دىن ۋە جەمئىيەت - 26

سەۋر ۋە سەۋرىچانلىق ئۈستىدە

108369
دىن ۋە جەمئىيەت - 26

دىن ۋە جەمئىيەت ناملىق پروگراممىمىمىزنىڭ بۇگۈنكى بۆلۈمىدە سەۋر ۋە سەۋرچانلىق ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
"سەۋرچانلىق" كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان ئاتالغۇلاردىن بىرى. ئۆتمۈشتە ئىسلام ئالىملىرى سەۋر ئاتالغۇسىنى ئۈچ خىلغا بۆلۈپ چۈشەندۈرگەن. بىرىنچىسى، ئاللاھتائا چەكلىگەن ئىشلاردا سەۋر قىلىپ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش؛ ئىككىنچىسى، ئاللاھتائالاغا ئىتائەت قىلىشتا سەۋر-تاقەتلىك بولۇش؛ ئۈچىنچىسى، يۇقىرىدىكى ھەر ئىككى ئىشتا سەۋر قىلىشتىن ئىبارەت.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەر دائىم ئۆزىدىن ياردەم تەلەپ قىلغانلارغا ياردەم قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارغا ئىپپەتلىك بولۇش، ياردەم تەلەپ قىلىۋەرمەسلىك، سەۋرچان بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش ھەققىدە سۆزلەيتتى ۋە شۇنداق قىلغاندىلا ئاللاھتائالانىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلىپ، ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانغا سەۋرچانلىقتىنمۇ چوڭ بىر نېئمەتنىڭ بېرىلمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بىر قېتىم ئۇ يۈرەك-پارىسىدىن ئايرىلىپ، پەرياد قىلىۋاتقان بىر ئانىغا نەسىھەت قىلىپ: "سەۋر قىلىڭ، ھەقىقىي سەۋر-تۇنجى قېتىم زەربىگە يولۇققاندا قىلىنغان سەۋردۇر" دېگەن. پەيغەمبىرىمىزنىڭ يەنە سەۋر قىلىش ئىماننىڭ يېرىمى دېگەن مەزمۇندا نەسىھىتى بولۇپ، بۇ سۆزنى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد تېخىمۇ ئېنىق شەكىلدە تۆۋەندىكىدەك ئىزاھلاپ بەرگەن: ئىمان ئىككى پارچە بولۇپ، بىرى سەۋرچانلىق يەنە بىرى نېمەتكە شۈكۈر قىلىش.
ئىبنى مىسكىۋەيھ بېشىغا كۈن چۈشكەندە سەۋرچان بولۇشنى ئەركەكلىك نىشانى دەپ بىلگەن. پالاكەتلەر ئالدىدا تېخىمۇ ئەنسىزلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىش ھەم دىنى ھەمدە ئەخلاقى جەھەتتىن ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن سەۋر قىلىش ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنى كونترول قىلىشقا، پايدىسىز ئەنسىرەشلەردىن قۇتۇلۇشقا ۋە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشقا ئىمكانىيەت ھازىرلاپ بېرىدۇ.
قۇرئان كەرىم سەۋر قىلغانلارنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ ئۈستۈن بولىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھتائالانىڭ ئۇلارنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا. ئەندىشە، ئاچلىق، يوقسۇللۇق، ئۆلۈم-مۇسىبەت ۋە نەرسە-كېرەكلىرىنى يوقۇتۇپ قويۇش قاتارلىق يامان ئەھۋاللار كىشىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن بىر سىناقتىن ئىبارەت. بۇ خىلدىكى مۇسىبەتلەرگە يولۇققان ۋاقىتتا چىدامچان بولۇپ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويماي، توغرا يولدىن چەتنىمەي مۇستەھكەم تۇرغانلار ھەم بۇ دۇنيادا ھەمدە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئىرىشكۈچىلەردۇر. سەۋرچانلىق ئېسىل كىشىلەرنىڭ ئەڭ يارقىن خىسلەتلىرىدىن بىرىدۇر. توغرا ئىشلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدا غەيرەتلىك ۋە سۇباتلىق بولۇش پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈپەتلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەرلەردىكى سەۋرچانلىققا قارايدىغان بولساق، ئۇلار ئۆزلىرى ئىشەنگەن ئېتىقاد ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا، ئۇچرىغان تۈرلۈك ئازاب-ئوقۇبەت ۋە توسالغۇلار ئالدىدا چىدامچان بولۇپ سەۋر قىلغان.
ھاياتتىكى ئەڭ قىيىن ئەھۋاللاردىن بىرى بولغان جەڭ مەيدانىدىكى سەۋر ئەڭ مۇھىم سەۋردۇر. بۇ پەيتتە ئۆزىنى يوقىتىپ قويماي سەۋر قىلغانلار غەلبىگە ئىرىشكەن. سەۋر قىلىش قۇرئان كەرىمدە جەڭچىنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى قەھرىمانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان پەزىلەت دەپ بايان قىلىنغان. چۈنكى سەۋر قىلىش سەل چاغلاشقا بولمايدىغان پىسخىكا كۈچ. سەۋر قىلىش قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ-خەتەر ئالدىدا كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنى تەمىن ئېتىدۇ. قانچىلىق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراشتىن قەتئىينەزەر كىشىگە ئۆز داۋاسىدىن ۋاز كەچمەيدىغان كۈچ بېغىشلايدۇ.بۇ سەۋەبتىن جەڭ مەيدانىدا يولۇققان تۈرلۈك جاپا-مۇشەققەتلەرگە چىداش، جېنى ۋە مېلىنىڭ يۇقۇلىشىدىن قورقماي تىك تۇرۇش پەقەت سەۋر قىلىش بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ.
بىر قىسىم ئالىملار، سەۋرنى "جىسمانى سەۋر ۋە روھى سەۋر" دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىغان. جىسمانىي جەھەتتىن سەۋر قىلىش دېگىنىمىز- بەدىنىمىز دۇچ كەلگەن مۇشەققەتلەرگە ۋە ئاغىرىقلارغا سەۋر قىلىش بولۇپ، بۇ خىلدىكى سەۋر پەزىلەتلىك خىسلەت كاتوگۇرىيەسىگە كىرمەيدۇ. بۇ نۇقتىدا ئىمامى غەززالى سەۋر ئاتالغۇسىغا دىنى تۇيغۇنىڭ نەپسانىي ھاۋايى-ھەۋەسلەرنىڭ بېسىمىغا قارىشى چىدامچانلىق كۆرسىتىشى دەپ تەبىر بىرىدۇ. روھى جەھەتتىكى سەۋر دېگىنىمىز-كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار بېشىمىزغا كەلگەندە ۋە ياكى نازۇ-نېمەتلەر قولىمىزدىن كەتكەن ۋاقىتتا سەۋر قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. سەۋر ئاتالغۇچى قۇرئان كەرىمدە "شەيتانى نەپسى-خاھىشى ئارزۇ قىلىدىغان ئىشلاردىن ئاللاھتائالانىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، قىيىنچىلىقلارنى كۆتۈرۈشكە ئادەتلىنىش، دىنى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلغاندا ئۇچرايدىغان جاپا-مۇشەققەتلەر ئالدىدا غەيرەتلىك بولۇپ، چىدامچانلىق كۆرسىتىش" قاتارلىق مەنالاردا ئىشلىتىلگەن.
بېشىمىزغا كېلىدىغان بالايى-ئاپەتلەر ئالدىدا ياراتقۇچىمىز ئاللاھتائالادىن قاخشاشقا بولمايدىغانلىقى قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان. كىشىلەردە -يارىتىلىش تەبىئىتىگە ماس ھالدا-بالايى-ئاپەتلار ئالدىدا قاخشاش ۋە مالامەت قىلىش مەۋجۇتتۇر. قۇرئان كەرىم بۇ خىلدىكى پالاكەتلەرنى كىشىلەرنىڭ ئۆز نەپسىلىرىدىن كۆرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
سەۋر ئەخلاق-پەزىلەتلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ، كىشىلەرگە روھى، ئەخلاقى ۋە شەخسىي جەھەتتىن نۇرغۇن پايدا ئېلىپ كەلمەكتە. شۇڭا كۈنىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋىي جەھەتتىن چىڭ ئېسىلىدىغان مۇھىم ئۇنسۇرلارنىڭ بىرى سەۋردۇر. كىشىلەر تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرىنى، بالا-مۇسىبەتلەرنى ۋە نەپسى-خاھىشىنى پەقەت سەۋىر ئارقىلىق يېڭەلەيدۇ. ئىنسانلار شۇنداق قىلالىغاندا روھىي بۇرۇختۇرمىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ، مۇستەھكەم خاراكتېرگە ۋە كۈچلۈك ئىرادىگە ئىگە بولالايدۇ. بەخت-سائادەتلىك بولۇپ نىجاتلىققا ئېرىشەلەيدۇ.
سەۋر ئوقۇمىنى باشقا ئېتىقاد سېستىمىلىرىدىمۇ ئۇچرىتىشىمىز مۇمكىن. بۇلارنىڭ بىر قىسمىدا سەۋر كىشىلەرنى پاسسىپ ئەھۋالغا سۆرەپ ئاپارسا، يەنە بەزىلىرىدە ئىنتايىن تار مەنىدە ئىپادىلەنمەكتە. جاھىلىيەت دەۋرىدە سەۋر غەيرەت-جاسارەتنىڭ بىر بۇغۇمى ھېسابلىناتتى. ئىسلام دىنىدا بولسا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر ئەزا بولدى. مۇھىمى سەۋردە تەڭپۇڭلۇق ئۇنسۇرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا بولۇپ قالدى.
قىسقىسى، ئىسلام دىنىدا سەۋر- نەپىسىنى ئەنسىزلىكتىن، تىلنى شىكايەتتىن، ئەزالارنى ناچار ئىش-ھەرىكەتلەردىن ساقلاپ، بارلىق بىلەن يوقلۇق ئارىسىدا پەرق قويماستىن، ھەر ئىككى ئەھۋالدا پېتىدىن چۈشمەسلىك ۋە ئاللاھتائالادىن باشقىسىغا شىكايەت قىلماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. مۇسىبەتلەر ئالدىدا كۆكرەك كېرىشنى، قىيىنچىلىقلارغا قارىشى چىدامچان، غەيرەت-شىجائەتلىك بولۇشنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما خەلق ئارىسىدا "بالا-مۇسىبەتلەر ئالدىدا ئامالسىز قېلىش، مەھكۇملۇق ۋە ناھەقچىلىككە بوي سۇنۇش" دەپ خاتا چۈشىنىلىپ كەلمەكتە. تەسلىمىيەتچىلىك، ھورۇنلۇق ۋە ئاجىزلىقلارمۇ سەۋر قىلىش دەپ قارالماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلارغا ئىسلام ئېتىقادىدىكى بۇ مۇھىم ئوقۇمنى توغرا چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك. مۇسۇلمانلار ئارا بۇ گۈزەل خىسلەتنى كەڭ كۆلەمدە تەۋسىيە قىلىشىمىز ۋە ئۇمۇملاشتۇرىشىمىز زۆرۈر.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر