تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى

ئۇكرائىنا كىرىزىسى، غەربنىڭ رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى، قىرىم تاتارلىرىنىڭ كېلەچىكى، ناتو – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى يىرىكچىلىكلەر، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى قۇرۇلغان بىرلەشمىنىڭ دەمەشىق ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى ۋە بۇنىڭغا رۇسىيەنىڭ نارازىلىقى دېگەندەك مەسىلىلەردىن تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە قىسقىچە مۇلاھىزە...

142786
تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۆزىنىڭ يولىدا ئىلگىرىلەۋاتقان بولسىمۇ، ئۇكرائىنا كىرىزىسى، غەربنىڭ رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى، قىرىم تاتارلىرىنىڭ كېلەچىكى، ناتو – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى يىرىكچىلىكلەر، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى قۇرۇلغان بىرلەشمىنىڭ دەمەشىق ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى ۋە بۇنىڭغا رۇسىيەنىڭ نارازىلىقى دېگەندەك مەسىلىلەر، نۆۋەتتىكى تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىگە قاراپ چىقىشىمىزغا سەۋەب بولدى. ئۇنداق بولسا، ئالدى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردىكى ئۆزگىرىشلىرىگە كۆز يۈگۈرتەيلى:
2014 – يىلى 18 – ئىيۇل ئەينى ۋاقىتتىكى باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇكرائىنادا چۈشۈپ كەتكەن مالايشىيا ئايروپىلانىنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئايروپىلاننىڭ چۈشۈرۈۋېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلات ئۆتكەنكى كۈنلەردە ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، كىملەر تەرىپىدىن قىلىنغانلىقى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. رۇسىيە تاراتقۇلاردا دېيىلگەندەك رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ باياناتىغا ئانچە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرمىدى.
رۇسىيە دۇماسىنىڭ باشلىقى نارىشكىن باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 28 – ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. نارىشكىن مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك سەۋىيەسىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. نارىشكىن يەنە، دېكابىر ئېيىدا رۇسىيە – تۈركىيە پارلامېنتلار ئارا ئىقتىساد، بىلىم ۋە پەن – تېخنىكا كومىتېتى، تۈركىيە – رۇسىيە ئىجتىمائىي مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇ «تۈركسات – A4» سۈنئىي ھەمراھىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدە تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ئورناتقان ھەمكارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.
16 – سېنتەبىر رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرى ئالېكسېي ئۇليۇكايېۋ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى. ئۇليۇكايېۋ تۈركىيە ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ھېساباتلاردا ئىمكانقەدەر ئۆزلىرىنىڭ پۇل بىرلىكلىرىنى ئىشلىتىشنى پىلان قىلغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى. زەيبەكچى بولسا، بۇ كۆرۈشۈشكە «تارىخىي كۈن» دەپ باھا بېرىپ، سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 100 مىليارد دوللارغا چىقىرىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە تاموژنا چەكلىمىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قاتناشتىن پەيدا بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا قارار ئېلىنغانلىقىنى، قاتناش تىرانسىپورت جەھەتتىكى چەكلىمىلەر ۋە رەسمىيەت بېجىرىش قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىمۇ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىنىستىرلارنىڭ باياناتلىرىغا قارىغاندا، پىلان قىلىنغان ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قىرىمدا قۇرۇلىدۇ. قاتناش تىرانسىپورت ۋە رۇسىيە – تۈركىيە ئارىسىدىكى ئالدىن ئەھمىيەت بېرىلىدىغان سودا كېلىشىملىرى پات يېقىندا ئىمزالىنىشى مۇمكىن. تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بىلەن تاموژنا ۋە سودا مىنىستىرلىكىنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا تۈزۈلگەن ۋاقىتلىق تاشقى سودا ئىستاتىستىكا رەقەملىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ئىمپورتىدا رۇسىيە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، رۇسىيەدىن قىلىنغان ئىمپورت مىقدارى 2014 – يىلى ئىيۇل ئېيىدا 2 مىليارد 152 مىليون دوللار بولغان.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 17 - سېنتەبىردە قىرىمدا ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلاملار توغرىسىدا «تۈركىيە قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنسىز قوشۇۋېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن دۆلىتىمىز 14 – سېنتەبىردىكى سايلاملارنىمۇ كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ قارايدۇ» دەپ بايانات ئېلان قىلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتىدا يەنە، «يېقىنقى كۈنلەردە قىرىم تاتار مەجلىسىگە قارىتا كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان بېسىملارنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە يەرلىك تاتار خەلقىگە سېلىنغان بېسىملارنى ئەيىبلەپ، بۇلارنىڭ دەرھال توختىتىلىشىنى چاقىرىق قىلدى.»
تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئىزنىك بارابان ئەترىتى 30 – ئاۋغۇستتىن 7 – سېنتەبىرگىچە قىزىل مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق «ھەربىي ئوركېستىر» فېستىۋالىغا قاتناشتى. 18 – سېنتەبىر سائىنت پېتېرسبۇرگدا ئۆتكۈزۈلگەن 27 – نۆۋەتلىك خەلقئارا ئەدەبىيات لېكسىيە يىغىنىدا، تۈركىيە ۋە رۇسىيە ئەدەبىياتى مۇھاكىمە قىلىندى. تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەگە كەلگەن رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى گېرمانىيەلىك ساياھەتچىلەردىن ئېشىپ كەتكەن.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۆزگىرىشلەردىن تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ رايونلۇق مەسىلىلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئۆز يولىدا تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. تۈركىيەنىڭ غەربنىڭ رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزگەن ئېمبارگولىرىنى قانچىلىك دەرىجىدە پۇرسەتكە ئايلاندۇرالايدىغانلىقىغا ھازىرچە بىر نېمە دېگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدا بىر قاتار ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ نۇقتىدا تۈركىيەنىڭ رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىدىن ئۈمىد كۈتمەسلىك كېرەك. ھەتتا، رۇسىيەنىڭ بىر قۇرۇلۇش شىركىتى بۇ ئېمبارگولاردىن قاچقان رۇسىيەلىك بايلارنى تۈركىيەگە جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا «رۇسكەنت» قورۇسى قۇرۇشنى پىلان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
سىياسىي مۇتەخەسسىسلەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلغاندا، رۇسىيە ۋە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىرىنىڭ ئوخشاش تەرەپلىرى توغرىسىدا كۆپ توختىلاتتى. تۈركىيەدە ئىجرائىيە ئىشلىرىنىڭ بېشى ھېسابلانغان باش مىنىستىرلىك ئورنىغا ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئولتۇردى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، يىل ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈركىيە – رۇسىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ بۇ يىللىق يىغىنىغا كىملەرنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا. چۈنكى رۇسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدا پۇتىن – ئەردوغان ئامىلى مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. ئۇنداقتا، قولغا كەلگەن بۇ تېز تەرەققىيات بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشارمۇ؟
ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرىدىكى مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە بۇنىڭغا قارىتا تۈركىيەنىڭ قانداق مەيدان بەلگىلەيدىغانلىقى قىسقا ۋاقىتتا رۇسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغاندەك كۆرۈلمەكتە. قىسقىسى، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە بەزى ئەگرى – توقاي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرسىمۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر