرەخلەرنى ئۇلۇغلايتتى ۋە ھۆرمەتلەيتتى. بەزى دەرەخلەرنىڭ قىشىمۇ ياز يېشىللىقىنى ساقلىيالىشى ۋە ئىنساندىن تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى، ھەر پەسىلدە ئۆزىنى يىڭىلىيالىشى قاتارلىق ئالاھىدىكلىرى بۇ ئەقىدىگە سەۋەب بولغان ئىدى. قەدىمقى تۈركلەرنىڭ ئېتىقادلىرىدىمۇ "كائىنات دەرەخى" ۋە ياكى "ھاياتلىق دەرىخى" دەپ ئاتىلىدىغان دەرەخ دۇنيانىڭ مەركىزى ھېسابلىناتتى.
*** ***** ***** ***** ***
"كائىنات دەرەخى" ھەر خىل تەرىپلىنىدۇ. "كائىنات دەرەخى"نىڭ يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن يۈكسەلگەنلىكى، يىلتىزى دۇنيانىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، شاخلىرى كۆك يۈزىنىڭ ئەڭ ئېگىز قاتلىرىغىچە يېتىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. "كائىنات دەرەخى"نىڭ يىلتىزى يەر ئاستىدا، گوۋدىسى يەرگە باغلانغان ۋە شاخلىرى كۆككە يۈكسەلگەن بولغاچقا ئۇنى دۇنيانىڭ ئوربېتى دەپ چۈشەنگەن ۋە ئۇنى كۈچ - قۇدرەتنىڭ تۈۋرىكىدۇر دەپ قاراشقان ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە شامانىيلارنىڭمۇ كۆككە قىلغان روھانىي سەپەرلىرىدە دەرەخنى شوتا قىلغانلىقى ۋە شۇ ئارقىلىق تەڭرىگە يېتىپ بارغانلىقى ھېكايە قىلىنىدۇ.
بۇ دەرەخنىڭ قىشىمۇ ياز دائىم ياشىرىپ تۇرىشى، ياپراقلىرىنىڭ تۆكۈلمەيدىغانلىقى، ھەر دائىم يېشىللىقىنى ساقلايدىغان، ھەر دائىم چېچەك ئاچىدىغان ۋە مېۋە بېرىدىغان، مېۋىسىنى يېگەن ئادەم ئۆلمەس بولىدىغان مۇھىم ئالاھىدىلىكى بارلىقى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. ھەتتا "كائىنات دەرەخى"نىڭ يىلتىزىدىمۇ ئابىھايات سۈيى بار دەپ ئېتىقاد قىلىنىدۇ.
"كائىنات دەرەخى"نىڭ ئاساسەن يارىتىلىش، شەكىللىنىش ۋە ئۆلۈمسىز بولۇش قاراشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېسابلىنىدۇ. ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەردە ھاياتلىق دەرىخىنى سۇغۇرىدىغان ئابىھايات سۈيى بىلەن بۇ دەرەخنى قوغدايدىغان يىلان، ئەجدىرھا ۋە يولۋاس قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ بارلىقى قوبۇل قىلىنىدۇ.
دۇنيا مىللەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، "كائىنات دەرەخى"گە ئالاقىدار ئەقىدىلىرىدە نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز.
ئىنتايىن چوڭ ۋە ئېگىز دەرەخ ئىكەنلىكى، يەر يۈزى، كۆك يۈزى ۋە يەر ئاستىدىكىلەرنى ئۆز قوينىغا ئالغان بولىشى، ھەممىلا كۈلتۈرلەردە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ دەرەخنىڭ ئاستىدا مۇقەددەس سۇ، مۇقەددەس بۇلاق ياكى ئۆستەڭنىڭ بارلىقىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
قاراچاي تۈركلىرى ئارىسىدا ئېيتىلىدىغان بىر خەلق ناخشىسىدا، تۈركىي خەلقلەرنىڭ دەرەخكە ئالاقىدار قاراشلىرى مۇنداق بايان قىلىنغان:-
ئى يالغۇز دەرەخ جان دەرەخ،
ئى يالغۇز دەرەخ تەڭرى دەرىخى،
ئى يالغۇز دەرەخ بەرىكەت دەرىخى،
كۆپتۈر ئىمكانىڭ سېنىڭ!
ئى ئىنسانغا ياردەم قىلغۇچى دەرەخ!
**** *** *** ***** ***** ***** *****
تۈركىي خەلقلەرنىڭ دەۋرلىرى ۋە ياشاۋاتقان رايونلىرى ھەتتا ئېتىقادلىرى ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىنسانلارنىڭ كۆزى بىلەن كۆرگەن ياكى كۈلتۈردىن كەلگەن خاتىرىلىگە قېزىلغان نەقىش دۇنياسى ئۆزگەرمەي كەلمەكتە. بۇ ئەقىدىلەر ۋە دىنىي قائىدە – يوسۇنلار كۈلتۈر خاتىرە خەىزىنىسىدە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئانادولۇغىچە بولغان كەڭ رايوندا ۋە ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردە "كائىنات دەرەخى"مۇ، ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئەقىدە ۋە دىنىي قائىدە – يوسۇنلارمۇ ئەھمىيتىنى يوقۇتۇپ باقمىدى. بۇ ئەقىدىلەر ۋە دىنىي قائىدىلەرنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتى. چۈنكى ئىسلام دىنىمۇ دەرەخكە ئەھمىيەت بېرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «قىيامەت بولۇشقا ئاز قالغان چاغدىمۇ ئەگەر قولۇڭلاردا بىرەر دەرەخنىڭ كۆچىتى بولسا ۋە ئۇنى تىككۈدەك ۋاقتىڭلار بولسا، ئۇنى چوقۇم تىكىڭلار» دېگەن سۆزى بىلەن «كىم بىر دەرخ تىكسە، ئاللاھ ئۇنىڭىغا دەرەختىن چىققان مەھسۇلاتنىڭ سانىغا تەڭ ساۋاپ يازىدۇ» دېگەن سۆزلىرى دەرەخنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرىدىغان مۇھىم ھەدىسلەر قاتارىدا سانىلىدۇ.
قەدىمىي تۈركلەرنىڭ ئېتىقادىدا دۇنيانىڭ گەردىشىنىڭ مەركىزى ھېساپلىنىدىغان مۇقەددەس دەرەخ، ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن جەننەتتە مەۋجۇت بولغانلىقى بايان قىلىنىدىغان ئانار ۋە خورما دەرىخىگە ئايلاندى دېيىشكە بولىدۇ. تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تاغدا يالغۇز ئۆسكەن ئېگىز دەرەخلەرنى ئۇلۇغلاپ كەلگەن ھەمدە بۇنداق دەرەخلەرنى بويلىغان ھالدا بىر تۈركۈم ئەقىدە ۋە قائىدە – يوسۇنلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئانادولۇدا بۇ خىل ئەقىدە ۋە قائىدە – يوسۇنلار داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
دەرەخنىڭ شاخلىرىنىڭ كۆك يۈزىگە يەتكەن بولۇشى ۋە شۇ ئارقىلىق تەڭرىگە يېتىپ بېرىش ئەقىدىسىنىڭ قالدۇقلىرى ياكى قالدۇقلىرىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئانادولۇ خەلقى دەرەخ شاخلىرىغا لاتا ياكى رەڭلىك يىپلارنى چېگىپ تىلەك تۇتىدۇ. شۇنىڭدەك ھىدېرەللەز بايرىمىدا ئىشقا ئىشىشىنى ئارزۇ قىلىپ يازغان تېلەك مەكتۇپلىرىنى گۈل كۆچەتلىرىنىڭ ئاستىغا قويۇپ قويىدۇ. يالغۇز دەرەخلەرنى ياكى كۆچەتلەرنى كەسسە شۇملۇق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. خەلق ئارىسىدا يالغۇز دەرەخنى كەسكەنلەرنىڭ بىشىغا يامان كۈنلەرنىڭ كەلگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئانادولۇدا يېزا قىشلاقلاردا بالا تۇغۇلغاندا ئۇنىڭ نامىغا بىر دەرەخ تېكىلىدۇ ۋە دەرەخ بىلەن بالا بىر گەۋدىلەشكەن ھېسابلىنىدۇ. نامىغا دەرەخ تېكىلگەن كىشىنىڭ بەختلىك بولىدىغانلىقى ھەمدە باياشات، سالامەتلىكى ياخشى بولسا، دەرەخنىڭ ياشىرىپ تۇرىدىغانلىقى، ئەكسىچە بولغاندا، يەنى ئۇ كىشى كېسەل بولغان ياكى ئۆلگەن تەقدىردە دەرەخنىڭمۇ ياپراقلىرىنى تاشلايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ.
دەرەخكە ئالاقىدار ئەقىدىلەر، ماقال - تەمسىللەردىمۇ ئۆزىنى نامايان قىلغان بولۇپ، ئانادولۇ ئاياللىرى ئۆز ئەرلىرىنى ۋە ئوغۇللىرىنى «ئۆيۈمنىڭ ئۇلۇغ دەرىخى» دەپ ئاتايدۇ. بۇنىڭدىنمۇ دۇنيانىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدىغان، كۆك يۈزىنى، يەر يۈزىنى ۋە يەر ئاستىنى ئۆز قوينىغا ئالغان ئۇلۇغ دەرەخ ئەقىدىسىنىڭ تەسىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇغۇللىرىنى بولسا، ئائىلىگە نىسبەتەن «سايىسى ۋە مىۋىسى بولغان ئۇلۇغ دەرەخ» دەپ ئاتايدۇ. بۇ سۆزلەر ئائىلىنىڭ ئوغۇللىرىغا بولغان ئۈمىت ۋە ئىشەنچلىرىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
"كائىنات دەرىخى" ئەقىدە ۋە دىنىي قائىدە – يوسۇنلاردىن باشقا يەنە، ئانادولۇدا قۇرۇلغان سولجۇقىيلار خانلىقى ۋە ئوسمانلى خەلىپىلىكى كۈلتۈرلىرىگە تەۋە بىناكارلىق، رەسىم ۋە قول ھۈنەر - سەنئەت ئەسەرلىرىدە، شامدان، گېلەم قاتارلىق بويۇملاردىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. دېمەك "كائىنات دەرىخى" ئورتاق خاتىرىلەرنىڭ كونكېرت ئىپادىسىدۇر. "كائىنات دەرىخى" تۈرك سەنئەتىدە، بىناكارلىق، قول ھۈنەر - سەنئەت ئەسەرلىرىدە، كىتاپ، رەسىم مىنياتورلاردا زىننەت ۋە بېزەش ئامىلى سۈپىتىدە ئشلىتىلگەن بولۇپ، ھاياتلىق دەرىخى بولسا، بەزى مەدرىسىلەر، مەقبىرىلەر ۋە ساراي تاملىرىنى بىزەش ئامىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن .
مەسىلەن 1236 – يىلى سېلىنغان بەيشەھىر كۇبات ئاباد سارىيى، 1271 – يىلى سېلىنغان سىۋاس گۆك، 1285 – يىلىدىن 1290 – يىللىرىغىچە بولغان مەزگىلدە سېلىنغان ئەرزۇرۇمدىكى قوش مۇنار، 1310 – يىلى سېلىنغان ئەرزۇرۇم ياقۇتىيە مەدرىسىلىرى، ئاندىن قەيسىرىدىكى 1285 – يىلىدىن 1300 – يىلغىچە بولغان مەزگىلدە سېلىنغان دۆنەر شاھ جاھان خاتۇن مەقبىرىسى ۋە ئاغرىدىكى 1784 – يىلى سېلىنغان شەرقىي بەيازىت ئىسھاق پاشا سارىيى قاتارلىقلارنى ئۆزنەك كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئانادولۇنىڭ مەيلى قانداقلا يېرىگە بېرىڭ، ماددىي ۋە مەنىۋىي كۈلتۈرىمىزدە قەدىمقىي تۈركلەرنىڭ دەرەخنى ئۇلۇغلاش ئەقىدىسىگە ئالاقىدار ئىزنالىرىنى ئۇچرىتالىشىڭىز مۇمكىن.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلىمى ئوقۇتقۇچىسى دوچەنت دوكتۇر فاتىمە ئەھسەن تۇران تەرىپىدىن تاييارلانغان تۈرك – ئۆرپ ئادەتلىرى ناملىق پىروگراممىمزنى ئاڭلىدىڭلار.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر