دۇنيادا ئىز قالدۇرغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇلۇغ زاتلىرى - 9

88503
دۇنيادا ئىز قالدۇرغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇلۇغ زاتلىرى - 9

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: چىڭگىز ئايتىماتوۋ ئالدى بىلەن بىر مۇتەپەككۇردۇر. ئۇ ئۆزى ياشىغان جەمئىيەتنىڭ مەسىلىلىرىنى، تارىخ بويىچە خەلققە قىلىنغان بېسىملارنى ۋە مىللىي كىملىكىنى يوقىتىپ قويۇشنىڭ زادى قانداق ھادىسە ئىكەنلىكىنى ياش ۋاقىتلىرىدىن تارتىپلا ئىدراك قىلغان كىشى ئىدى. رۇسچە ۋە ئانا تىلى قىرغىز تۈركچىسى بىلەن يازغان ئەسەرلىرىدە خەلقىنى ئويغىتىشقا تىرىشقان ھەمدە پارلاق ئىستىقبالغان چاقىرىق قىلغان چىڭگىز ئايتىماتوۋ، كۆزگە كۆرۈنگەن بىر ئائىلىنىڭ پەرزەنتى ئىدى. ئۇ 1928 – يىلى 12 – دېكابىر قىرغىزىستاننىڭ تالاس ئۆلكىسىگە قاراشلىق شېكەر يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى تۆرەقۇل ئايتىماتوۋ 1938 – يىلى مىللىيەتچى ۋە ئەركىنلىكنى ياقىلايدىغان كۆزقاراشلىرى تۈپەيلىدىن 1937 – يىلى ستالىن جەمئىيەتتىكى ئوخشىمايدىغان ئىدىيەگە ئىگە زىيالىي قاتلاملارغا قارىتا باشلىغان قەتلىئامدا ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە 10 ياشلىق چىڭگىز ئايتىماتوۋغا قاتتىق تەسىر قىلغان. بالىلىقىدىن تارتىپ، بىر تەرەپتىن ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان چىڭگىز ئايتىماتوۋ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاتىسى قالدۇرۇپ كەتكەن مەنىۋى مىراسقا ئىگە چىقىشقا تىرىشقان. جەمئىيەتكە بالدۇر قەدەم تاشلىشى، ئۇنىڭ ياش ۋاقتىدىلا مۇھىم ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىغىمۇ سەۋەب بولغان. 14 ياشقا كىرگەندە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېزىدا يېزا مەجلىسى كالخوزنىڭ سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەن ۋە كېيىنچە باج خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ خىزمەت ھاياتى بىلەن ئوقۇش ھاياتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشتۇرغان. ئۇ 1946 – يىلى قازاقىستاندا جامبۇل چارۋا دوختۇرلۇق تېخنىكومىدا ئىككى يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، قىرغىزىستانغا قايتىپ بىشكەك يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان ۋە 1953 – يىلى مال دوختۇرلۇق ئۇنۋانى بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ئەمما، ئۇ ئوقۇغان كەسىپ، ئۇنىڭ روھىنى، جۇش ئۇرۇۋاتقان ھېس – تۇيغۇلىرىنى رازى قىلالمايتتى. چۈنكى ئۇ، ئۆزىنى ئاللىقاچان ئەدەبىياتقا ئاتىۋەتكەن بولۇپ، ئەدەبىياتتىن ھوسۇل بېرىشنى باشلىغان ئىدى. بۇ سەۋەبتىن، 1956 – 1958 – يىللىرى ئارىسىدا موسكۋادا ماكسىم گوركىي ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كەسىپتە ئوقۇغان.

چىڭگىز ئايتىماتوۋنىڭ تۇنجى ھېكايىسى 1952 – يىلى پراۋدا گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىر قانچە ھېكايىلىرى بېسىلغان. 1958 – يىلى ئېلان قىلنغان «جەمىلە» ناملىق ئەسىرى بىلەن دۇنيا مىقياسىدا تونۇلۇشقا باشلىغان. بۇ ئەسەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا نۇرغۇنلىغان تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ ئەسەرنى فىرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلغان فىرانسىيەلىك شائىر لويىس ئاراگون كىرىش سۆزىدە، ئەسەرگە «دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئاشىق ھېكايىسى» دەپ باھا بەرگەن. ئايتىماتوۋ جەمىلەنى ئېلان قىلغان يىلى يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇپ سايلانغان. ئۇ «قىرغىزىستان ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى بولغان ۋە كېيىنچە پراۋدا گېزىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇخبىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان. 1963 – يىلى «تاغ – دالىلاردىن ھېكايىلەر» ناملىق ھېكايە توپلىمى، لېنىن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

چىڭگىز ئايتىماتوۋ ھېكايە ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، رومانچىلىقتا بىر – بىردىن نادىر ئەسەرلەرنى يېزىشقا باشلىغان. 1963 – يىلى «تۇپراق ئانا» ناملىق تۇنجى رومانى نەشىر قىلىنغان. 1970 – يىلى ئېلان قىلىنغان «ئاق كېمە» ناملىق رومانى نام چىقارغان. ئايتىماتوۋ يازغان رومان ۋە ھېكايىلەر ئارىسىدا «بىر ئەسىرگە تەڭ بىر كۈن» ناملىق ئەسىرى دۇنيادا، بولۇپمۇ تۈرك دۇنياسىدا شۆھرەتكە ئېرىشكەن، شۇنداقلا بىر قانچە تىلغا تەرجىمە قىلىنغان داڭلىق ئەسەرلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

چىڭگىز ئايتىماتوۋ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن باشقا، مۇھىم ۋەزىپىلەرنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. تەخمىنەن 15 يىل بويىچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەكىلى ۋە كېيىنچە قىرغىزىستاننىڭ باش ئەلچىسى بولغان. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئورگىنى (UNESCO) ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) دىمۇ خىزمەت قىلغان. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان.

دۇنيا 2008 – يىلى 9 – ئىيۇن ئۇلۇغ يازغۇچى ۋە مۇتەپەككۇرىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئەمدى چىڭگىز ئايتىماتوۋنىڭ ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرىدە ئىلھاملىنىپ يېزىلغان ياكى يېزىلىدىغان ئەسەرلەر، ھەر دائىم ئۇنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.

كۈنىمىزدە چىڭگىز ئايتىماتوۋ ھەققىدە ئونلارچە كىتاب، ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىلىرى يېزىلدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان تىللارغا تەرجىمە قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر