تۈرك ھاۋا كۇرۇمۇ ئۇنىۋېرسىتېتى - 2

تۈرك ھاۋا كۇرۇمۇ ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ مۇدىرى بىلەن سۆھبەت

121642
تۈرك ھاۋا كۇرۇمۇ ئۇنىۋېرسىتېتى - 2

سىنتەبىر ئېيىنىڭ دەسلەپكى ھەپتىلىرىدە ئالىي مەكتەپلىرىمىزدە يېڭى ئوقۇغۇچىلار تىزىمغا ئالدۇرۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن بەند بولماقتا، بىزمۇ چەتئەللەردىكى ئوقۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن بەند بولىۋاتىمىز.
بۈگۈن ئۇپۇق سىزىقى پىروگراممىمىزغا پولشالىق شائىر ۋە يازغۇچى سىتانىسلاۋ لېكنىڭ سۆزلىرى بىلەن باشلىدۇق. بىزمۇ ئىلىمنىڭ مەنبەسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بارلىق كۈچىمىز بىلەن تىرىشىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىلىمىز.
ئۆتكەن ھەپتە سىلەرگە ئەنقەرەدىكى تۈرك ھاۋا كۇرۇمۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەنىدۇق. بۇ ھەپتىمۇ مەزكۇر ئالىي مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور ئۈنسال بال بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنى قالغان يېرىدىن دۋاملاشتۇرىمىز.
ئالىي مەكتەپ مۇدىرىدىن تۈرك ھاۋا كۇرۇمۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە شەرت-شارائىتلىرى ھەققىدە گەپ قىلىپ بېرىشىنى ئۆتۈندۇق، ئۇ قىزغىنلىق بىلەن سوئالىمىزغا جاۋاپ بەردى:
ئاۋاز: بارلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئوخشاش بىزمۇ ھەر خىل ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرى تەسىس قىلدۇق. ھازىر ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ قىزىقىدىغان سوئالغا جاۋاب بېرەيلى: ناۋادا بىر ئوقۇغۇچى مەكتىپىمىزگە ئوقۇش پۇلىغا ئېرىشىپ كىرگەن بولسا، ئۇ ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرگىچە ئوقۇش پۇلىدىن بەھرىمان بولىدۇ. يەنى دەرسلەردىن ئۆتەلمىسىمۇ ئوقۇش پۇلى داۋاملىشىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتساق، بۇ ئوقۇغۇچى ئوقۇشىنى 10 يىل ئوقۇغان تەقدىرىمۇ ئوقۇش پۇلى داۋملىشىدۇ.
تۈرك ھاۋا كۇرۇمۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىنتايىن چوڭ. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىمىزنىڭ ئاساسىنى ئىستىقبال سامالاردا، دېگەن مۇستافا كامال ئاتاتۈرك قۇرغان. شۇڭلاشقا بىزنىڭ شېھىت ۋە غازىلارنىڭ بالا-چاقىلىرى ئالدىدا ئىنتايىن زور مەسئۇلىيىتىمىز بار. بۇ دائىرىدە شېھىت ياكى غازىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇش پۇلى ئىمكانىيەتلىرىمىزدىن بىمالال پايدىلىنالايدۇ.
ئەمدى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇقتىينەزىرىدىن مەسىلىگە قاراپ چىقايلى. مەكتەپ مۇدىرى ئۈنسال بالدىن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ مەكتەپتە ئوقۇشنى تاللىشى كېرەكلىكىنى، سورىدۇق. ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
ئاۋاز: چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار مەكتىپىمىزدە ئوقۇشنى مۇنۇ سەۋەبتىن تاللىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن. بۇ رايوندىكى بىردىنبىر ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم ئىلىملىرى ئۇنىۋېرسىتېتى بىزمىز. ئوتتۇرا شەرق ۋە بالقانلارغا نەزەر سالغىنىڭىزدا، موسكوۋا ۋە كىيىۋگە بارغىنىڭىزدا، گېرمانىيەگە قارىغىنىڭىزدا، ئافرىقىغا نەزىرىڭىزنى تاشلىغىنىڭىزدا پەقەت بىرلا ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم ئىلىملىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۇچرىتىسىز، ئۇ بولسىمۇ ئەنقەرەدىكى تۈرك ھاۋا كۇرۇمۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدۇر. شۇڭلاشقا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتىپىمىزدە ئوقۇشنى تاللىشىغا بۇ سەۋەب يېتەرلىكتۇر. ئالدىنقى قېتىملىق سۆھبىتىمىزدە 1925-يىلدىن باشلاپ داۋاملىشىۋاتقان فىزىكىلىق ۋە ئاكادېمىك جۇغلانمىلىرىمىز ھەققىدە توختالغانىدۇق. بۇلارغا يەنە ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم ئىلىملىرىنى قوشقان ۋاقتىمىزدە، بۇ ساھەدە بىزدىن ئۈستۈن ھېچقانداق ئورگان ياكى ئالىي مەكتەپ يوق. چۈنكى 4 ئايرۇدۇرۇمىمىز ۋە 80 دىن ئارتۇق ئايرۇپىلانىمىزنىڭ بولۇشىمۇ بىزنى ئالاھىدە ئەۋزەلىككە ئىگە قىلماقتا.
ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ھاياتى ئۈچۈن نېمە ئۈچۈن ئەنقەرەنى تاللىشى كېرەك، دېگەن سوئالغا مەكتەپ مۇدىرى مۇنداق جاۋاب بەردى:
ئاۋاز: ئەنقەرە بىر ئۇنىۋېرسىتېت شەھرىدۇر. ھازىر ئەنقەرەدە 17 ئالىي مەكتەپ بار ۋە بۇ سان بارغانچە ئېشىۋاتىدۇ. شۇنداقلا ئەنقەرە ئوقۇغۇچى شەھرىدۇر. سەۋەبى دېگەندە، 17 ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇغۇچى سانىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئەنقەرەدە ناھايىتى چوڭ بىر توپلۇقنىڭ بارلىقىنى ۋە ھەر دۆلەتنىڭ بىر پۇقراسى بارلىقىنى كۆرىمىز. بۇ ئەھۋال ئەنقەرەگە كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەنقەرەدە يالغۇز قالمايدىغانلىقىنىڭ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا مەملىكىتىدىن چوقۇم بىر نەچچە يۇرتلۇقى بارلىقىنىڭ ئىشارىتىدۇر.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم مەسىلە ماددى مەسىلىدۇر. ئەنقەرەدە مال باھاسى قىممەت ئەمەس. بۇ ئەمەلىيەتتە ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن چوڭ ئەۋزەللىكتۇر. بۇنداق دېيىشىمنىڭ سەۋەبى، ئالىي مەكتەپ ئاكادېمىك جۇغلانمىلارنى بىر يەرگە جەم قىلغان قۇرۇلما بىلەن بىرلىكتە چىقىملارغا نەزەر سالغىنىمىزدا ياۋروپا ۋە تۈركىيە بويىچە ئەڭ ئەرزان شەھەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئەنقەرەگە كېلىش ئۈچۈن بىر نەچچە سەۋەب بار. جۇمھۇرىيەت ئەنقەرەدە قۇرۇلغان. تارىخى ئەسەرلەر ئەنقەردە ئىنتايىن كۆپ. ئەنقەرە قەدىمىي ئاسارە-ئەتىقىلەر ۋە تارىخىي ئەسەرلەرگە سەھنە بولغان نەۋشەھىرنىڭ كاپادوكيا رايونىغا يېقىن. دېڭىز بويىغىمۇ يىراق ئەمەس. تەبىئىي گۈزەللىكلەر بىلەن تولغان جايلىرىمىز بار. خۇلاسىلىغاندا، ئەنقەرەنى مۇنداق تەرىپلەش مۇمكىن: ئەنقەرە ھەققىي مەنىدە ئوقۇغۇچىلار شەھرىدۇر.
مەكتەپ مۇدىرىدىن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا نېمىلەرنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى سورىدۇق، ئۇ سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
ئاۋاز: مەكتىپىمىزدە 97 دۆلەتتىن ئوقۇغۇچى بار، 97 دۆلەتتىن ئوقۇغۇچى ئەنقەرەنى، شۇنداقلا ئالىي مەكتىپىمىزدە ئوقۇشنى تاللىغان بولسا، چوقۇم بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبى بار. بىز چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلىرىمىزدىن نېمە ئۈچۈن مەكتىپىمىزدە ئوقۇشنى تاللىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇلار مۇنداق جاۋاب بېرىشتى: بىز قوزغىلىشقا تەييارمىز، ئۇستاز. بىزمۇ قوزغىلىشقا تەييار بولغان ئوقۇغۇچىلارنى تۈرك ھاۋا كۇرۇمۇ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كۈتىمىز.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر