سالامەتلىك، ساياھەت ۋە تۈركىيە - 23

100896
     سالامەتلىك، ساياھەت ۋە تۈركىيە - 23

كونيا، تارىخىي يىپەك يولى ئۈستىگە جايلاشقان، 9 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە مۇھىم بىر شەھەر. يەر كۆلىمى جەھەتتىن تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ۋىلايىتى ھېسابلىنىدۇ. ھىتىتلەرنىڭ كۇۋانماسى، رىملىقلارنىڭ ئىكونىئۇمى، ئىنسانىيەت دۇنياسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن نەزەرىيەلىرى بىلەن پۈتكۈل دۇنيانىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ مەشھۇر مۇتەپەككۇرلىرىدىن ۋە مۇتەسەۋۋۇپلىرىدىن مەۋلانا جەلالەددىن رۇمى ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن تاللىغان، ئانادولۇنىڭ ئەڭ سىرلىق شەھەرلىرىدىن بىرى. بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا، ئۇدا 200 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئانادولۇ سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى بولغان، مىڭلارچە يىل بويىچە نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەتلەرگە ساھىبخانىلىق قىلغان بۇ تارىخىي شەھەرنى تارىخىي شىپابەخش تېرمال سۇ مەنبەلىرى ۋە ئارىشاڭلىرى بىلەن بىرلىكتە تونۇشتۇرىمىز.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
كونيانىڭ ئەڭ مۇھىم شىپالىق سۇ مەنبەلىرى شەھەرنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئىلگىن ناھىيەسىدە. كونيادىن 80 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئىلگىن ئارىشاڭلىرىنىڭ تارىخى، ئانادولۇ يېرىم ئارىلىدىكى كۆپلىگەن ئارىشاڭلارغا ئوخشاشلا ناھايىتى قەدىمكى دەۋرگىچە سوزۇلىدۇ. رىملىقلار دەۋرىدە «تىرىئاكۇم» دەپ ئاتىدىغان ناھىيە، شۇ دەۋرلەردىمۇ دۆلەتنىڭ مەشھۇر ئارىشاڭلىرىغا ساھىبخانىلىق قىلغان. شىپالىق ئىسسىق سۇ مەنبەلىرىنىڭ ئەتراپى مەرمەر تاشلار بىلەن بېزەلگەن، ئۈستىگە ياپقۇچلۇق مۇنچا ۋە ئارامگاھلار بار بولغان ھامماملار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئارىشاڭنىڭ يېقىن ئەتراپىدا ھازىرمۇ رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە ئىشلىتىلگەن ھاممامنىڭ قالدۇقلىرىنى كۆزگە چېلىقتۇرۇش مۇمكىن. رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئىنسانلارغا شىپا تارقىتىپ كېلىۋاتقان تېرمال سۇ مەنبەلىرى، ۋىزانتىيىلىكلەر دەۋرىدىمۇ ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان، ئۈزلۈكسىز ئارىشاڭ سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن.
ئىلگىن ئارىشاڭلىرى ئەڭ پارلاق دەۋرىنى ئەلۋەتتە ئانادولۇ سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە باشتىن كەچۈرگەن. يېقىنلا جايدىكى كونيا شەھىرىنىڭ ئۇدا 2 ئەسىر سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى بولۇشى، ئىلگىن ناھىيەسىنى ناھايىتى قىممەتلىك بىر سۇ مەركىزىگە ئايلاندۇرغان. ئادەتتىكى ئىنسانلاردىن باشقا يەنە دۆلەت ئەربابلىرىمۇ ھەتتا سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسىنىڭ سۇلتانلىرىمۇ پات - پات ئىلگىننى زىيارەت قىلاتتى. دۇنياغا داڭلىق تۈرك سەيياھ ئەۋلىيا چەلەبى، سەپەر ئەسلىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ساياھەتنامە» ناملىق ئەسىرىدە، سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسىنىڭ سۇلتانلىرىدىن 1 - ئالائەددىن كەيكۇباتنىڭ رېماتىزم كېسىلىگە شىپالىق ئىزدەپ، ئىلگىن ناھىيەسىگە بارغانلىقىنى، ئارىشاڭ سۇلىرىدا كېسىلىنىڭ ساقايغانلىقىنى، مەمنۇيىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن 1236 - يىلى بۇ يەرگە يېڭى مۇئەسسەسەلەرنى بەرپا قىلدۇرغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ئىلگىن ئارىشاڭىنىڭ يەنە بىر مەشھۇر مېھمىنى بولسا 13 - ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق تۈرك مۇتەپپەككۇر ۋە مۇتەسەۋۋۇپ مەۋلانا جەلالەددىن رۇمىدۇر. ھەر يىلى دېگۈدەك ياز پەسلىدە ئائىلىسى ۋە دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىلگىنغا بېرىپ، دەم ئالىدىغان ھەزرىتى مەۋلانانىڭ، بىر تەرەپتىن شىپالىق سۇلاردىن بەھرىمەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئارىشاڭ تۈپەيلى بۇ يەرگە كەلگەن تۈرلۈك ئىنسانلار بىلەن سۆھبەتلىشىدىغانلىقى، پىكىرلىرىنى ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقى بىلىنىدۇ. قانچىلىك دەرىجىدە توغرا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، ئەمما يەرلىك خەلقنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئاڭلىتىشلىرىغا كۆرە، ھەزرىتى مەۋلانا داڭلىق ئەسىرى «مەسنەۋى» نىڭ كۆپ قىسمىنى ئىلگىندا يېزىپ چىققان.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
ھەزرىتى مەۋلانانىڭ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى پادىشاھى 4 – مۇرات ۋە ئەۋلىيا چەلەبىدىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرككە قەدەر نۇرغۇنلىغان مەشھۇر شەخسلەرنى كۈتۈۋالغان ئارىشاڭ، شىپا مەركىزى بولۇشتىن سىرت يەنە، تارىخىي ئۆتمۈشى بىلەنمۇ دۇنياغا داڭلىق.
بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھەممىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋاتقان ئىلگىن ئارىشاڭى، ھاممام تېغى ئېتەكلىرىدە جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلىدىغان تىنما قاتلاملىرى بىلەن قاپلانغان بوستانلىققا جايلاشقان. شىپالىق سۇلىرى بولسا ھاممام تېغىنىڭ ئېتەكلىرىدىن چىقىدۇ. 42 گىرادۇس قىزىقلىقتا چىقىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ بەدەن تېمپېراتۇرىسى بىلەن ئوخشاش سەۋىيەدە. يەنى سوۋۇتۇش ۋە ئىسسىتىشقا ھاجەت قالماستىن ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ناھايىتى ئاز مىقداردا ناترىينى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى ۋە ئىچكىلى بولىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى، ئىلگىنىڭ شىپالىق سۇلىرىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. گۈڭگۈرتلۈك ۋە بىكاربوناتلىق سۇلار گۇرۇپپىسىدىن ئورۇن ئالغان ئىلگىننىڭ تېرمال سۇ مەنبەلىرى سۆڭەك، نېرۋا ۋە رېماتىزم قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ھەر يىلى كۆپلىگەن ساغلاملىق ساياھەتچىلىرى كىچىك ۋە شېرىن ناھىيەنى زىيارەت قىلىدۇ.
بىراق ئۆتمۈشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇرۇنقى ھەشەمەتلىكىدىن خېلىلا يىراقتەك قىلىدۇ. يېقىندىن بۇيان ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «ئەنئەنىۋى ئارىشاڭ مەدەنىيىتى ۋە ساغلاملىق فېستىۋالى» ئارقىلىق ئىلگىننىڭ شىپالىق سۇ مەنبەلىرىنى تېخىمۇ كۆپ تونۇشتۇرۇش، ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاشلا جەزبىدارلىق مەركەزگە ئايلاندۇرۇش نىشان قىلىنماقتا.
كونيا ۋىلايىتىدىكى ئارىشاڭلار ئارىسىدا ئەڭ چوڭى ۋە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى ئىلگىن ئارىشاڭى بولسىمۇ، ئەمما ۋىلايەت چېگرىلىرى ئىچىدە بۇنىڭدىن باشقا شىپالىق سۇ مەنبەلىرىمۇ بار. مەسىلەن، ئىسمىل ئارىشاڭلىرى، سەيدىشەھىر ئارىشاڭى، ئاشاغىچىگىل ئارىشاڭى، يەركۆپرۈ قاراسۇ ئارىشاڭى ۋە قۇشاقلى ئارىشاڭى قاتارلىقلار كونيانىڭ باشقا شىپالىق سۇ مەنبەلىرى ھېسابلىنىدۇ.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر