سالامەتلىك، ساياھەت ۋە تۈركىيە - 20

68814
سالامەتلىك، ساياھەت ۋە تۈركىيە - 20

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە توشىدىغان ئىلغار دوختۇرخانىلار، تەجرىبىلىك سەھىيە خادىملىرى، كۈتۈش مۇددىتىنىڭ قىسقا بولۇشى ۋە جەزبىدارلىق باھالىرى بىلەن تۈركىيە خەلقئارالىق بىمارلار ئەڭ كۆپ تاللايدىغان دۆلەتلەردىن بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سالامەتلىك ساياھەتچىلىرىنى تۈركىيەگە جەلپ قىلىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم ئامىل بولسا، ئانادولۇنىڭ شىپالىق سۇلىرىدۇر. گېئوتېرمال مەنبەلەر جەھەتتىن دۇنيادىكى ساناقلىق دۆلەتلەردىن بىرى بولغان تۈركىيەدە كۆپ ساندا تېرمال مەنبەلەر ۋە ئارىشاڭلار باردۇر. بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا مول گېئوتېرمال مەنبەلەرگە ئىگە ئافيونقاراھىسار ۋىلايىتىنى تونۇشتۇرىمىز.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
غەربى ئانادولۇغا جايلاشقان؛ قىسقىچە ئافيون دەپ ئاتىلىدىغان ئانيونقاراھىسار، تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم تېرمال مەركەزلىرىدىن بىرى. رايوندىكى تېرمال مەنبەلەر ناھايىتى قەدىمكى دەۋردىن تارتىپ ھازىرغىچە؛ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 12 - ۋە 7 - ئەسىرلەردە ھۆكۈم سۈرگەن فىرىگيا پادىشاھلىقى دەۋرىدىن تارتىپ ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. ئانادولۇدا رىم ئىمپېرىيەسى، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى، سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسى ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردىمۇ ئافيون ھەمىشە تېرمال مەنبەلىرى بىلەن ئالدىنقى پىلانغا چىققان بىر رايون بولۇپ كەلگەن. ئافيوندا نۇرغۇنلىغان شىپالىق سۇ مەنبەلىرى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرلىرى گازلىگۆل ئارىشاڭى بىلەن خۇدايى ئارىشاڭلىرىدۇر.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
گازلىگۆل ئارىشاڭى، ئافيون شەھەر مەركىزىدىن 21 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ھاممامكۆيگە جايلاشقان. بۇ يەردىكى 4 ھاممامدىن ئەڭ قەدىمكىسى بولغان «كونا ھاممام» رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىن بېرى ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.
گازلىگۆلدىكى ئارىشاڭ ناھايىتى بۇرۇنقى زاماندىكى فىرىگلەر دەۋرىگىچە سوزۇلىدۇ. گازلىگۆلنىڭ شىپالىق سۇلىرى توغرۇلۇق مەشھۇر بىر ئەپسانە بار بولۇپ، ئەپسانىگە كۆرە، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 8 - ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن فىرىگيا پادىشاھى مىداس، ھەممە نەرسىسى تولۇق بولۇشىغا قارىماي ھېچ پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن بىر پادىشاھ ئىكەن. پادىشاھ بۇنىڭدىن ئىنتايىن قايغۇرۇپ، كېچە - كۈندۈز تەڭرىدىن پەرزەنت ئاتا قىلىشىنى تىلەيدىكەن. ناھايەت دۇئاسى مەقبۇل بولۇپ، پادىشاھ مىداسىنىڭ ناھايىتى چىرايلىق بىر قىز پەرزەنتى بولۇپتۇ. ئىسمىنى سۇنا دەپ قويۇپتۇ. سۇنا، كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان يىللاردا قاتتىق ئاغرىپ قاپتۇ. قىزنىڭ بەدىنىنى دانىخورەك ۋە يارا قاپلاپ كېتىپتۇ. بۇنى ھېچقانداق بىر دوختۇر ساقايتالماپتۇ. ئاغرىققا ۋە نېمىشقىكىن ساقايمىغان يارىلىرىنىڭ دەرد ئەلەملىرىگە چىدىمىغان قىز سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. تاغ - داۋانلارنى ئېشىپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپتۇ. يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىق بىر كۈنى پادىشاھنىڭ چېگرىسى ئىچىدىكى ئافيونغا يېقىنلىشىپتۇ. ئىسسىقتىن تەرلەپ، قاتتىق چاڭقاپ كېتىپتۇ. ئەتراپتىن سۇ ئىزدەشكە باشلاپتۇ. نۆۋەتتە گازلىگۆل ئارىشاڭى جايلاشقان يېشىللىككە پۈركەنگەن يەردە سۇ كۆرۈپتۇ. ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقاپ كەتكەن قىز، ئەتراپىدىكى پاتقاققا پەرۋا قىلماستىن سۇغا قاراپ ئۆزىنى ئېتىپتۇ. ئېگىلىپ، سۇدىن قانغۇچە ئىچىپتۇ. بىردىنلا بەدىنىدىكى سۇ تەككەنلىكى يەر ساقىيىشقا باشلاپتۇ. بۇنىڭغا قاراپ قىز ئۆزىنى سۇغا ئېتىپتۇ. يۇيۇنغانسېرى ئاغرىقلىرى ئازىيىپ، پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى ھۇزۇرلۇق تۇيغۇسى قاپلاپ كېتىپتۇ. سۇدىن چىقىپ، سۇنايلىنىپ يېتىپ، قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. ئويغانغان چاغدا ئاقرىقلارنىڭ قالمىغانلىقىنى، دانىخورەكلىرىنىڭ بولسا قۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. سۇنا سۇنىڭ يېنىدا بىر ھەپتىدەك قېلىپ، ھەر كۈنى ھاممامغا چۈشۈپتۇ. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن دانىخورەكلىرى، يارىلىرى سەللىمازا ساقىيىپ كېتىپتۇ. سۇلارنىڭ سايىسىدا قايتىدىن بۇرۇنقى گۈزەل ھۆسنىگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرگەن قىز قاتتىق خۇشال بولغىنىچە سارايغا قايتىپتۇ. قىزىنىڭ سەللىمازا ساقىيىپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن پادىشاھ مىداس، بەخت دېڭىزىغا چۆمۈپ كېتىپتۇ: «دەرھال ئۇ جايغا بىر ھاممام بەرپا قىلىنغاي، ئۆتكەن كەچكەنلەرگە شىپا تارقاتقاي» دەپ پەرمان چۈشۈرۈپتۇ.
گازلىگۆل ئارىشاڭى، بۇنىڭدىن 2700 يىل ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ھازىرمۇ زىيارەتچىلەرگە شىپا تارقىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. 64 گىرادۇسلۇق قىزىقلىقتا چىقىدىغان ئارىشاڭلارنىڭ سۇلىرى ھەم ئىچىملىك ھەمدە ھاممام ئارقىلىق كېسەل داۋالاشتا ئىشلىتىلمەكتە. ئارىشاڭ، سۇلىرى رېماتىزم، نېرۋا ئاغرىش، ئاياللار ۋە بىرقاتار تېرە كېسەللىكلىرىگە تەۋسىيە قىلىنماقتا.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
ئافيوننىڭ كەم دېگەندە گازلىگۆلچىلىك مەشھۇر بولغان يەنە بىر ئارىشاڭى خۇدايى ئارىشاڭلىرىدۇر. ئافيوننىڭ ساندىقلى ناھىيەسىنىڭ 8 - كىلومېتىر جەنۇبىغا جايلاشقان خۇدايى ئارىشاڭلىرىمۇ خۇددى گازلىگۆلگە ئوخشاشلا 3000 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئىشلىتىلمەكتە. ئانادولۇدا ئافيون ۋە ئەتراپىدا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1200 - ۋە 700 - يىللىرى ھۆكۈم سۈرگەن فىرىگيا پادىشاھلىقى دەۋرىدىكى شىپالىق سۇلىرى تۈپەيلى بۇ رايون «شىپالىق فىرىگيا رايونى» دەپ ئاتالغان. تارىخىي مەنەلەردىمۇ خۇدايى ئارىشاڭلىرىنىڭ خىرىستىيان دىنى تۇنجى ئوتتۇرىغا چىققان مەزگىلدىمۇ مۇھىم شىپا مەركىزى بولغانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ. بۇ رايوننىڭ ئارخىئېپىسكوپى بولغان ئەزىز مىشېل بۇ يەردە كېسەللەرنى داۋالىغان، ئۇنىڭ كېسەللەرنى داۋالىشى «ئەزىز مىشېلنىڭ مۆجىزىلىرى» تەرىقىسىدە تارىخىي مەنبەلەردىن ئورۇن ئالغان.
خۇدايى ئارىشاڭلىرىنى باشقا ئارىشاڭلاردىن پەرقلەندۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم تەرىپى بولسا، داڭقى دۇنياغا پور كەتكەن لايغا چىلىنىش ھامماملىرىدۇر. ئارىشاڭلارنىڭ شىپالىق سۇلىرى، 500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى گېئولوگىيەلىك بىر يانتۇ ئېرىقچىنىڭ ھەر خىل جايلىرىدىن قاينايدۇ. لايغا چىلىنىشتا ئىشلىتىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ھازىرلانغان تۇپراق، 68 گىرادۇسلۇق ئارىشاڭ سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە 40 - 45 گىرادۇس قىزىقلىقتا بىر لاي ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ لاينىڭ ۋۇجۇدقا سۈركىلىشى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان لايغا چىلىنىش سان - ساناقسىز كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ. بۇ رايوندىن چىقىدىغان ئارىشاڭ سۈيى بىلەن لېيى ئارقىلىق ساقايتىلىدىغان كېسەللەرنىڭ بېشىدا بوغۇم ۋە ئومۇرتقا ياللۇغى كېسەللىكلىرى كېلىدۇ. رېماتىزم، نېرۋا ئاغرىش، ئۆت يوللىرى ۋە ئاياللار كېسەللىكلىرى، مېتابولىزم قالايمىقانلىشىش كېسىلىگىمۇ خۇدايى ئارىشاڭلىرىنىڭ شىپا بولىدىغانلىقى بىلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر