زاكات ۋە سەدىقە، پاكلىنىش ۋەسىلىسىدۇر

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (26)

518462
زاكات ۋە سەدىقە، پاكلىنىش ۋەسىلىسىدۇر

زاكات ۋە سەدىقە، پاكلىنىش ۋەسىلىسىدۇر

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (26)

ئەزىز قېرىنداشلار!

ئاللاھ تائا قۇرئان كەرىمدە: ئىمان ئېيتقۇچىلار ھەقىقەتەن بەختىيارلىققا ئېرىشتى. ئۇلار (شۇنداق مۆمىنلەركى) نامازلىرىدا (اﷲ نىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بېسىپ) ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر. ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يىراق تۇرغۇچىلاردۇر. ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر» دەيدۇ. (سۈرە مۆئمىنۇن 1-4 ئايەتلىرى)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىدىن مۇئاز بىن جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ۋالى قىلىپ تەيىنلىگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ يەمەنگە بارىدىغانلارنى چاقىردى ۋە ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ: «ئاسانلاشتۇرۇڭلار، تەسلەشتۈرمەڭلار! خۇشخەۋەر بېرىڭلار، نەپرەتلەندۈرمەڭلار!»  دېدى. (بۇخارى)

ئاندىن مۇئاز بىن جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بۇرۇلۇپ، «ئىي مۇئاز! مۇسۇلمان بولمىغان بىر خەلق ئارىسىغا كېتىپ بارىسەن. ئۇلارنى ئالدى بىلەن ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقلۇقىغا ۋە مېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىمگە ئىمان ئېيتىشقا دەۋەت قىلغىن. ئەگەر قوبۇل قىلسا، 5 ۋاقىت نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغىن، بۇنىمۇ قوبۇل قىلسا، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا زاكاتنى پەرز قىلغانلىقىنى ۋە زاكاتنىڭ بايلاردىن ئېلىنىپ كەمبەغەللەرگە تارقىتىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغىن...»دېدى. (بۇخارى)

ئەزىز قېرىنداشلار!

بىز ئىگە بولغان بارلىق نېمەتلەر ئاللاھنىڭ بىزگە تاپشۇرغان ئامانىتىدۇر. بۇ نېمەتلەر ھەممىمىز ئۈچۈن بىرەر ئىمتىھان ۋەسىلىسىدۇر. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز بۇ نېمەتلەرنىڭ قەدرىنى بىلىش، ئۇلارنى رەببىمىزنىڭ رازىلىقى يولىدا ئىشلىتىشتىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا بىزلەرگە ناشۈكۈرلۈكتىن، قانائەتىسىزلىكتىن ۋە ئاچكۆزلۈكتىن ئۇزاق تۇرۇشنى قاتتىق جىكىلەيدۇ. نامراتلارغا كۆڭۈل بۆلمىگەن بايلىقنىڭ، زاكىتى بېرىلمىگەن تاپاۋەتنىڭ، ئىنساننى قانداق چوڭ زىيانغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مال –مۈلكىمىزنى ۋە دۇنيادا بىز ساھىپ بولغان جېمى ئىمكانلارنى ئەبەىدىيلىك ئۇتۇقنىڭ ۋەسىلىسى قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار!

زاكات ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ھەممىلا دەۋرىدە ماۋجۇت بولۇپ كەلگەن بىر ئىبادەت بولۇپ، بۇ قەدىمىي ئىبادەت ئۇلۇغ دىنىمىزنىڭ 5 ئاساسىنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ. (مۇسلىم)

زاكات؛ باي كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئاتا قىلغان نېمەتلەردىن مەلۇم بىر قىسمىنى  ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ۋە يوقسۇللارغا بېرىشىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەت ۋە ھەدىسلەردە زاكاتنىڭ كىملەرگە، قايسى خىل مالدىن، قايسى مىقداردا بېرىلىشى كېرەكلىكى ئېنىق بىلدۈرۈلىدۇ.

زاكات؛ مالنى ئازايتىۋېتىدىغان ياكى يوق قىلىدىغان ئەمەس، بەلكى ئەكسىچە بەرىكەتلەندۈرۈپ تېخىمۇ كۆپەيتىدىغان بىر ئىبادەت بولۇپ، ئىنساننى بېخىللىق ئىللەتلىرىدىن ساقلاپ، مەرتلىك پەزىلىتىگە ئىگە قىلىدۇ. قەلبى مەنىۋى كىرلاردىن ۋە بايلىقى ئىھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىدىن پاكلىنىدۇ.  باي بىلەن كەمبەغەل ئوتتۇرىسىدا چىن سۆيگۈ  - مۇھەببەت، ھۆرمەت ۋە قېرىنداشلىق كۆۋرۈكلىرى قۇرۇلىدۇ.

زاكات؛ رەببىمىزگە نىسبەتەن شۈكۈر ئېڭىمىزنىڭ ئۈستۈنلىكىنىڭ نامايەندىسىدۇر. ئاللاھقا بولغان باغلىنىش ۋە ۋەساداقەتنىڭ ئىپادىسىدۇر. پەقەتلا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئۈمىد قىلىپ، قول ئىلكىمىزدىكى ھەر قانداق نېمەتنى ئۇنىڭ يولىغا قۇربان قىلالايدىغانلىقىمىزنىڭ سىمۋوللۇق ئىزھارىدۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! 

قۇرئان كەرىمدىمۇ زاكات ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىنغان بولۇپ، زاكاتىنى بەرگەنلەر، مال – مۈلكىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغانلار «بەختىيار مۆئمىنلەر» دەپ ماختىلىدۇ ۋە ئەبەدىي جەننەت نېمەتلىرى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ. (سۈرە نۇر 36- 38 ئايەت، سۈرە زارىيات 15- 19 ئايەتلەر، سۈرە مائارىج 22- 35 ئايەتلەرگە قارالسا بولىدۇ)

زاكاتقا سەل قارىغانلار، كەمبەغەللەرنى يوقلىمايدىغانلار ۋە مال – مۈلكىنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قالغان كىشىلەر قاتتىق ئاگاھلاندۈرىلىدۇ. بۇ ئىلاھىي ئاگاھلاندۈرۈشلارنىڭ بىرىنى مۇنۇ ئايەتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

«ئالتۇن - كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن بىشارەت بەرگىن. شۇنداق بىر كۇنمۇ كېلىدۇكى، ئاشۇ ئالتۇن - كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پىشاينىلىرى، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: "مانا سىلەرنىڭ ئۆزەڭلار ئۈچۈن يىغقان غەزىنەڭلار، ئەمدى يىغقانلىرىڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار" دېيىلىدۇ»  (سۈرە تەۋبە 34 – ۋە 35 ئايەت)

ئەزىز قېرىنداشلار!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە «يېرىم خورما بىلەن بولسىمۇ جەھەننەمدىن ساقلىنىڭلار» دېگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئاگاھلاندۈرىشى، زاكات، سەدىقە، ئۆزئارا ياردەملىشىش ۋە قەدىرلەش جەھەتتە قانچىلىغان ئەسىرلەر ئىلگىرىدىن باشلاپلا بىزگە رەھبەرلىك قىلماقتا. بىراق ئەپسۇسكى، بۈگۈن كۈندە بىز ئىنسانلار، تەبىئىي بايلىقلىرى ئۇدۇل كەلگەنچە بۇزۇپ چېچىپ، ئىستېمال قىلىنىۋاتقان، ئىقتىسادىي مەنبەلىرى ئادالەتسىزلەرچە بۆلۈشىۋېلىنغان، باي بىلەن كەمبەغەل ئوتتۇرىسىدىكى پەرق باشنى قايدۇرۇغۇدەك دەرىجىدە يۇقىرى ئۆرلەپ كەتكەن بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدا ئىنسانلار ئاچارچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بولسا، بەزى جايلىرىدا ئىسراپچىلىق ۋە پەرۋاسىزلىق ئەڭ يۇقىرى پەللىدە تۇرماقتا. تۇگىمەس - پۈتمەس ھەرىكەتلەر، ئۇرۇشلار ۋە ئىشغالىيەتلەر، مىليونلىغان كەمبەغەل، ئىگە – چاقىسىز، يېتىم – يېسىر، مۇھتاجلارنى پەيدا قىلماقتا. 

زاكات بولسا، بىر مەنىدىن  يېتىم – يېسىر، مۇھتاجلارغا قۇچاق ئاچقانلىق ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ بۇ نۇقتىغا ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن رامىزان ئېيىنىڭ ھەر 15 - كۈنىنى «خەلقئارا يېتىملار كۈنى» دەپ ئېلان قىلدى.

ئەزىز قېرىنداشلار!

شۇنىسى ئېنىقكى، ئىنسانىيەت بۈگۈنكى كۈندە بەلكى  تارىخنىڭ ھېچ بىر دەۋرىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە خاتىرجەملىككە، خوشاللىققا، مۇھەببەت، ھۆرمەت، تىنچلىق، ياردەملىشىش ۋە ئۆزئارا ئورتاقلىشىشقا مۇھتاج بولۇپ بولماقتا. دۇنيانى بۇ پەزىلەتلەرگە ئىگە قىلىدىغان ھەمدە ئادىل بىر كىرىم تەقسىماتىغا سازاۋەر قىلىدىغان سىستېما دەل ئىسلامنىڭ تەلىماتلىرىدا ساقلانماقتا. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئۆگەتكەن زاكات ۋە سەدىقە ئەخلاقى ئەسلىدە ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىشىش ئېڭىمىزنى  يېتىلدۇرىدىغان ئەڭ تۈرتكىلىك ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

ئۇنداقتا قېنى ئەمىسە كېلىڭلار! ھەممىمىز بىرلىكتە بۇ قۇتلۇق ئايدا ئەتراپىمىزدىكى ۋە ئۇزاقتىكى يېتىم – يېسىرلارغا، ھىمايىسىز، ئۆي – ماكانسىز ئەۋلاتلىرىمىزغا ئىگە – چاقىسىز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرايلى! ئۇلارغا قۇچىقىمىزنى ۋە داسقىنىمىزنى ئاچايلى! زاكات ۋە پىتىرلىرىمىزنى ۋاقتىدا بېرەيلى! ياخشىلىق قىلايلى ۋە ياردەملىشەيلى! ئورتاقلىشىشىنى ئۆزىمىزگە سېمۋول قىلايلى! زاكات ۋە پىترىمىزنى بەرگەن چاغدا ئۇلارغا ئازار بەرمەيلى!

كېلىڭلار! قول ئىلكىمىزدىكى ھەر بىر ۋەسلىنى كۆڭۈل ئېلىشقا ۋە قەلبلەرنى ئۇتۇشقا نىسبەتەن بىر پۇرسەت بىلەيلى!  دۇنيادا ئىگە بولغانلىرىمىزنى ئەبەدىلىك تاپاۋەتكە ئايلاندۈرايلى!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر