كىسانتوس شەھىرى ۋە  لېتون ئىبادەتخانىسى

پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلىمىدە سىلەرگە، تۈركىيەنىڭ ئاقدېڭىز ساھىللىرىغا جايلاشقان قەدىمىي شەھەر كىسانتوسنى ۋە ئۇنىڭغا 4 كېلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى لېتون ئىبادەتخانىسىنى تونۇشتۇرىمىز.

518458
كىسانتوس شەھىرى ۋە  لېتون ئىبادەتخانىسى

كىسانتوس شەھىرى ۋە  لېتون ئىبادەتخانىسى

تۈركىيەنىڭ كۈلتۈر خەزىنىسى (27)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! «تۈركىيەنىڭ كۈلتۈر خەزىنىسى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلىمىدە سىلەرگە، تۈركىيەنىڭ ئاقدېڭىز ساھىللىرىغا جايلاشقان قەدىمىي شەھەر كىسانتوسنى ۋە ئۇنىڭغا 4 كېلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى لېتون ئىبادەتخانىسىنى تونۇشتۇرىمىز.

كىسانتوس شەھىرى فەتھىيەگە 40 كېلومېتىر ئۇزاقلىقتا، دېڭىزدىن بىر ئاز ئىچكى تەرەپتە ئەشەن دەرياسى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، 1988 – يىلىدا ب د ت پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (Unesco) تەرىپىدىن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. بۇ قەدىمىي شەھەر لىكيا دۆلىتىگە ئۇزۇن مەزگىلگىچە پايتەخت بولغان ئىدى. گېرىتسىيە شەھەر دۆلەتلىرى تارىخىدا تونۇلغان تۇنجى كۆپ سانلىق دېموكراتىيەلىك تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلغان شەھەر ئىدى.

*** ** ** **** *** *** ***** ***

كىسانتوس شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000 – يىلىدىنمۇ بۇرۇنغا تۇتىشىدۇ. شەھەر خەلقى ئۆزلىرىگە خاس لىكچە تىلىدا سۆزلىشەتتى.  ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسىغا تەۋە لىكچە تىلى مۇشۇ رايونغىلا خاس تىل ئىدى. ئۇلار ئۆزگىچە بىر كۈلتۈر ۋە مەدەنيەت ياراتقان ئىدى.  ھېۋەدوتنىڭ بايان قىلىشىچە، لىكيالىقلار تۇرۇۋا ئۇرۇشىغا پۈتۈن قوشۇنى بىلەن قاتناشقان ئىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 545 – يىلىدا پارىسلارنىڭ ئىستىلاسىغا قەدەر مۇستەقىل دۆلەت بولغان لىكيا، نۇرغۇنلىغان تارىخىي يادىكارلىقلار بىلەن زىننەتلەنگەن ئىدى. بىراق باشتىن كەچۈرگەن 2 قېتىملىق قورشاۋ تۈپەيلى شەھەر خەلقىنىڭ ھەممىسى 2 قېتىم بىراقلا ئۆز ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشىۋالغانلىقى بىلەن مەشھۇر. بۇ ۋەقەلەر مىلادىدىن ئىلگىرىكى 450 – يىللىرى ئەتراپىدا پارىسلارنىڭ قورشاۋىدا قالغاندا يۈز بەرگەن ئىدى. ئەسكەرلەرنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز قالغان بولۇپ، ئۇلار شەھەردىكى بارلىق ئەر – ئايال، كىچىك بالىلارنى توپلاپ، ھەممەيلەن بىرلىكتە كۆللىكتىپ ھالدا ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرىشىۋالغان ئىدى. ئەينى چاغدا شەھەر سىرتىدا قالغان كىسانتوسلۇقلار كېيىنچە شەھەرگە قايتىپ كېلىپ، شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىققان ۋە يېڭىدىن تۇرمۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى.

بۇنىڭدىن تەخمىنەن 400 يىل كېيىن رىم ئىمپېرىيەسى مەزگىلىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە بىر ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى. بىرىتۇس قوشۇنلىرى شەھەرنى قورشىۋالغان ۋە شەھەر خەلقى يېڭىلىدىغانلىقلىرىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن چاغدا، خەلق چوڭ گۈلخان يېقىپ، ھەممەيلەن بىرلىكتە ئوتنىڭ ئىچىگە ئاتلاپ كوللىكتىپ ھالدا ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈشىۋالغان ئىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن بىروتۇس قاتتىق ئازابلانغان ۋە ئەسكەرلىرىگە يارلىق چۈشۈرۈپ، شەھەر خەلقىنى قۇتقۇزۋېلىش لازىملىقىنى بۇيرىغان ئىدى.

**** *** **** ***** ****** ****

شەھەر ئاساسەن دېگۈدەك ھېلەن ۋە پارىس بىناكارلىقىنىڭ تەسىرىگە ئىگە بولۇپ، رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ كونترولۇقىغا ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن رىم شەھەرلىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان تۈسكە كىرگەن ئىدى. رىم ئىمپېرىيەسى مەزگىلىدە ياسالغان قەدىمىي تىياتىرخانىدا 5000 كىشى بىرلا ۋاقىتتا ئويۇن كۆرەلەيتتى. ئارقىدىن خىرىستىيانلىقنى قوبۇل قىلىش بىلەن شەھەرگە بىر قانچە چىركاۋ قوشۇلغان بولدى. قەدىمىي تىياتىرخانا ۋە مۇسابىقە مەيدانلىرى بۈگۈنكى كۈندە زىيارەتچىلەرنىڭ ئەڭ كۆپ دىققىتىنى تارتىۋاتقان يەرلەر قاتارىدا سانىلىدۇ. شەھەرنىڭ مازار قۇرلۇشلىرىمۇ ئۆي قۇرلۇشلىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ بايلارنىڭ مازارلىرىغا تەۋە مەرمەر لاھىت شەكلىدىكى مازارلار ئۆز ئۆيلىرىگە ئوخشايدىغان شەكىلدە ياسىلاتتى  ۋە ئالدىغا قويۇلغان ئىشىكلەرگە قۇلۇپ ئېسىلاتتى.

كىسانتوس 1840 – يىلى ئىنگىلىز سەيياھ، ئارخىئولوگ سىر چارلېس فېللوۋس تەرىپىدىن دۇنياغا تونۇتۇلغان بولدى. ئۇ ئەنگلىيەدە قۇرۇپ چىققان لوبى تەشكىلاتى سايىسىدا بۇيەردىن تاپقان نۇرغۇن ساندا تارىخىي ياردىكارلىقلارنى بىر پاراخوتقا يۈكلەپ، لوندونغا ئېلىپ كەتكەن ئىدى. كىسانتوسنىڭ تارىخىي يادىكارلىقلىرى ئەنە شۇنداق تالان - تاراج قىلىنغان بولۇپ، ھەتتا بۇنىڭ دەل ئەكسىچە «بۇ ئارقىلىق يادىكارلىقلار بۇزۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالدى» دېگەنلەرمۇ بار. بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئوغىرلاپ كېتىلگەن يادىكارلىقلار بىرىتانىيە مۇزىيىدىكى ئەڭ قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە كۆرگەزمە قىلىنماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەرمەردىن ياسالغان ھەيكەللەر ۋە ئويما نەقىشلەر كۆرگۈچىلەرنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرۇپ كەلمەكتە. ئەمدىلىكتە بولسا،  ئىلگىرى بۇلاڭچى ئارخىئولوگلار تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلگەن تارىخي ياردىكارلىقلارنىڭ ئەسلى ئائىت بولغان يېرىگە قايتۇرۇلىشىنى تەلەپ قىلماقتىمىز.

*** *** ** ** *** ** ** *** *****

شەھەرنىڭ دىنىي مەركىزى بولغان لېتون ئاكروپولۇ، كىسانتوستىن 4 كېلومېتىر ئۇزاقلىققا جايلاشقان بولۇپ، لىكيا مەدەنىيىتىنىڭ دىنىي مەركىزى ھېسابلىنىدىغان بۇ تارىخىي جايدا، بىر قانچىلىغان ئىبادەتخانىلارنى ئۇچىرىتىش مۇمكىن. زېئوسنىڭ ئاياللىرىدىن بىرسى بولغان «لېتو»نىڭ ئىسمى قويۇلغان  بۇ دىنىي مەركەزدە 3 بۈيۈك ئىبادەتخانا بار. شىمال تەرەپتىكى ئىبادەتخانا لېتوغا بېغىشلانغان بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئارتمېس ۋە ئاپوللون ئىبادەتخانىلىرى رايوننىڭ ھەم دىنى، ھەم سىياسىي بىر مەركەز بولغانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. بۇلارنىڭ باش تەرىپىگە جايلاشقان مۇسابىقە مەيدانى ۋە قەدىمىي تىياتىرخانا بولسا، ئەينى چاغدىكى ئىنسانلارنىڭ بۇ يەردە ھەر خىل مەقسەتلەر بىلەن تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىرىستىيانلىقتىن كېيىن رايوندا چوڭ بىر چىركاۋ ياسالغان بولۇپ، مىلادىدىن كېيىنكى 7 – ئەسىردە تاشلىۋېتىلگەن لېتون ۋە كىستانتوس مانا بۈگۈنكى كۈندە، زىيارەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كېلىۋاتقان رايوننىڭ ئەڭ مۇھىم ساياھەت مەركىزىگە ئايلاندى. ناۋادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۈركىيەگە كېلىپ، يولىڭىز فەتھىيە تەرەپكە چۈشۈپ قالسا، كىسانتوس شەھىرى ۋە لېتون دىنىي مەركىزىنى چوقۇم زىيارەت قىلىشىڭىزنى تېلەيمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر