تۈركىيەنىڭ ياۋرو – ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قارىتىلغان سىياسەتلىرى

ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەدە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئالمىشىپ، يېڭى جۇمھۇر رەئىس، يېڭى باش مىنىستىر ۋە يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىلىرىنى باشلىدى. شۇڭا تۈركىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋرو – ئاسىياغا قارىتىلغان تاشقى سىياسىتى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش پايدىلىقتۇر...

118660
تۈركىيەنىڭ ياۋرو – ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قارىتىلغان سىياسەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەدە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئالماشتى. يېڭى جۇمھۇر رەئىس، يېڭى باش مىنىستىر ۋە يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىلىرىنى باشلىدى. شۇڭا بىز تۈركىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋرو – ئاسىياغا قارىتىلغان تاشقى سىياسىتى ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىشنى پايدىلىق دەپ قارايمىز...
28 – ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا چەت ئەل رەھبەرلىرى قاتناشتى. بۇ مۇراسىمغا 90 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. 10 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى، دۆلەت پىرېزىدېنتلىرى، پارلامېنت باشلىقلىرى ۋە باش مىنىستىرلىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چانكايا سارىيىدا ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىشىغا ھەمراھ بولدى.
چەت ئەلدىن كەلگەن مېھمانلار ئاساسەن دېگۈدەك يېقىن ۋە ئۇزاق قوشنىلار، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدە تەسىرى كۈچلۈك بولغان بالقان رايونى، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە ياۋرو – ئاسىيا رايونلىرىدىن كەلگەنلەر ئىدى. مۇراسىمغا كەلگەن چەت ئەللىك مېھمانلار بىزگە، تۈركىيە تاشقى سىياسىتى ھەققىدە بەزى يىپ ئۇچلىرىنى بېرىدۇ.
بۇ مۇراسىمغا ياۋرو – ئاسىيا جۇغراپىيەسىدىكى ھەممە دۆلەتلەر ۋەكىل ئەۋەتتى دېيەلەيمىز. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بولۇپ، قازاقىستان، تۈركمەنىستان ۋە مولدوۋانىڭ پىرېزىدېنتلىرى قەدەم تەشرىپ قىلدى. ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى دۆلىتىدىكى كىرىزىس سەۋەبىدىن ئەنقەرە زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتتى. مۇراسىمغا پارلامېنت باشلىقىنى ئەۋەتكەن قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئاتامبايېۋ، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 10 – ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا غەلىبە قىلغاندا ئەنقەردە ئىدى. ئەزەربەيجانمۇ مۇراسىمغا پارلامېنت باشلىقىنى ئەۋەتتى. ئەمما، ئەزەربەيجاننىڭ پىرېزىدېنت سەۋىيەسىدە ئىشتىراك قىلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى بار. چۈنكى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2 – 3 – سېنتەبىر تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى ئەزەربەيجاندىن باشلايتتى. گىرۇزىيە، بېلارۇسىيە ۋە تاجىكىستان باش مىنىستىر سەۋىيەسىدە مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلدى.
ياۋرو – ئاسىيا رايونىدا تۈركىيە بىلەن مەسىلىلىرى بولغان ئۆزبېكىستان ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى ئەۋەتتى. تۈركىيە بۇ دۆلەتلەر بىلەن يېقىنقى كۈنلەردە مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇندىن بىر قانچە ئاي بۇرۇن ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاقتىدا ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولغان ئىدى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە تەرەققىي قىلىشىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نالبانديان بولسا، مۇراسىمدا رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى «ئاتالمىش» ئەرمەن قىرغىنچىلىقىنىڭ 100 – يىللىقىغا تەكلىپ قىلدى. تۈركىيە – ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ 2015 – يىلىدا قانداق بولىدىغانلىقىنى ۋاقتى كەلگەندە كۆرىمىز.
ياۋرو – ئاسىيا جۇغراپىيەسىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئاكتىيورى بولغان رۇسىيە مۇراسىمغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى، كېيىنچە دۇما باشلىقى نارىشكىن باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. نارىشكىنمۇ 2014 – يىلى 27 – فېۋرال تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولغان ئىدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، رۇسىيە ئاخىرقى مىنۇتلاردا مۇراسىمغا يۇقىرى سەۋىيەدە قاتنىشىشنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى قارار قىلغان ۋە يىلنىڭ بېشىدا زىيارەتكە كەلگەن دۇما باشلىقىنى ئەۋەتىپ، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مېزېنتسېۋ تەشكىلاتقا ۋاكالىتەن قاتناشتى.
ۋەزىپىسىنى يېڭى باشلىغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ تۈركىيەنىڭ كېلەچەكتىكى تاشقى سىياسىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ۋە غەرب بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا كۈچلۈك سىگنال بەردى. يېڭىدىن قۇرۇلغان 62 – نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتتە كۆپ تەجرىبىلىك دىپلومات ۋولقان بوزقىر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىر بولۇپ تەيىنلەندى. يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەققىدە تەجرىبىسى بار سىياسەتچى ھېسابلىنىدۇ. بىراق بۇنىڭ ئەكسىچە، تۈركىيە ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان تاشقى سىياسەت چەمبىرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق، كاۋكاز رايونى، بالقان رايونى ۋە ئافرىقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتالايمىز. بۇ نۇقتىدا، تۈركىيە رەھبەرلىرىنىڭ نارازىلىقلىرى بولسۇن، ياكى گېرمانىيەنىڭ تۈركىيەنى مەخپىي ئاڭلىشى بولسۇن يېقىنقى ۋاقىتتىكى ئۆزگۈرۈشلەر ئەنقەرەنى مەركەز قىلغان تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈشنى ئارزۇ قىلغان تۈركىيەنىڭ كېلەچەكتە يۈزىنى ھەممىدىن بەك شەرققە بۇرايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
تارىخىي يىپەك يولىنىڭ گۈللەندۈرۈلۈشى، ھازار ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى يەر ئاستى بايلىقلىرىنى توشۇش، غەرب – رۇسىيە رىقابىتى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان پۇرسەتلەر ۋە يۈكسېلىۋاتقان ئاسىيانىڭ ياۋروپا بىلەن باغلىنىشىدا مۇكەممەل كۆۋرۈك بولۇشى ئۈچۈن، تۈركىيە ياۋرو – ئاسىيا ياكى شەرقتىكى دۆلەتلەر بىلەن تېخىمۇ زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا مەجبۇر.
تۈركىيە ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى ئىيۇل ئېيىدا تۈركىيەنىڭ ياۋرو – ئاسىيا بىرلىكى بىلەن ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بىزنىڭ قارىشىمىزدا، تۈركىيە ئاۋۋال گىرۇزىيە ۋە ئەزەربەيجان بىلەن ئەركىن سودا قىلىش يولىنى ئېچىشى لازىم. بۇ ئەھۋال تۈركىيەگە ياۋرو – ئاسىيانىڭ ئىشىكلىرىنى ئاخىرىغىچە ئاچىدۇ. تۈركىيە بۇ دۆلەتلەر بىلەن كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزلىرىنىڭ پۇل بىرلىكى بىلەن سودا قىلىش مەسىلىسىنىمۇ كۈنتەرتىپكە ئەكىلىشى مۇمكىن. تۈركىيەنىڭ ياۋرو – ئاسىياغا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشىنى زۆرۈر قىلغان يەنە بىر ئامىل، قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئۇ جۇغراپىيەدە ياشىشىدۇر. تۈرك كېڭىشى، تۈركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلار مەجلىسى (TürkPA)، تۈرك مەدەنىيەت تەشكىلاتى (تۈركسوي) ۋە تۈرك ئاكادېمىيەسى قاتارلىق تەشكىلاتلار يېتەرلىك سەۋىيەدە پائالىيەت قىلالمىغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى يىللاردا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئورتاق تاشقى سىياسەت نىشانىغا ئىگە بولالىشى ۋە خەلقئارا سەھنىلەردە بىر – بىرىنى شەرتسىز قوللىشى مۇمكىن. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇنىڭ ياۋرو – ئاسىيا جۇغراپىيەسىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ۋە كېلەچەكتە تۈركىيەنىڭ بۇ جۇغراپىيەدىكى دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. قىسقىسى، يېڭى جۇمھۇر رەئىس، يېڭى باش مىنىستىر ۋە يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا ئىگە بولغان تۈركىيەنىڭ ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان تاشقى سىياسەت ساھەسى بولمىسىمۇ، ياۋرو – ئاسىياغا قارىتىلغان سىياسەتلىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر