نېلسۇن ماندېللانىڭ قىسقىچە ھاياتى

پىروگراممىمىزنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە، ئەركىنلىك ۋە ئادالەتنىڭ سىمۋولى نېلسون ماندېللا بىلەن ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە تولۇق تونۇشۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز.

80039
نېلسۇن ماندېللانىڭ قىسقىچە ھاياتى

نېلسۇن ماندېللا (1)
(1918 – 2013)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى! ياخشىمۇ سىلەر؟ ئالدىمىزدىكى بىر يىل بويىچە ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنلىرى ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدىغان ‹كۈنتەرتىپتىكى شەخس› ناملىق دۇنيا كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم شەخسلەر تونۇشتۇرۇلىدىغان مەزكۇر پىروگراممىمىزنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە، 2013- يىلى 12- ئاينىڭ 5- كۈنى ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى بىلەن دۇنيانى چوڭقۇر قايغۇغا سالغان ‹قارا قىتئە› نىڭ ۋىجدانى، ئەركىنلىك ۋە ئادالەتنىڭ سىمۋولى نېلسون ماندېللا بىلەن ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە تولۇق تونۇشۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز.
نېلسون ماندېللانىڭ تولۇق ئىسمى رولىخلاخلا نېلسون ماندېللا، قەبىلىسى ئىچىدىكى نامى مادىبا بولۇپ، 1918- يىلىنىڭ 18- ئىيۇل كۈنى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى خوسا مىللىتىنىڭ تېمبۇ قانىتىغا مەنسۇپ بىر قەبىلە باشلىقى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، يەنى بىر قارا تەنلىك ئاقسۆڭەك. ئىرقچى ھاكىمىيەتكە قارشى تەشكىل قىلغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكەتلىرى يۈزىسىدىن قانۇن فاكولتېتىدىكى ئوقۇشىنى توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى. 1937- يىلى ھېلدتاۋنغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن فورت بېئاۋفورت ئىنىستىتۇتىدا چالا قالغان ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇردى. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئارىلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مەكتەپتىن ھەيدەلدى.
ئۇ 1942- يىلى ۋىتۋاتېرسراند ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، جەنۇبى ئافرىقا تارىخىدىكى تۇنجى قارا تەنلىك ئادۋوكات بولدى. 1944- يىلى قارا تەنلىكلەرنىڭ ئىرقىي جەھەتتىن كەمسىتىلىشىگە قارشى كۈرەش قىلىش مەقتىسىدە قۇرۇلغان ئافرىقا مىللىي قۇرۇلتىيىغا ئەزا بولغان ماندېللا، 1948- يىلى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ياشلار قانىتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا، 1950- يىلى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى.
ماندېللا، ھاكىمىيەتنىڭ ئىرقچىل سىياسەتلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگەنلەرنىڭ ئارىسىدا ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالدى.
ئافرىقا مىللىي قۇرۇلتىيى سېپىدە خىزمەت قىلىش بىلەن بىرگە ئولىۋىئېر تامبو بىلەن بىرلىكتە ئادۋوكاتلىق بىيورۇسى ئاچتى. جەنۇبىي ئافرىقىدا قارا تەنلىكلەر ئاچقان مەزكۇر ئادۋوكاتلىق بىيورۇسى ئۈزۈن ئۆتمەيلا ئىرقچىلىق قانۇنىنىڭ ناھەق جىنايەتچىلىرىگە ئايلانغان قارا تەنلىكلەرنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى.
ماندېللا 1961- يىلى ‹مىللەتنىڭ نەيزىسى› دېگەن نام ئاستىدا يېڭى بىر تەشكىلات قۇرۇپ چىقتى. تەشكىلاتنىڭ مۇددىئاسى، ئىرقچى ھاكىمىيەتكە قارشى بۇزغۇنچىلىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى مەركەز قىلغان قوراللىق كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىدى.
ماندېللانىڭ تەشكىلاتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سىرتىغا چىقىش ئارقىلىق خەلقئارا ساھە بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە قوللىغۇچى تېپىش يولىدا ئۆتكۈزگەن قانۇنسىز ھەرىكەت قىلىش جەريانى، 1962- يىلى ئاۋغۇستتا قولغا ئېلىنىشى بىلەن بىرلىكتە ئاخىرلاشتى.
ماندېللا، قانۇنسىز شەكىلدە ئىش تاشلاشقا چاقىرىش ۋە ئىناۋەتلىك پاسپورتى بولماي تۇرۇپ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سىرتىغا چىقىش بىلەن ئەيىبلىنىپ 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
1963- يىلى ماندېللا روببېن ئارىلىدا قاماق جازاسىنى تارتىۋاتقان ئەسنادا ساقچىلار ئافرىقا مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ يەر ئاستى مەركىزىنى بايقاپ قالدى ۋە ‹مىللەتنىڭ نەيزىسى› تەشكىلاتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ھۆججەت، ھەرىكەت پىلانى قاتارلىقلارنى قولغا چۈشۈردى.
ماندېللا ۋە سەپداشلىرى سوتتا ‹جەنۇبى ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن يوشۇرۇن پىلان تۈزۈش› بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
ئەنە شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ماندېللا، ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئافرىقىلىق قارا تەنلىكلەرنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى.
شۇنداق قىلىپ، جەنۇبىي ئافرىقىدا ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئىرقچىلىقنى تايانچ قىلغان سىياسىي تۈزۈلمىسىگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى يۈزىسىدىن 1962- يىلى 5- ئاۋغۇستتا قولغا ئېلىنغان ماندېللا، ئۆمرىنىڭ 27 يىلىنى تۈرمىلەردە ئۆتكۈزدى.
ئىرقچىلىققا قارشى كۈرەشنىڭ دۇنيا مىقياسىدا سۈرئەت بىلەن كېڭىيىشى نەتىجىسىدە ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى مۇجادىلىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان ماندېللا، 1990- يىلى 71 يېشىدا ئۆز دەۋرىنىڭ پىرېزىدېنتى فرېدېرىك ۋىليېم دې كلېرك تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان كەچۈرۈمنىڭ سايىسىدا ئەركىنلىككە ئېرىشتى.
سىياسىي قارىشى دېموكراتىك سوتسىيالىست بولغان ماندېللا، 1990- يىلىدىن 1999- يىلىغىچە ئافرىقا مەملىكەتلىك كېڭىشى سىياسىي پارتىيەسىنىڭ باشلىقى بولدى.
«دۇنيانىڭ ئەڭ مەشھۇر مەھبۇسى» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ماندېللا، 1990- يىلى 11- فېۋرالدا كەيپ تاۋن تۈرمىسىدىكى 27 يىللىق ھاياتىغا خاتىمە بەردى ۋە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دېموكراتىيلىشىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشنى باشلىدى. ماندېللانىڭ تىرىشچانلىقلىرى، 1992- يىلى 18- مارتتا كلېرك تەرىپىدىن تەييارلانغان قارا تەنلىكلەرگە تەڭ ھوقۇقلۇق پۇقرالىق ھوقۇقىنىڭ بېرىلىشىنى مەزمۇن قىلغان ئاساسىي قانۇن تەكلىپىنىڭ خەلق تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىدىن كېيىن مۇرادىغا يەتكەن بولدى.
قارا تەنلىكلەر ھوقۇقتا باراۋەر پۇقرالار، دەپ قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىدا پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان ماندېللا، 1994- يىلى 10 – مارتتا قەسەم بېرىپ، دۆلەتنىڭ تۇنجى قارا تەنلىك پىرېزىدېنتى بولدى.
پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن 5 يىل بويىچە دۆلەتنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنىنى شەكىللەندۈرگەن ماندېللا، ئىلگىرى سادىر قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش مەقسىتىدە ‹ھەقىقەت ۋە يارىشىش كومىتېتى› نى قۇرۇش تەشەببۇسىغا يېتەكچىلىك قىلدى.
ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا يەر ئىسلاھاتىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن، يوقسۇللۇققا قارشى كۈرەش قىلىش ۋە سەھىيە خىزمەتلىرىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى خىزمەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ماندېللا، پىرېزىدېنتلىقنى يەنە بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدىكى تەكلىپلەرنى رەت قىلىپ، ئورنىنى مۇئاۋىنى تابو مبەكىگە بوشىتىپ بەردى. پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۆزى قۇرۇپ چىققان ‹نېسلون ماندېللا ۋەقفى› ئارقىلىق يوقسۇللۇق ۋە ئەيدېز كېسەللىكىگە قارشى كۆرەشكە خالىسانە ھەسسە قوشقان ماندېللا، كېيىنكى مەزگىللەردە ھەممە ئىشتىن قولىنى تارتىپ، تۇغۇلغان يۇرتى كۇنۇدا ھايات كەچۈرۈشكە باشلىدى. ماندېللانىڭ 2011- يىلىدىن كېيىنكى ھاياتى شۇ يىلى مۇپتىلا بولغان نەپەس سېقىلىش كېسىلىنى داۋالىتىش بىلەن ئۆتتى.
ھاياتىدا ناھايىتى كۆپ تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ماندېللا، ‹جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئىرقىي كەمسىتىشنى تايانچ قىلغان تۈزۈمنى تىنچ ئۇسۇلدا ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقى ۋە يېڭى بىر دېموكراتىك ئافرىقىنىڭ ئۇل تېشىنى قويۇش يولىدىكى خىزمەتلىرى› سەۋەبىدىن 1993- يىلى 15- ئۆكتەبىردە كلېرك بىلەن بىرلىكتە نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.
«كۈرەش مېنىڭ ھاياتىم. ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە قارا تەنلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن» دېگەن نېلسون ماندېللا، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىدىن باشقا 1962- يىلى ‹لېنىن تىنچلىق مۇكاپاتى› غا، 1979- يىلى ‹نېھرۇ مۇكاپاتى› غا، 1981- يىلى ‹برۇنو كرېيسكي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى› غا، 1983- يىلى ب د ت پەن- مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ‹سىمون بولىۋار مۇكاپاتى› غا ئېرىشتى.
ماندېلا ھاياتىدا ئۈچ قېتىم ئۆيلەندى؛ ئۇ دەسلەپ 1944- يىلى ئېۋېليىن نتوكو ماسې بىلەن ئۆيلەندى. 13 – يىل داۋاملاشقان مەزكۇر ئۆيلۈك – ئۇچاقلىق جەريانىدا ئۇلارنىڭ مادىبا تېمبى (1946-1969) ۋە ماكگاتو ماندېلا (1950-2005) ئىسىملىك ئىككى ئوغلى ۋە ئىسىملىرى ماكازىۋە ماندېلا (1947-1953) ئىسىملىك ئىككى قىز پەرزەنتلىرى بولدى. بىرىنچى قىزلىرى 9 ئايلىق بولغاندا ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىككىنچىسىگە بىرىنچى قىزىنىڭ ئىسمىنى قويدى. تۇنجى ئوغلى تېمبى 1969- يىلى قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەندە روبېن ئارىلىدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان ماندېلانىڭ جىنازا مۇراسىمىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى.
ئىككىنچى ئايالى ۋىننې مادىكىزېلا – ماندېلا، نېلسون ماندېلانىڭ بۇ ئايالدىن بولغان ئىككىنچى قىزى (بىرىنچى قىزى زېنانى ماندېلادۇر) زىندزىسۋا 18 ئايلىق بولغاندا يەنى ماندېلا روبېن ئارىلىغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن قارا تەنلىكلەرنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ماندېلا 1990- يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئايالى گۆرۈگە ئېلىش، ئادەم ئۆلتۈرۈش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلاندى ۋە بۇ ئىش 1996- يىلى ئۇلارنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
تۇنجى قىزى زېنانى سۋېزلاند شاھزادىسى تۇمبۇمۇزى دلامىنى بىلەن ئۆيلەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تۈرمىدىكى دادىسىنى يوقلىشىغا رۇخسەت قىلىندى.
نېلسون ماندېلا 80 ياشقا كىرگەن كۈنى ئۈچىنچى ئايالى گراچا ماچېل بىلەن ئۆيلەندى. گراچا ماچىل مۇزامبىكنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى سامورا ماچېلنىڭ 1986- يىلى ئايروپىلان قازاسىدا ئۆلگەندىن كېيىن تۇل قالغان ئايالى ئىدى.
ۋاپاتىدىن كېيىن ماندېلا ھەققىدە كىملەر نېمىلەرنى دېدى؟
گەرچە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ بېرىپ – كېلىش چىقىمى ئېغىر كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ جىنازا مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلمىغان بولسىمۇ، ماندېلانىڭ ۋاپاتى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئادەملەرنى قايغۇغا سالدى. 90 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ دۆلەت ياكى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلدى. 95 مىڭ كىشىلىك تەنتەربىيە زالى تولۇپ تاشتى...
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ماندېلانىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تاپقاندا، «بۈگۈن ئۇ ئۆيىگە كەتتى ۋە بىز بۇ دۇنيادىكى ئەڭ تەسىرى كۈچلۈك، جەسۇر ۋە ئىنتايىن ياخشى بىر ئىنساندىن ئايرىلىپ قالدۇق. ئۇ ئەمدى يالغۇز بىزنىڭ زامانىمىزغىلا ئەمەس، ئۇ زامانلارغا مەنسۇپ بىرى» دېگەن بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن، ماندېلانىڭ ئىشىنىش، تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە بىرلىكتە خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئىنسانىيەت ۋە ئادالەت ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى نامايان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەنگلىيە باش مىنىستىرى ديېۋىد كەمېرون ماندېلا ئۈچۈن «دۇنيادىن چوڭ بىر نۇر ئۆچتى» دېدى.
ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىنگ ماندېلانىڭ ئۆلۈمىگە «جەنۇبىي ئافرىقا ئۈچۈن قانچىلىك يوقۇتۇش بولغان بولسا، ھىندىستان ئۈچۈنمۇ شۇنچلىك يوقىتىش بولدى» دەپ تەبىر بەردى.
شۇنداق، ماندېلانى ‹ئىنسانىيەتنىڭ ماندېلاسى› قىلغان مۇساپىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق نۇقتىسى، 1964- يىلىنىڭ ئىيۇن ئېيدا ‹مىللەتنىڭ نەيزىسى› تەشكىلاتىنىڭ باشقا يولباشچىلىرى ۋالتېر سىسۇلۇ، گوۋېن مبېكى، ئاندرېۋ ملانگېنى، بىللي نائىر، ئېلىئاس موتسوئالېدى، رايموند ملابا، دېننىس گولدبېرگ ۋە ئەھمەد كاتارادا بىلەن بىرلىكتە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ئىدى.
ماندېلانىڭ روببېن ئارىلىدىكى ئۆزىدىن 11 ياش كىچىك تۈرمىدېشى، غايىدىشى، سەپدېشى ئەھمەد كاتارادا ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مۇنۇلارنى يازدى: «سەندىكى مەنبەسى مۇل بولغان سۆيگۈ، ئاددىي – ساددىلىق، دۇرۇسلۇق، خىزمەت قىلىش تۇيغۇسى، كەمتەرلىك، مېھرى – شەپقەت، جاسارەت، يىراقنى كۆرەرلىك، ئەپۇچانلىق، باراۋەرلىك ۋە ئادالەت تۇيغۇسى ماڭا ۋە ئوخشاشلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مىليونلارچە ئىنسانغا ئالاھىدە زور كۈچ مەنبەسى بولدى.
چېھرىڭدىن قەتئى ئۆكسىمەيدىغان زورىقىشتىن خالىي سەمىمىي تەبەسسۇملىرىڭ، ئەتراپىڭدىكىلەرگە بولۇپمۇ بالىلارغا چاچقان خوشاللىقلار نۇقسانسىز ئىدى. ھەممىدىن مۇھىمى سەن كوللېكتىپ لىدېرلىك، يارىشىش، بىرلىك، ئەپۇچانلىق، مىللەت ئىنسانى، ئىرقچى ۋە جىنسىيەتچى بولمىغان دېموكراتىك جەنۇبىي ئافرىقىغا سىمۋوللۇق قىلدىڭ ۋە مەڭگۈ شۇنداق قالىسەن.
سەندە مەنمەنلىك ۋە كىچىكسىنىشنىڭ تېپىلماسلىقى ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالدى ۋە بۇ نۇقتا سېنىڭ ئۆكتىچى پارتىيەلەرگە بولغان پوزىتسىيەڭنى شەكىللەندۈردى. ئۇ بولسىمۇ ‹ئۇلار دۈشمەن ئەمەس، سىياسىي رەقىبلەردۇر› دېگەندىن ئىبارەت بولدى.
مەن ھاياتتا قالغان ۋە دۇنيانى ياخشى – يامان كۈنلەردە سەن بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇشتەك بىر خىل ئىمتىيازغا ئىگە بولدۇم. ئۇزۇن بىر سەپەر بولدى... ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويغاندەك شۇنداقلا تولىمۇ يالغۇز ھېس قىلماقتىمەن. تەسەللى تېپىش، ئەركىن نەپەس ئېلىش ۋە تەۋسىيەلىرىگە قۇلاق سېلىش ئۈچۈن كىمنىڭ قېشىغا بارىمەن؟... ئەلۋىدا ئاكا، ئۇستازىم، رەھبىرىم. پۈتۈن كۈچ ۋە ئىرادىمىز بىلەن سەن ھاياتىڭنى بېغىشلىغان غايە ۋە قىممەت – قاراشلارنى يارىتىش ئۈچۈن جەنۇبى ئافرىقا خەلقى ۋە دۇنياغا قوشىلىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا ۋەدە بېرىمىز...»

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا ‹كۈنتەرتىپتىكى شەخس› ناملىق پىروگراممىمىز بويىچە ‹قارا قىتئە› نىڭ ۋىجدانى، ئەركىنلىك ۋە ئادالەتنىڭ سىمۋولى نېلسون ماندېللانىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق. 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر