قۇرئان، رامىزان ۋە ئۆسمۈرلەر

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (25)

518473
قۇرئان، رامىزان ۋە ئۆسمۈرلەر

قۇرئان، رامىزان ۋە ئۆسمۈرلەر

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (25)

ئەزىز قېرىنداشلار!

ئاللاھ تائا قۇرئان كەرىمدە: «بىلىڭلاركى، سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا چوڭ ساۋاب بار» دەيدۇ. (سۈرە ئەنفال 28 - ئايەت)

بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدى نەبەۋىنىڭ مۇنبىرىدە خۇتبە سۆزلەۋاتاتتى. ساھابىلەر پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ئالتۇن مىسالى قىممەتلىك سۆزلىرىنى ئاڭلاۋاتاتتى. دەل شۇ پەيتتە مەسجىدكە ئىككى كىچىك بالا كىرىپ كەلدى. بۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارزۇلۇق نەۋرىسى ھەسەن ۋە ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىلىرىگە بولغان مېھرى – مۇھەببىتى ۋە شەپقىتى شۇقەدەر چوڭقۇر ئىدىكى، ئۇلارنى كۆرمەسكە سالالمىدى. ساھابىلەرنىڭ كۆزئالدىدا مۇنبەردىن چۇشتى. كەلگۈسىدە جەننەت ياشلىرىنىڭ سەركەردىسى بولدىغانلىقىدىن ئالدىن بىشارەت بەرگەن نەۋرىلىرىنى قۇچاقلىدى. ئۇنىڭدىن كىيىن خۇتبىسىنى تاماملاش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن بىرگە مۇنبەرگە چىقتى ۋە مۇنداق دىدى:

«بىلىڭلاركى، سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، دەپ نەقەدەر توغرا ئىيىتقان! شۇ ئىككى نەۋرەمنىڭ سەنتۇرلۈپ - سەنتۈرلۈپ مىڭىشلىرىنى كۆرۈپ چىداپ تۇرالمىدىم ۋە سۆزۈمنى توختىتىپ ئۇلارنى قۇچىقىمغا ئالدىم» ( تىرمىزى، مەناقىپ، 30. )

 

ئەزىز قېرىنداشلار!

پەيغەمبىرىمىز بۇ مىسالدا كۆرسىتىلگىنىدەك باشقا ۋاقىتلاردىمۇ ھەردائىم كىچىك بالىلارغا مىھىر - مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى. پەيغەمبىرىمىز بالىلار بىلەن ھوزۇرلىنىپ، بالىلارنىمۇ خۇشال قىلغان ئىدى. ئۇلارغا بولغان مىھىر - مۇھەببىتىدىن سۆز قىلىشى بولسا، بىزگە سىگنال بىرىشى ئىدى. پەرزەنتلىرىمىزگە بولغان ھىسسىداشلىقمىزنىڭ، ھاياتىمىزنىڭ مۇھىم سىناق نوقتىسى ئىكەنلىكىگە دىققىتىمىزنى تارتىقانلىقى ئىدى. ئاللاھ بۇ ھەقتە بەندىلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان ئاتەتلىرىنىڭ بىرىنى مىسال قىلىپ ئوقىغىنىمىزدا خۇددى  بىزگە شۇنداق خىتاپ قىلىۋاتقاندەك ئىدى: « پەرزەنتىڭلارنى سۆيۈڭلار ئەمما بۇ سۆيگۈگە ھەرگىز ئالدىنىپ قالماڭلار! پەرزەنتىڭلاردىن ھېسسىداشلىقنى ئۈزمەڭلار، ئۇلارغا بولغان مەسئۇلىيەتلىرىڭلارنى بەجا كەلتۈرۈڭلار! ئۇلارنى دىنىغا، مىللىتىگە ۋە ئىنسانلارغا پايدىلىق كىشىلەر قىلىپ تەربىيلەڭلار! ئۇنداق بولمايدىكەن ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن بولسىلەر! »

ئەزىز قېرىنداشلار!

قۇرئان كەرىمدە ئىيتىلغىنىدەك كۆزلىرىمنىڭ نۇرى، قەلىپلىرىمىزنىڭ ئاچقۇچى بولغان پەرزەنتلىرىمىز، ئاللاھنىڭ بىزلەر ئۈچۈن ساۋغىتىدۇر. پۈتۈن نىمەتلەرگە ئوخشاش، ئۇلارمۇ ئاللاھنىڭ بىزگە تاپشۇرغان ئامانىتىدۇر. ھەممىدىن بۇرۇن بۇ ئامانەتلەرنى  مىھىر - مۇھەببەت بىلەن بىخلاندۇرىشىمىز، مىھىر - شەپقەت بىلەن چوڭ قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ بالىلارغا يېقىنچىلىقى مانا مۇشۇنداق ئىدى. ئۇ بەزىدە بالىلارنى سەمىمىيلىك بىلەن قۇچاقلاپ سۆيسە، بەزىدە بالىلارنىڭ باشلىرىنى مىھىر شەپقەتلىك قوللىرى بىلەن سىلىغان ئىدى. بالىلارغا مىھىر - شەپقەت قىلغانلارنى ماختاپ، ئۇلارغا مىھىر - مۇھەببىتىنى ئايىغانلارنى « كىچىك بالىلارغا مەرھەمەت قىلمىغانلار بىزدىن ئەمەستۇر.»  ( تىرمىزى، بىرر، 15. ) دېگەن ھەدىسى بىلەن ئاگاھلاندۇرغان ۋە غەپلەتتىن ئويغاتقان ئىدى.

ئەزىز قېرىنداشلار!

پەرزەنتلىرىمىزنى مىھىر - شەپقەت بىلەن چوڭ قىلىش، ئۇلارنىڭ ياخشى تەربىيە ئىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى كەلگۈسىگە تەييار قىلىش، ئاتا - ئانىلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەسئۇلىيىتمىزدۇر ئەلۋەتتە. بۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆز نۇرىمىز پەرزەنتلىرىمىزگە قالدۇرىدىغان ئەڭ قىممەتلىك مىراس، ئۇلارنىڭ ئسلام دىنىمىزنى توغرا ئۆگىنىشىنى ۋە ياخشى بىر مۇسۇلمان، ياخشى بىر ئنسان بولۇپ يىتىشىپ چىقىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر. ( تىرمىزى، بىرر، 33. ) ئۇلارغا رەببىمىزنى، پەيغەمبىرىمىزنى، كىتابىمىزنى تونۇتىشىمىز لازىم. بولۇپمۇ رەھمەت، مەغپىرەت ۋە بەرىكەت ئىيى رامىزان، بۇنىڭ ئۈچۈن تىپىلماس پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ. رامىزان بالىلارنى مەسچىتكە، جامائەتكە، ئىبادەتكە ئادەتلەندۈرىدۇ. بۇ مۇبارەك ئايدا ھوزۇر بىلەن قىلىنغان نامازلار، تاراۋىھ ۋە زىكىرلەر، ھەممەيلەن بىرلىكتە توۋلىغان تەكبىرلەر، سالاملار ۋە ئامىنىلەر، بالىلارنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار!

پەرزەنتلىرىمىز مەسچىتلىرىمىزنىڭ شادلىقىدۇر، زىننىتىدۇر. قويۇپ بىرەيلى. مەسچىتلەردە يۈگۈرۈپ ئوينۇسۇن، مەسچىتلەرگە كۆڭلى خوشال ھالدا كەلسۇن. ئۇلارنى خوش قىلايلى، زىھىن ۋە قەلىپلىرىگە ئۇنۇتۇلماس ئەسلىمىلەر قالدۇرايلى. بىز مەسچىدتە بالىلارغا مېھرى -شەپقەتنى ئۆگەتكەن، دۈمبىسىدىكى بالا يەرگە چۈشۈپ كەتمىسۇن دەپ سەجدىسىنى ئۇزاتقان پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتىمىز. ئۇنۇتماسلىقىمىز كىرەككى، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ مەسچىد، مىھراپ، مۇنبەر، كۈرسى بىلەن ئۇچۇرىشىشى، نامازلاردا سەپلەرنىڭ ئارىلىقىدا بولىشىمۇ بىز ئۈچۈن بىر رەھمەتتۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار!

پەرزەنتلىمىزنىڭ قۇرئان بىلەن، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆرنەك ھاياتى بىلەن، مەسچىد، مىھراب، مۇنبەر ۋە ئىبادەتلەر بىلەن ئۇچۇرۇشىشى ئۈچۈن بۇ مۇبارەك ئايدا يەنە بىر تىپىلماس پۇرسەت كېلىۋاتىدۇ. يازلىق قۇرئان كۇرۇسلىرىمىز، 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى باشلاپ، 7 - ئاينىڭ 26 – كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. «كەل بۇ ياز قەلبىڭگە قۇرئاننى ياز» دېگەن شۇئار بىلەن مەسچىتلىرىمىز، كۆز نۇرىمىز پەرزەنتلەر بىلەن شادلىققا چۆمگۈسى.

كىلىڭلار، قۇرئان نازىل بولغان بۇ ئايدا پەرزەنتلىرىمىزنى قۇرئاننىڭ رەھمەتكە تولغان خوشخەۋەرلىرى بىلەن ئۇچۇراشتۇرايلى. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى ئەدەپ داستىخانى قۇرئان بىلەن نىئمەتلەندۈرەيلى. ئۇلارنىڭ ئاللاھ بىلەن چىن رىشتە قۇرۇپ چىقالىشى ئۈچۈن كىچىك يۈرەكلىرىگە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆيگۈ - مۇھەببىتىنى ئورنىتىشىغا بىز رھبەرلىك قىلايلى.

ئەزىز قېرىنداشلا!

خۇتبىمىزنى مۇنۇ ئايەت ۋە ھەدىسلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز: رەببىمىز مۇنداق دەيدۇ: «بۇ بىز نازىل قىلغان (قۇرئان) مۇبارەك كىتاپتۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغۇچىلاردىن بولۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار (ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ساقلىنىڭلار.» ( ئەنئام سۈرىسى 155 - ئاتەت )

پەيغەمبىرىمىز مۇنداق بۇيرۇيدۇ: «ھىچ شۈبھىسىزكى ئاللاھ قۇرئان بىلەن بەزى قەۋملەرنى يۈكسەلتىدۇ، بەزى قەۋملەرنى ھالاك قىلىدۇ»  (مۇسلىم)



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر