تۈرك ئۆرپ – ئادەتلىرى - 30

روزا ھېيتقا مۇناسىۋەتلىك ئۆرپ – ئادەت قائىدە - يوسۇنلار

74722
تۈرك ئۆرپ – ئادەتلىرى - 30

روزا ھېيتقا مۇناسىۋەتلىك ئۆرپ – ئادەت قائىدە - يوسۇنلار

رامىزان، يوقسۇللارغا ياردەم قىلىشتا كىشلەر ئۆزئارا مۇسابىقىلىشىدىغان، ئۆزئارا ھەدىيەلىشىش پائالىيەتلىرى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغان، داستىخانلار مېھمانلار بىلەن تولۇپ تاشىدىغان، تاماقلار ئورتاقلىشىلىدىغان ۋە روزا ئىنساننى ھەم ماددىي ھەم مەنىۋىي جەھەتتىن پاكلاپ داۋالايدىغان بىر ئايدۇر. رامىزان ئېيى ئاخىرلاشقاندا رامىزاننى قايتىدىن كۈتۈۋېلىش ئارزۇسى بىلەن روزا ھېيت ئۆتكۈزىلىدۇ. روزا ھېيتنى تەبرىكلەش رامىزاننىڭ خەيرلىك ھالدا ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئوسمانلى خەلىپىلىكى دەۋرىدە ھېيتنىڭ تەييارلىقلىرى ئۆيلەردە شەھەرلەردە ۋە ئوردا، سارايلاردا، بىر قانچىلىغان كۈن بۇرۇنلا باشلىنىپ كېتەتتى.
** *** *** ** *** *** *** ** **** ** *****
تارىخىي مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، بايرامدىن ئىلگىرى مەرتىۋىلىك ئەسكەرلەرگە ۋە مەمۇرلارغا بىر ئايلىق مۇئاش قوشۇپ بېرىلەتتى. دۆلەت خەزىنىسى قېيىن ئەھۋالغا قالغان ئەھۋاللاردا بولسا، بۇ ھېيتلىق مۇئاش يېرىم ئايلىق مۇئاشقا چۈشۈرۈلەتتى، بەزىدە بېرىلمەيمۇ قالاتتى. ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرگە ھالۋا تارقىتىپ بېرىلەتتى. ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن جازاسىنىڭ ئۈچتەن ئىككىسىنى تارتىپ بولغان جىنايەتچىلەر تۇتقان پوزىتىسىيەسىگە قاراپ، ياخشى پوزىتسىيەدە بولغانلار ئەپۇ قىلىناتتى.
15 – ئەسىردىن باشلاپ ھېيتلىق پائالىيەتلەر مۇئەييەن قائىدىلىك دۆلەت مۇراسىمى بىلەن چېتىشلىق ھالغا كەلتۈرۈلدى. ئوردىدىكى ھېيتنى تەبرىكلەش مۇراسىملىرى پىلانلىق ۋە پىروگراملىق ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى. ھېيت، ھارپا كۈنى توپ ئېتىش بىلەن باشلىنىدىغان ۋە ھېيتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئەسىر نامىزىدىن كېيىن يەنە توپ ئېتىش بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بولدى. ھېيت نامىزى ئۈچۈن پادىشاھنىڭ بېرىشى ۋە قايتىشى «بايرام ئەلايى» دەپ ئاتىلاتتى. ھېيت نامىزى چوڭ جامىلەردىن بىرسىدە، ئاساسەن دېگۈدەك ئاياسوفيا جامىسى ياكى سۇلتان ئەھمەت جامىسىدە ئوقۇلاتتى. قايسى جامىغا بېرىشنى ھېيتتىن ئىلگىرى پادىشاھ ئۆزى تاللايتتى. پادىشاھ ھەرىمىدىن چىقىپ، ئالاھىدە زىننەتلەنگەن ئېتىغا مېنەتتى ۋە ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان دۆلەت ئەرباپلىرى بىلەن بىرلىكتە جامىگە قاراپ ئاتلىناتتى. نامازدىن كېيىن ھەمراھلىرى يەنە ئوخشاش تەرتىپ بىلەن پادىشاھقا ھەمراھ بولۇپ سەپكە تېزىلاتتى. باش ۋەزىر قاتارلىق سەپتىكى بارلىق كىشىلەر پادىشاھنى ئۇزۇتۇپ قوياتتى. شۇنداق قىلىپ ھېيت مۇراسىمى ئاخىرلىشاتتى. پادىشاھ دۆلەت ئەرباپلىرى بىلەن ھېيتلىشىشتىن باشقا يەنە ھېيت كۈنى ئەتىگەندە ئائىلىسى بىلەن پەتىلىشەتتى. پادىشاھ ئانىسنىڭ قولىغا سۆيۈش ئۈچۈن ئەڭ دەسلەپ سۇلتانلار ئانىسىنىڭ ھەرىمىگە كىرەتتى. ئانىسىنىڭ قولىنى سۆيگەندىن كېيىن ئائىلىسى ۋە بالا – چاقىلىرىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەيتتى. ئاندىن پادىشاھ ئالاھىدە ھۇجرىسى ئالدىغا قويۇلغان تەختتە ئولتۇرۇپ ئوسمانلى ئوردىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن تەركىپ تاپقان «ئەندىرون» دەپ ئاتىلىدىغان قىسمىدا تۇرۇشلۇق كىشىلەرنىڭ ھېيتلىق تەبرىكلىرىنى قوبۇل قىلاتتى. تەبرىكلەشلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يېمەك-ئىچمەك ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى باشلىناتتى. ئوسمانلى پادىشاھلىرى بەزى ھېيتلاردا خەلققە ئوچۇق چوڭ مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈپ بېرەتتى. بۇنداق مۇراسىملاردا پادىشاھ بىلەن خەلقنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى، دۆلەت بىلەن خەلقنىڭ بىر پۈتۈنلىشىشىنىڭ ئىشقا ئىشىشى جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. ۋەزىرلەرنىڭ قەسىرلىرىدىمۇ بەزى مۇراسىم پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلەتتى. ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەيدانلاردا، مەھەللە مەركەزلىرىدە، كەڭرى يەرلەردە ھەر خىل ئويۇنچىلار، دارۋاز، سىرك ۋە باشقا ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلەتتى تالانتلىق كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاجايىپ تالانتلىرىنى كۆرسىتىپ ئويۇن قوياتتى. كېچىك بالىلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىشى ئۈچۈن ئېلانگۇچ، چاق پىلەك، ئاتلىق ئايلانما قاتارلىق ئويۇنچۇقلار قۇرۇلاتتى. قاراگۆز بىلەن ھاجىۋاتنىڭ سايە ئويۇنلىرى، مەجۇن ساتقۇچىلار، قەغەز ۋە پاختاغا ئوخشاش تاتلىق - تۈرۈملەر ۋە شار قاتارلىقلار كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىدا ئەڭ كۆپ دىققەتنى تارتىپ تۇراتتى.
ھېيت ئۈچۈن خەلق ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھازىرلىقلار ھازىرمۇ ئۆز پىتى داۋاملاشماقتا. ھېيتنىڭ تەييارلىقلىرى ئۆيدىكى ئاياللار تەرىپىدىن ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆينى تازىلاش ئارقىلىق باشلىنىدۇ. ئاندىن ئۆيدىكى بالىلاردىن باشلىغانچە بارلىق ئائىلە ئەزالىرىغا ھېيتلىق كېيىم تەييارلىنىدۇ. بولۇپمۇ كېچىك بالىلارنىڭ ھېچ نەرسىسىنىڭ كەم بولۇپ قالماسلىقىغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. بۇرۇنقى دەۋرلەردە ئىستانبۇل قاتارلىق بارلىق شەھەرلەردە ھېيتنىڭ ھارپا كۈنلىرى ھامماملار تاكى تاڭ ئاتقىچە ئوچۇق بولاتتى. ھارپا كۈنى ھەممەيلەن چوقۇم يۇيۇنىدىغان ئادەت بار ئىدى. بۇ ھېيتلىق غۇسلى قىلىش دەپ ئاتىلاتتى. مانا بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ قائىدىگە ئىزچىل رىئايە قىلىنىپ كەلمەكتە. ھېيتنىڭ تەييارلىقلىرى ئىنتايىن زىچ بولغانلىقتىن بەزى ھۈنەرۋەنلەر باشقا چاغلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىشلەيتتى. تاتلىق تۈرۈمچى، ماشىنىچى، ساتراچ، ناۋاي، موزدۇز قاتارلىقلار ئەنە شۇ ھۈنەرۋەنلەردىن ئىدى.
ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈنكى دەۋرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورتاقلىقلىرىدىن بىرسى ئەلۋەتتە تاماقتۇر. بۇرۇنقى چاغلاردىمۇ ئاشخانىلاردا ھەر قايسى ھېيت بايرامغا مەخسۇس ئالاھىدە يېمەك – ئىچمەكلەر ھازىرلىناتتى. سارايلاردا بولسا ھېيت بايراملارغا مەخسۇس ئىنتايىن گۈزەل نەقىشلىك چېنە - تەخسىلەر بىلەن تاماق سۇنۇلاتتى. خۇددى ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاش بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىر ئايلىق روزىدىن كېيىن ئىنسان ۋۇجۇدى ئېھتىياجلىق بولغان تاتلىق - تۈرۈملەر كۆپ ئىشىلىتىلىدۇ. قايماق ۋە ياڭاق مېغىزى بىلەن ياسالغان تاتلىق تۈرۈملەر، لوقما ھالۋىسى، ھورما ھالۋىسى، رىۋانى، يۇمشاق مېغىزلىك كەمپۈت ۋە ئاشۇرە تاتلىق ئۇمىچى قاتارلىقلار ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرۈلىدىغان تاتلىق - تۈرۈملەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى دەۋىردىمۇ خۇددى ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاش، سامسا، گۆشنان، قاتلىما قاتارلىقلار يەنە ھېيتلىق تاماقلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ئورۇن ئالىدۇ. بۇرۇنقى دەۋلەردە رامىزان يازغا توغرا كېلىپ قالسا، گۈل شەربىتى، ھىندى خۇرمىسى شەربىتى، ھەسەل ۋە باشقا بىر قانچە تۈرلۈك شەربەتلەر ھازىرلىناتتى.
ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزدە ۋاپات بولغان ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ قەبرىلىرىمۇ ھارپا كۈنى زىيارەت قىلىنىدۇ. مازار بېشىدا قۇرئان ئوقۇلىدۇ. دۇئا قىلىنىدۇ. مازارلارنى سېرىپ سۈپۈرۈپ، گۈل - چېچەكلەرگە سۇ قۇيۇلىدۇ. ئۆتمۈش بىلەن ھازىرقى دەۋردىمۇ ئوخشاش داۋاملىشىۋاتقان قائىدە - يوسۇنلارنىڭ يەنە بىرسى، ھېيت كۈنى ئەتىگەندە ۋە ھېيتنىڭ باشقا كۈنلىرى قىلىدىغان ئىشلار دېيىشكە بولىدۇ. ھېيت كۈنى ئەتىگەندە داقى – دۇمباقچىلار ھېيت نامىزى ئۈچۈن خەلقنى ئويغىتىدۇ. ئەرلەر كېچىك بالىلارنى ئېلىپ جامىغا بېرىپ ھېيت نامىزىنى ئوقۇيدۇ. نامازدىن كېيىن جامىدىن چىققان كىشىلەر بىر – بىرسىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىشىدۇ. نامازدىن ئۆيىگە قايتىپ، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ھېيتنى مۇبارەكلىشىدۇ. كېچىك بالىلار كېلىپ چوڭلارنىڭ قولىنى سۆيىدۇ ۋە ئۇلاردىن ھېيتلىق پۇل ئالىدۇ. ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن بالىلار يېڭى كېيىملىرىنى كېيىشىپ خوشنىلارنى ئۆيلىرىنى ئايلىنىدۇ. بالىلارنىڭ بۇ زىيارىتى جەريانىدىمۇ چوڭلارنىڭ قولىنى سۆيگەن بالىلارغا ھېيتلىق پۇل ۋە كېچىك ھەدىيەلەر بېرىلىدۇ. ئۇرۇق – تۇققانلار ۋە خۇلۇم - خوشنىلار ئارىسىدا يېشى كىچىكلەر ئاۋال چوڭلارنى زىيارەت قىلىپ، قولىنى سۆيىدۇ. ھېيتلاپ كەلگەنلەرگە ئۇزاقتىن كەلگەن بولسا، تاماق ۋاقتىدا تاماق سۇنىلىدۇ. ئومۇمەن روزا ھېيتتا مېھمانلارغا تاتلىق – تۈرۈم كەمپۈت تەقدىم قىلىنىدۇ.
ئۆتمۈشتىن كۈنىمىزگىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان گۈل سۈيى، پىستە بىلەن ياسىلىدىغان ھەر تۈرلۈك يۇمشاق كەمپۈتلەر ھەر دائىم دېگۈدەك ئەڭ ياقتۇرىلىدىغان يېمەكلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مېھمانلارغا يەنە تۈرك قەھۋىسىمۇ سۇنىلىدۇ. روزا ھېيتتا ئاساسەن دېگۈدەك تاتلىق - تۈرۈم كەمپۈت، ھالۋا قاتارلىقلار ئشلىتىلىدىغان بولغاچقا «شىكەر بايرىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. روزا ھېيتتا قىيدىشىپ قالغانلار ئەپلىشىدۇ. ئۇزۇندىن بۇيان ئىزدەشمىگەن، رەنجىشىپ قالغان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن زىيارەت قىلىشمۇ روزا ھېيتقا خاس ئەنئەنە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رامىزان ئېيى بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان، رەنجىش ۋە قىيداشلارغا خاتىمە بېرىلىدىغان قىممەتلىك ئەنئەنىلەرگە تولغان مۇبارەك بىر ئاي ھېسابلىنىدۇ.
يۇقىرىدا غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرۈك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور فاتىمە ئەھسەن تۇران تەرىپدىن تەييارلانغان پىروگراممىمىزنى دىققتىڭلارغا سۇندۇق.!

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر