دۇنيادا ئىز قالدۇرغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇلۇغ زاتلىرى - 6

77619
دۇنيادا ئىز قالدۇرغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇلۇغ زاتلىرى - 6

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىسمائىل غاسپىرالى تەھرىرلىك قىلغان «تەرجىمان گېزىتى» ۋە ئۇ تەشەببۇس قىلغان «تىلدا، ئىشتا، پىكىردە بىرلىك» ئىدىيەسى بىلەن، كىشىلەرنىڭ ئەقلىدە قالغان ۋە قىلغان خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆرنەك بولغان كىشىدۇر.

ئىسمائىل غاسپىرالى قىرىم تۈركلىرىدىندۇر. ئۇ 1881 – يىلى 20 – مارت شىددەتلىك قىرىم ئۇرۇشى يۈز بېرىۋاتقان كۈنلەردە باغچاسارايغا يېقىن ئاۋجى يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ۋاقىتتا قىرىم رايونى رۇسلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولۇپ، قىرىم تۈركلىرى رۇسلارنىڭ سۈرگۈن سىياسىتىگە دۇچار بولغان ئىدى. بالىلىق يىللىرى مۇشۇنداق مۇھىت ئاستىدا ئۆتكەن ئىسمائىل غاسپىرالى، 10 يېشىدا ئاقمەسچىد تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇشنى باشلاپ ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، موسكۋادىكى بىر ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ئۇ يەردىكى ۋاقتىدا ، رۇسلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن پانسلاۋىنىزم ۋە تۈركلەرگە قارشى سىياسەتلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. ئۇ مەكتەپتىكى چېغىدا رۇسچىنى ناھايىتى پىششىق ئىگىلەيدۇ ۋە ھەربىي مەكتەپتىن ئايرىلىپ زىنجىرلى مەدرىسەسىدە رۇس تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولىدۇ. ئۇ بۇ خىزمىتىنى تەخمىنەن بىر يېرىم يىل داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا رۇس ئەدەبىياتى بىلەن ياخشى تونۇشۇپ چىقىشتىن باشقا، سىياسىي تەرەققىياتلارنىمۇ يېقىندىن كۆزىتىدۇ. 1869 – يىلى ياللا دەرەكۆي مەكتىپىدە خىزمەتكە تەيىنلىنىدۇ. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە باغچاسارايغا قايتىپ، يەنە زىنجىرلى مەدرىسەسىدە رۇس تىلىدىن دەرس بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىدىن توپلىغان تەجرىبىلىرى ۋە ياۋروپادىكى مائارىپ سىستېمىسىدىن ئىگىلىگەن بىلىمى سايىسىدە، مەۋجۇت مائارىپ سىستېمىسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، «يېڭىلىق» نى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىدىيەلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، رۇسچە ۋە تۈركچە دەرسلىرىدە «ئۇسۇلى جەدىت»، يەنى «يېڭى مېتود» ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا باشلايدۇ.

ئىسمائىل غاسپىرالى ئەسلىدە ئىستانبۇلغا بېرىپ ھەربىي ئوفىتسېر بولۇشنى ئارزۇ قىلغان ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يېرىم قالغان ئوقۇشىنى تاماملىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا ئۇ 1871 – يىلى پارىژغا بېرىپ، ئوقۇشىنى تاماملايدۇ ۋە 1874 – يىلى ئىستانبۇلغا كېلىدۇ. ئىستانبۇلدا ئۆزى ئارزۇ قىلغان كەسىپتە ئىشلەش ئىمكانىيىتىنى تاپالمىغان ئىسمايىل غاسپىرالى، يېزىقچىلىق ھاياتىنى باشلايدۇ. 1875 – يىلى قىرىمغا قايتىپ ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، باغچاساراي شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولىدۇ. ئۇ بۇ ۋاقىتلاردا خەلققە تېخىمۇ كۆپ خىزمەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئويغىنىشى ئۈچۈن بەزى پائالىيەتلەرنى قىلىدۇ. 1879 – يىلى گېزىت چىقىرىش ئۈچۈن رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ. بۇ تەلىپى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، «ياش موللا» تەخەللۇسىدا ئاقمەسچىتتە چىقىدىغان «تاۋرىدا گېزىتى» دە، «رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى» تېمىسى ئاستىدا بىر يۈرۈش ماقالە ئېلان قىلىدۇ. ئۇ يەنە، ماقالىلەر توپلىمى ۋە كىتاب نەشىر قىلىپ، نەشىرىيەتچىلىق ھاياتىغا ئاساس تەييارلاشقا تىرىشىدۇ. ئىسمائىل غاسپىرالى تۆت يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق 1883 – يىلى تۈركچە ۋە رۇسچە تەرجىمىسى بولۇش شەرتى ئارستىدا «تەرجىمان گېزىتى» نى نەشىر قىلىشقا رۇخسەت ئالىدۇ. «تەرجىمان گېزىتى» رۇسىيەدە تۈركلەر تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان تۇنجى گېزىت بولمىسىمۇ، شۈبھىسىزكى ئەڭ مۇھىم گېزىت ئىدى. دەسلەپتە ھەپتىدە بىر قېتىم نەشىر قىلىنغان گېزىت، 1912 – يىلدىن كېيىن، كۈندىلىك نەشىر قىلىنىشقا باشلاپ، تولۇق 33 يىل داۋاملىشىدۇ. گېزىت نەشىر قىلىنغان ۋاقىتلاردا تىراژى كۆپىيىپ تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەممە جايلىرىدا سېتىلىدۇ. گېزىتنىڭ شۇنچىۋالا كەڭ تېررىتورىيەدە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بولۇشى، ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ «تىلدا بىرلىك» دېگەن مەقسىتى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ. نۇرغۇنلىغان گېزىتلەر، ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ «تەرجىمان گېزىتى» دە قوللانغان تۈركچىنى قوللىنىشقا باشلايدۇ. بۇ بىرلىك تىرىشچانلىقلىرى سىياسىي مەنىدىمۇ كۆپ نەتىجە بېرىدۇ. رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى ئۈچ قېتىم كونگرە ئۆتكۈزىدۇ. مائارىپ مەسىلىسى ئاساسىي تېما بولغان بۇ كونگرەلەردە تۈرك تىلى بىرلىكى رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ.

ئىسمائىل غاسپىرالى بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن كېيىن تېخىمۇ جاسارەتكە ئىگە بولۇپ، كۆپ يېڭىلىق يارىتىشقا بەل باغلايدۇ. ئۇ يالغۇز «تۈرك بىرلىكى» بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماي، 1907 – يىلى قاھىرەدە «ئىسلام كونگرەسى» نى توپلاش ئۈچۈن چوڭ غەيرەت كۆرسىتىدۇ ۋە ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ھىندىستانغا بېرىپ بومبايدىكى «ئەنجۈمەنى ئىسلامىيە» يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. ئۇ بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىلىرى ۋە تۈرك خەلقىگە قىلغان خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن مەشرۇتىيەتتىن كېيىن ئىستانبۇلغا كەلگىنىدە قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ.

ھاياتى بويىچە تۈركىي خەلقلەر، مۇسۇلمانلار ۋە ئاسارەت ئاستىدىكى خەلقلەرنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تەر ئاققۇزغان ئىسمائىل غاسپىرالى، تۈرك دۇنياسى يېتىشتۈرگەن ئەڭ نادىر مۇتەپەككۇرلاردىن بىرى ئىدى. ئۇ 1914 – يىلى 11 – سېنتەبىر مەڭگۈگە كۆز يۇمىدۇ. ئۇنىڭ مىيىتى ناھايىتى ھەشەمەتلىك بىر مۇراسىم بىلەن قىرىمدا يەرلىككە قويۇلىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىلىم- پەن ۋە مائارىپ ئورگىنى «يۇنېسكو (UNESCO)»، ئىسمايىل غاسپىرالىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، مائارىپ ۋە چۈشەنچە ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى سەۋەبىدىن 2014 – يىلىنى «ئىسمائىل غاسپىرالى يىلى» دەپ ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر