چارە باسقۇچى ۋە "ئى ش ئى د"غا قارشى كۆرەش

پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلىمىدە "تېررورلۇقنى ھەل قىلىش چارە باسقۇچى ۋە ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى كۆرەش" ئۈستىدە توختىلىمىز.

140773
چارە باسقۇچى ۋە "ئى ش ئى د"غا قارشى كۆرەش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلىمىدە "تېررورلۇقنى ھەل قىلىش چارە باسقۇچى ۋە ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى كۆرەش" ئۈستىدە توختىلىمىز.
تەخمىنەن ئىككى يىل ئىلگىرى باشلانغان تېررورلۇقنى ھەل قىلىش چارە باسقۇچى مانا ھازىرمۇ تۈركىيەدە نەتىجىلىك بىر شەكىلدە داۋاملاشماقتا. بۇھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق نىشانى 30 يىللىق "PKK" تېررورلۇق تەشكىلاتىنى يوقۇتۇش، تۈركىيەدە دېموكراتىيەنى ۋە قېرىنداشلىقنى يۇقىرى كۆرۈتۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ نىشان ئىككى يىل ئىچىدە قىسمەن ئىشقا ئاشقان بولدى. شۇڭا 2 يىلدىن بۇيان تېررولۇق پائالىيەتلىرى يۈز بەرمەيدىغان بولدى، ئىنسانلار ئۆلتۈرۈلگەن ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدىغان بولدى. بۇ نەتىجىدە پۈتۈن دۆلەتتە دېگۈدەك خاتىرجەملىكنى ۋە سۆيۈنۈشنى پەيدا قىلدى. بولۇپمۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلىرى شېھىت جىنازە مۇراسىملىرىنىڭ كۆرۈلمەيدىغان بولغانلىقدىن ئىنتايىن خوشال.
تېررورلۇقنى ھەل قىلىش چارە باسقۇچىنىڭ نىشانى يالغۇز تېروررلۇققا خاتىمە بېرىشتىنلا ئىبارەت ئەمەس - ئەلۋەتتە. بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە "PKK" تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قورال تاپشۇرۇشى، تۈركىيە چېگرالىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا "PKK" تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پۈتۈنلەي يوق بولىشىدىن ئىبارەتتۇر. مانا بۇ جەھەتلەردە قىسمەن ئىلگىرىلەشلەر ئىشقا ئاشتى. ئەمما چارە باسقۇچى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا. چۈنكى تېرروچىلار تۈركىيەدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كېتىپ بولغىنى يوق. "PKK" تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پۈتۈنلەي يوق قىلىنىشى تېخى تولۇق ئەمەلگە ئېشىپ بولالمىدى. لېكىن بۇ مەسىلە قانداقتۇر چارە باسقۇچىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دەل مۇشۇ مەقسەتتە ئىنتايىن مۇھىم بىر قانۇن تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن چارە باسقۇچى ھۆكۈمەتىنىڭ تىرىشچانلىقى بولۇشتىن ھالقىپ، دۆلەتنىڭ رەسمىي ياكى قانۇنلۇق سىياسىتىگە ئايلاندى. يەنە بىر تەرەپتىن دېموكراتىك ھۆررىيەت پارتىيەسى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىمرالى تۈرمىسىدىكى كاتتىۋېشى ئوجىلان ئوتتۇرىسدىكى بىۋاستە ئۇچرىشىشلار داۋاملاشماقتا. قىسقىسى چارە باسقۇچى مانا شۇنداق ئېغىر ئاقساق شەكىلدە داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىتىنىڭ سۈرىيەدە ئالدىنقى ھەپتە باشلىغان ھۇجۇملىرى ۋە نەتىجىلىرى چارە باسقۇچىغا نىسبەتەن بەزى خەۋپلەرنى شەكىللەندۈرمەكتە.
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي ئىلىملەر ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتىتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانىلىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
*** ** ** ***** **** *** ******* *****
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرى ئەڭ ئاخىرىدا سۈرىيەنىڭ كوبانى ۋە راجوۋا رايونلىرىغىچە كېڭەيدى. رايوندىكى 20 دىن ئارتۇق كۈرت(كورد) يېزىسى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىتىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەندىن كېيىن يەرلىك خەلق تۈركىيە چېگراسىغا قاراپ كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. كۆچمەنلەرنىڭ سانى شۇ قەدەر يۇقىرى ئۆرلەپ كەتتىكى، تۈركىيەمۇ چېگرالىرىنى ئېچىپ، خەۋپكە ئۇچرىغان سۈرىيەلىك كۈرتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەققىدە يۇقىرىدىن ئالاھىدە يوليۇرۇق چۈشۈرۈلدى. كۆچمەنلەرنىڭ سانى تەخمىنەن 130 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۇرۇق - تۇققانلىرىنىڭ يېنىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى. قالغانلىرى بولسا، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئاجرىتىلغان جايلارغا يەرلەشتۈرۈلدى. بۇ سىياسەت تۈركىيەنىڭ قېيىن ئەھۋالدىكى ئىنسانلارغا ۋە بولۇپمۇ كۈرتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىپ بەردى. تۈركىيەنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى تۈركىيەدىكى كۈرت پۇقرالارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى. دېموكراتىك ھۆررىيەت پارتىيەسى باياناتچىلىرىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مېھرىبانلارچە سىياسىتىگە رەخمەتلىرىنى بىلدۈردى.
بىراق يەنە بىر تەرەپتىن "PKK" تېررورلۇق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى ۋە دېموكراتىك ھۆررىيەت پارتىيەسىنىڭ تەڭ دەرىجىلىك رەئىسى دەمىرتاش بۇ ئىجابىي ۋەزىيەتكە زىت باياناتلارنى ئېلان قىلدى. "PKK" تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن دەمىرتاش سۈرىيەدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كۈرت ياشلاردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەربىي قىسىم قۇرۇپ چىقىش تەكلىپى سۇندى ۋە بۇنىڭغا تۈركىيەدىكى كۇرت ياشلارنىڭ قېتىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئارقىدىنلا شىمالىي ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشلىقى بارزانىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش باياناتلاردا بولدى. ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى ھەم ئىراقتىكى كۇرتلەرنى ئۇرۇشقا چاقىردى، ھەم راجوۋا رايونىدىكى كۇرتلەرنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتچىلىكنى كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىرىق قىلدى.
بۇ باياناتلار ئەگەر ئىجرا قىلىنىشقا باشلانسا، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە مۇھم بىر قەدەم تاشلانغانلىق بولۇشى مۇمكىن، بىراق شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن تاشلانغان بۇ قەدەم ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىنتايىن زور جىددىي خەۋلەرنىمۇ بىرگە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بۇ خەۋپلەر بولسا، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى بىر كۈرت ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى ۋە چارە باسقۇچىدىكى ئاكتىيورلارنىڭ ئارىسىنىڭ بۇزۇلىشى قاتارلىق ھادىسىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى ھەمدە ئۇنداق ئەھۋالدا تۈركىيەنىڭ تېررولۇقنى ھەل قىلىش چارە باسقۇچىغا ئېغىر بىر زەربە ئۇرۇلغان بولۈپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ خەۋپنىڭ مۇنداق ئىككى تەرىپى بار:-
1 – "PKK" تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىگە ئۆتكەن ياشلارنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى ئۇرۇشقا بىۋاستە قاتنىشىشىغا، قوراللىنىشىغا، ياكى ھازىرغىچە ئاۋازى چىقماي كېلىۋاتقان قوراللارنىڭ قايتىدىن ياڭرىشىغا يول ئاچىدۇ. تېررورلۇق تەشكىلاتى "PKK"نىڭ قايتىدىن قوراللىنىشقا باشلىشى بولسا، تۈركىيەنىڭ چارە باسقۇچىنىڭئەڭ ئاساسلىق نىشانى بولغان تېررولۇق تەشكىلاتىنى قورالسىزلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت غايىسىگە ئېغىر نۇقسان يەتكۈزىدۇ.
2 - تېررورلۇق تەشكىلاتى "PKK"نىڭ ئى شى ئى د غا قارشى ئۇرۇش قىلىشى، ئى شى ئى د غا قارشى كۆرەشكە پايدىسى بولغاندەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە تۈركىيەنىڭ قۇرۇغلۇق ھەرىكىتى نىشانىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو)نىڭ رەھبەرلىكىدە ئى شى ئى د غا قارشى كۈرەشنى قوللىسىمۇ، بىراق ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قېتىلىشنى خالىمايدۇ، شۇ ۋەجىدىن بۇنداق بىر ۋەزىيەت تۈركىيەنىڭ سىياسىتىگە زىت ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.
بۇ بارلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ چارە باسقۇچىغا نىسبەتەن شەكىللەندۈرىدىغان يەنە بىر خەۋپى بولسا، دېىئالوگ ۋە كېلىشىپ قېلىشنى ئاساسلىق نىشان قىلغان چارە باسقۇچىنىڭ قايتىدىن قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلىنىشنى باشلىشىدىن ئىبارەت چوڭ ئېھتىماللىق بولىدۇ.
چارە باسقۇچىنىڭ ئاساسلىق پەلسەپەسى قورال - ياراقلارنىڭ ئىشتىلمەسلىكى، يەرگە كۆمۈپ تاشلىنىشى ۋە مەسىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي چارىلەر بىلەن ھەل قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان قانۇن تەكلىپى، بۇ مەنىدىن تاشلانغان چوڭ قەدەم ھېسابلىنىدۇ. ئەمدىكى نۆۋەتتە كۈتۈلىۋاتقانقىنى، بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدۇر. بۇ مۇناسۋەت بىلەن ئەمدىكى ئەڭ مۇھىم نىشان، تاغدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى "PKK" ئەزالىرىنىڭ قوراللىرىنى تاشلاپ، ئائىلىرىگە ۋە جەمىيەتكە قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر. ئەگەر تېررورلۇق تەشكىلاتى "PKK"نىڭ ئەزالىرى ئى شى ئى د غا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى باشلىسا، مەزكۇر نىشاننىڭ ئىشقا ئېشىش نىسبىتى ئاجىزلىشىدۇ. تېررورلۇق تەشكىلاتى "PKK" بىلەن ئى شى ئى د نىڭ سۈرىيە ۋە ئىراق چېگرالىرىدا بىر – بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىشى، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ سەلىبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۇنداقتا بۇ خەۋپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىش لازىم؟
بۇنىڭ بىردىن بىر يولى، ھەر قايسى تەرپلەرنىڭ ئۆاز بىشىمچىلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئىراقتىكى كۈرت گۇرۇپپىلار ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىشتىن ساقلىنىشى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئى شى ئى د غا قارشى كۈرەش سىياسىتىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى لازىم. تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە يولغا قويۇلىدىغان ئى شى ئى د غا قارشى كۈرەش ئىستراتېگىيەسى چارە باسقۇچىنىڭ پەلسەپىۋىي پىكىرىگە شۇنداقلا ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىشىغا ماس كېلىدىغان بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ. ئورتاق تاشلانغان قەدەملەر چارە باسقۇچىنىڭ تېخىمۇ نەتىجىلىك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماستىن، ئى شى ئى د غا قارشى كۈرەشنىمۇ ئۇتۇققا ئېرىشتۇرىدۇ.
يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناشىۋەت فاكولتىتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققتىڭلارغا سۇندۇق.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر