تۈركىيەنىڭ شەھەرلىشىش ۋە ئولتۇراق رايون ئەھۋالى

تۈركىيەدە خەلقنىڭ شەھەرلىشىش، قونالغۇ رايون ۋە ئۆي (ماكان)غا بولغان چۈشەنچىسى ۋە تۈركىيە بۇ ساھەلەردىكى قىسقىچە ئەھۋالى توغرىسىدا

502779
تۈركىيەنىڭ شەھەرلىشىش ۋە ئولتۇراق رايون ئەھۋالى

سوتسولوگىيە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ھادىسىسىنىڭ بىلىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دەرۋەقە، ئىجىمائىي ئۆزگىرىشنىڭ دىنامىكلىرى ھەر جەمئىيەت ئۈچۈن ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ ئۆزگىرىش دەۋىر ۋە زامانغا ئاساسەنمۇ پەرقلىق بولىدۇ. بىراق، بۇ ئۆزگىرىش ھەر جەمئىيەتتە داۋاملاشماقتا. بىراق سوتسولوگىيەلەر ئۆزگىرىشنىڭ دىنامىكلىرى مەسىلىسىدە ئوخشاش پىكىرگە ئىگە ئەمەس. شۇڭا بۇ نېمىلەرنىڭ قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بىرلىكتە كۆزىتىشىمىز كېرەك.

كۈنىمىز دۇنياسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلاردىن بىرى ئائىلىدۇر. ئائىلىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە فونكىسىيەسىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر باشقا مەسىلىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، مۇھىم تەسىرلەرگە ئىگىدۇر. ئائىلىنىڭ فونكىسىيەسى ۋە قۇرۇلمىسىدا مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ھەممىدىن ئاۋال قونالغۇ ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا سەۋەب بولماقتا. ئوخاشاشلا، بۇ ئەھۋال قونالغۇ قۇرۇلمىسىدىمۇ پەرقلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئىنسانلار ئەلمىساقتىن بۇيان ئۆز ئېھتىياجلىرىنى قامدىيالىغۇچىلىك بىر ماكانغا ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدى شۇنىسى ئېنىقكى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر ئۆزلىرى ياشاۋاتقان يەردە بىر قونالغۇغا ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، شۇڭا بۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا پۇل سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

تۈركىيەدە بەلكىم باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا ئىنسانلارنىڭ قونالغۇغا ئىگە بولۇش ئىستىكى تېخىمۇ كۈچلۈكتۇر. شۇڭا تۈرك خەلقىنىڭ قونالغۇغا بولغان قارىشى ۋە بەرگەن ئەھمىيىتى تولىمۇ چوڭقۇر.

ئانادولۇدا كەڭ ئومۇملاشقان مۇنداق بىر تۇراقلىق-ئىبارە بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ دۇنيادا ماكان، ئاخىرەتتە ئىماندۇر. يەنى بۇ دۇنيادا ماكان ئىگىسى بولۇش ئۇ دۇنيادا جەننەتتە بولۇشقا ئوخشاش ئىشى بولۇپ، بۇ كىشىنىڭ دىلىنى يايرىتىدىغان چوڭ بەخىتتۇر.

تۈركىيەدە بۇ ئىستەكنىڭ تۈرتكىسىدە شەھەرلىشىش تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلماقتا. بىراق خەلقنىڭ قونالغۇ تەلىپى ۋە ئىستىكى كۆپىنچە ھاللاردا يەر تەۋرەش ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش خەتەرلەرگە توسالغۇ بولالمايدىغان بىنالار دۆۋىسىنىڭ بەرپا بولۇشىغا سەۋەب بولدى.

ئۇنداقتا تۈركىيەنىڭ شەھەرلىشىش سىياسەتلىرىمۇ بۇ مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا شەكىللىنىشى تولىمۇ زۆرۈردۇر. بۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ قونالغۇ ئېھتىياجىنى قامداش ۋە خەتەر ئىچىدىكى بىنا دۆۋىلىرىنى يا چۇۋۇپ تاشلاش ياكى تېخىمۇ پۇختا قىلىپ قايتىدىن ياساپ چىقىشنى مەقسەت قىلىش كېرەك.

ئىنسانلارنىڭ قونالغۇ تەلەپلىرىنىڭ مۇۋاپىق شەكىلدە ھەل قىلىش مەقسىتىدە كوللىكتىپ قونالغۇ ئىدارىسى قۇرۇلدى.  بۇ ئىدارە ئىككى ساھە بويىچە خىزمەت ئېلىپ بارماقتا بولۇپ، بىرسى ئىنسانلارنىڭ ئۆي ئىگىسى بولۇش تەلىپى ۋە ئىستىكىنى مۇۋاپىق ھالدا ھەل قىلىش بولسا، يەنە بىرى خەتەرلىك بىنا دۆۋىلىرىنى مۇۋاپىق ھالەتكە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھاكىمىيەتكە كېلىشتىن ئىلگىرى، خەلق بىر ئۆيگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەشكە مەجبۇر ئىدى. ئۆي ئىجرارىلىرى ئوتتۇرا كىرىملىك بىر دۆلەت كادىرىنىڭ مائاشىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلەتتى. ئائىلە كىرىمىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆي ئىجارىسىگە كېتەتتى. مەن ياردەمچى تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقىنىمدا 60000 تۈرك لىراسى مائاش ئالاتتىم. ئۆي ئىجراىسىگە 25000 تۈرك لىراسى كېتەتتى. ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆي ئىگىلىرىگىلا ئىشلەيتتى. بۇ ئەھۋالغا چىداشلىق بىرىش ھەقىقەتەن تەس ئىدى.

خەلقنى ئۇزۇندىن بۇيان قىيناپ كېلىۋاتقان بۇ ئەھۋالنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى كوللېكتىپ قونالغۇ ئىدارىسى بىلەن ھەل قىلدى.

نۇرغۇن لايىھەلەرنىڭ تۈرتكىسىدە ھەم پۇختا ھەمدە مۇۋاپىق باھالارغا قونالغۇ ياسالدى. ئىنسانلارنىڭ قونالغۇ ئېھتىياجىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ھەل بولدى. بىراق خەلق يەنىلا بۇ ئىدارىدىن نۇرغۇن لايىھەلەرنى كۈتمەكتە. ئەقەلىي ئېھتىياج ھەل بولغاندىن كېيىن، كۈنىمىزدە ئۆزىگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە  قونالغۇلارغا، ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋى بايلىقلار بىەن مەدەنىيەت تەسەۋۋۇرىغا مۇھىم قونالغۇ سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇش لازىم.

بەلكىم، قونالغۇ بەرپا قىلىشنىڭ پەلسەپىسى، لوگىكىسى ۋە سىياسىتىنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆزگەرگەنلىكىنى ۋە ئۆزگىرىشى كېرەكلىكىنى پۈتكۈل ئىجتىمائىي تەبىقىلەر كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى كېرەك، يەنى ئاكادېمىكلار، سىياسەتلەرچىلەر، ھەتتا كەڭ خەلق ئاممىسى بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ قويۇش زۆرۈركى، ھەر مەدەنىيەتنىڭ، ھەر ئېتىقادنىڭ ۋە كۈلتۈر ھاۋزىسىنىڭ ئۆزىگە خاس شەھەر پىلانى ۋە بىنكاارى بار.

تۈركىيەنىڭمۇ ئۆز ئېتىقادى، كۈلتۈرى ۋە مەدەنىيىتىگە مۇۋاپىق پىلان-لايىھەلەر تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. مەن شەھەر سوتسولوگىيەسى، شەھەر پىلانى ۋە بىناكارلىق مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمەن، ئەگەر بىز خۇددىي باشقا جەمئىيەتلەرگە ئوخشاش ئۆزىمىزگە تەۋە شەھەر پىلانى ياكى مودېلى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئەمەلىيلەشتۈرمىسەك ئىچىم قان يىغلايدۇ.

ياۋروپادا بولۇپمۇ 15-، 16-ئەسىردە ھەققىي گىئومېتىرىك ئەندىزە بويىچە بەرپا قىلىنغان شەھەرلەرگە تولىمۇ ھەۋەس قىلىمەن، ھەتتا قىزغىنىمەن. بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ شەھىرىنى ۋە شەھەرلىرىمىزنى قۇرالايمىز. مەسىلەن، مۇسۇلمانلار ياشايدىغان بىر شەھەر بەرپا قىلىش سوئالى ئۈستىدە باش قاتۇرايلى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر