سالامەتلىك، ساياھەت ۋە تۈركىيە - 19

100911
سالامەتلىك، ساياھەت ۋە تۈركىيە - 19

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: دەنىزلى تۈركىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، تارىخىي ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان، نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەتلەرنى باغرىغا باسقان بىر شەھەر. ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى بۇ رايوندىكى ئولتۇراقلىشىش تارىخىنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4000 - يىللارغىچە تۇتىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. تۈركىيەدە دەنىزلى دېيىلگەن ھامان ئادەمنىڭ بىرىنچى بولۇپ كۆز ئالدىغا كېلىدىغىنى، ئۈچ مىنۇت بولسىمۇ ئارام ئالماستىن چىللايدىغان خوراز بولسىمۇ، بۇ تارىخىي شەھەر مىڭلارچە يىل مابەينىدە ئانادولۇنىڭ مۇھىم شىپا مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن. تېرمال مەنبەرلەرگە باي بولغان دەنىزلىدە قەدىمكى زامانلاردا مۇھىم تېببىي مەركەزلەر ۋە مېدىتسىنا مەكتەپلىرى قۇرۇلغان.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردىن بېرى ئىنسانلارغا شىپا تارقىتىپ كېلىۋاتقان دەنىزلىنىڭ تېرمال مەنبەلىرى، تارىخىي نامى بىلەن ئېيتقاندا، «لىيكوس» دەپ ئاتىلىدىغان، كۈنىمىزدە بولسا «چۈرۈكسۇ» دەپ بىلىنىدىغان ۋادىدىدۇر. تېرمال سۇلار، مۇھىم ئۈزۈلمە لىنىيەسىنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان. نۇرغۇنلىغان يەرلەردىكىگە ئوخشاشلا تېرمال سۇلارنىڭ شەكىللىنىشىدە، ئۈزۈلمە لىنىيەلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان يەر تەۋرەشلەر مۇھىم رول ئوينىغان. لىيكوس ۋادىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى، مۇنبەت تۇپراقلىرى، مۆتىدىل ھاۋاسى ۋە تېرمال مەنبەلىرى بىلەن تارىختىن بۇيان جەزبىدارلىق ئولتۇراق رايونىغا ئايلانغان، كۆپلىگەن تارىخىي شەھەرلەرگە ساھىبخانىلىق قىلغان.
دەنىزلىنىڭ ئەڭ مەشھۇر تېرمال سۈيى شەك - شۈبھىسىز ھالدا پامۇققەلئەدىن چىقىدىغان سۇلاردۇر. تۈركچە «پامۇك ‹پاختا›» ۋە «قەلئە» كەلىمىلىرىنىڭ بىرلىشىشىدىن تەركىب تاپقان پامۇققەلئە، ھەقىقەتەنمۇ پامۇك بىر قەلئەگە ئوخشايدۇ، دەنىزلى مەركىزىدىن 18 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى پامۇكقەلئە، قەدىمكى رىم شەھىرى ھىئېروپولىسنىڭ چېگرىلىرى ئىچىگە جايلاشقان. خارابىلىكلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان 2000 مىڭ يىللىق شەھەرنىڭ ئسمى يەنى ھىئېروپولىس «مۇقەددەس شەھەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ رايوننىڭ بۇنداق ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا بۇرۇنقى زامانلاردا بۇ يەردە ئىسسىق سۇ مەنبەلىرىنىڭ ئەتراپىدا بىنا قىلىنىشى ۋە كېسەل داۋالاش مەقسىتىدە سېلىنغان ئىبادەتخانىلارنىڭ بولۇشىدۇر. ئارىشاڭلىرى سايىسىدا رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە مۇھىم بىر تىببىي مەركەزگە ئايلانغان ھىئېروپولىسقا شىپا ئىزدەپ ئانادولۇنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىن بىمارلارنىڭ كەلگەنلىكى ۋە ئۆمۈرۋايەت بۇ يەردە ياشىغانلىقى بىلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا بىمارلار شىپا ئىزدەپ ئىبادەتخانىلارغا كېلەتتى ۋە ھاممام شەكىللىك سۇلاردىن پايدىلىناتتى. تېرمال سۇ مەنبەلىرى ئەتراپىدا دىنىي مۇراسىملار ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلەتتى. دىنى ئالىملار ۋە دوختۇرلار تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان داۋالاشتىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن پەقەت پۇقرالارلا ئەمەس، دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن بايلارمۇ ھىئېروپولىسقا كېلەتتى. ھىئېروپولىس شەھىرىنى ئايلانغان زىيارەتچىلەر كېسەل داۋالاش مەقسىتىدە بەرپا قىلىنغان قەدىمى قۇدۇق ۋە رىم ھامماملىرىنىڭ خارابىلىكلىرىنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ كۆرەلەيدۇ.

پامۇكقەلئەنىڭ شىپالىق سۇلىرى تۈزلۈكتە ئۆزلىكىدىن ھاسىل بولغان بىر كۆلچەكتىن تېشىپ چىقىدۇ. بۇ سۇ، 100 مېتىر ئېگىزلىكتىكى يانتۇلۇقتىن شارقىراتمىلار ھالىتىدە ئېقىپ، ۋادىغا تارقىلىدۇ. بۇ سۇلار پامۇكقەلئەگە نامى بېرىلگەن مىسلىسىز مەنزىرىلىك ھاك چېچەكلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. UNESCO نىڭ مەدەنىي مىراسلار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئالاھىدە قوغدىلىۋاتقان پامۇكقەلئە، شىپالىق تېرمال سۇلىرى بىلەن ئوخشىمىغان شەكىلدە داۋالىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. ھىئېروپولىس قەدىمى شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى، پامۇكقەلئەنىڭ تېرمال سۇلىرىدا ئۈزۈش، زىيارەتچىلەرنى خۇددى ئۆتمۈشكە سەپەر قىلغاندەكلا ھېس - تۇيغۇلارغا چۆمدۈرۈپ، بەخت دېڭىزىدا ئۈزدۈرىدۇ.
تەبىئىي ھالەتتە 32.5 گىرادۇسلۇق ئىسسىقلىقتا چىقىدىغان سۇ بىلەن پامۇكقەلئەنىڭ تېرمال سۇلىرى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىغا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان ئارىشاڭ سۈيى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ئارىشاڭ سۈيى، ھۇزۇر بېغىشلاش ۋە ئارام ئالدۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇشتىن سىرت يەنە، يۈكسەك كالتىسىي نىسبىتى بىلەن، سۇنۇق ۋە دەز قاتارلىق سۆڭەك كېسەللىكلىرىنى تېز ساقايتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. مۇتەخەسسىسلەرگە كۆرە، پامۇكقەلئەنىڭ شىپالىق سۇلىرىدا ھاممامغا چۈشۈش، يۈرەك، ئارتېرىيە قېتىش، قان بېسىمى، رېماتىزم، جاھىل قىزىتما، پالەچ، تېرە، نېرۋا سىستېمىسى ۋە تومۇر قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىلمان پېتى ئىچىپ بەرگەندە، ئاشقازان سىپازمى، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، بۆرەك ۋە قۇم تاشلىرى كېسەللىكلىرىگىمۇ مەنپەئەت قىلىدىكەن.

دەنىزلىنىڭ پامۇكقەلئەگە ئوخشاش يەنە بىر مەشھۇر ئارىشاڭى بولسا قاراھايىت يېزىسىغا جايلاشقان. پامۇكقەلئە تېرمال ئارىشاڭلىرىنىڭ بىر تارمىقى ھېسابلىنىدىغان بۇ ئارىشاڭ، پامۇكقەلئەنىڭ 5 كىلومېتىر شەرقىگە جايلاشقان. پامۇكقەلئەنىڭ ئاپئاق ھاك چېچەكلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە، بۇ ئارىشاڭنىڭ ئەتراپىدا قىزىل، يېشىل ۋە ئاق رەڭلىك ھاك چېچەكلىرى شەكىللەنگەن. خەلق ئارىسىدا «قىزىل سۇ» دەپ ئاتالغان قاراھايىت ئارىشاڭ سۇلىرىنىڭ يۈرەك، ئارتېرىيە قېتىش، قان بېسىمى، رېماتىزم، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە، قوتۇر، قىچىشقاق، سەپكۈن، قىچىشىش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ. قاراھايىت ئارىشاڭلىرىدا نورمال ھاممامدىن سىرت يەنە، لايغا چىلىنىش ئۇسۇلىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا.
ئارىشاڭ سۇلىرىنىڭ رايوندىن چىققان تۇپراق بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى بىلەن ياسىلىدىغان لاينى پۈتكۈل ۋۇجۇدقا سۈرۈپ داۋالاش ئارقىلىق تېرىنىڭ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ. لايغا چىلىنىش، بوغۇم ئاغرىقلىرىنى ئازايتىپلا قالماستىن يەنە، رېماتىزم، ياغ ۋە دەز كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: دەنىزلى تۈركىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، تارىخىي ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان، نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەتلەرنى باغرىغا باسقان بىر شەھەر. ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى بۇ رايوندىكى ئولتۇراقلىشىش تارىخىنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4000 - يىللارغىچە تۇتىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. تۈركىيەدە دەنىزلى دېيىلگەن ھامان ئادەمنىڭ بىرىنچى بولۇپ كۆز ئالدىغا كېلىدىغىنى، ئۈچ مىنۇت بولسىمۇ ئارام ئالماستىن چىللايدىغان خوراز بولسىمۇ، بۇ تارىخىي شەھەر مىڭلارچە يىل مابەينىدە ئانادولۇنىڭ مۇھىم شىپا مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن. تېرمال مەنبەرلەرگە باي بولغان دەنىزلىدە قەدىمكى زامانلاردا مۇھىم تېببىي مەركەزلەر ۋە مېدىتسىنا مەكتەپلىرى قۇرۇلغان.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردىن بېرى ئىنسانلارغا شىپا تارقىتىپ كېلىۋاتقان دەنىزلىنىڭ تېرمال مەنبەلىرى، تارىخىي نامى بىلەن ئېيتقاندا، «لىيكوس» دەپ ئاتىلىدىغان، كۈنىمىزدە بولسا «چۈرۈكسۇ» دەپ بىلىنىدىغان ۋادىدىدۇر. تېرمال سۇلار، مۇھىم ئۈزۈلمە لىنىيەسىنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان. نۇرغۇنلىغان يەرلەردىكىگە ئوخشاشلا تېرمال سۇلارنىڭ شەكىللىنىشىدە، ئۈزۈلمە لىنىيەلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان يەر تەۋرەشلەر مۇھىم رول ئوينىغان. لىيكوس ۋادىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى، مۇنبەت تۇپراقلىرى، مۆتىدىل ھاۋاسى ۋە تېرمال مەنبەلىرى بىلەن تارىختىن بۇيان جەزبىدارلىق ئولتۇراق رايونىغا ئايلانغان، كۆپلىگەن تارىخىي شەھەرلەرگە ساھىبخانىلىق قىلغان.
دەنىزلىنىڭ ئەڭ مەشھۇر تېرمال سۈيى شەك - شۈبھىسىز ھالدا پامۇققەلئەدىن چىقىدىغان سۇلاردۇر. تۈركچە «پامۇك ‹پاختا›» ۋە «قەلئە» كەلىمىلىرىنىڭ بىرلىشىشىدىن تەركىب تاپقان پامۇققەلئە، ھەقىقەتەنمۇ پامۇك بىر قەلئەگە ئوخشايدۇ، دەنىزلى مەركىزىدىن 18 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى پامۇكقەلئە، قەدىمكى رىم شەھىرى ھىئېروپولىسنىڭ چېگرىلىرى ئىچىگە جايلاشقان. خارابىلىكلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان 2000 مىڭ يىللىق شەھەرنىڭ ئسمى يەنى ھىئېروپولىس «مۇقەددەس شەھەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ رايوننىڭ بۇنداق ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا بۇرۇنقى زامانلاردا بۇ يەردە ئىسسىق سۇ مەنبەلىرىنىڭ ئەتراپىدا بىنا قىلىنىشى ۋە كېسەل داۋالاش مەقسىتىدە سېلىنغان ئىبادەتخانىلارنىڭ بولۇشىدۇر. ئارىشاڭلىرى سايىسىدا رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە مۇھىم بىر تىببىي مەركەزگە ئايلانغان ھىئېروپولىسقا شىپا ئىزدەپ ئانادولۇنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىن بىمارلارنىڭ كەلگەنلىكى ۋە ئۆمۈرۋايەت بۇ يەردە ياشىغانلىقى بىلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا بىمارلار شىپا ئىزدەپ ئىبادەتخانىلارغا كېلەتتى ۋە ھاممام شەكىللىك سۇلاردىن پايدىلىناتتى. تېرمال سۇ مەنبەلىرى ئەتراپىدا دىنىي مۇراسىملار ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلەتتى. دىنى ئالىملار ۋە دوختۇرلار تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان داۋالاشتىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن پەقەت پۇقرالارلا ئەمەس، دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن بايلارمۇ ھىئېروپولىسقا كېلەتتى. ھىئېروپولىس شەھىرىنى ئايلانغان زىيارەتچىلەر كېسەل داۋالاش مەقسىتىدە بەرپا قىلىنغان قەدىمى قۇدۇق ۋە رىم ھامماملىرىنىڭ خارابىلىكلىرىنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ كۆرەلەيدۇ.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
پامۇكقەلئەنىڭ شىپالىق سۇلىرى تۈزلۈكتە ئۆزلىكىدىن ھاسىل بولغان بىر كۆلچەكتىن تېشىپ چىقىدۇ. بۇ سۇ، 100 مېتىر ئېگىزلىكتىكى يانتۇلۇقتىن شارقىراتمىلار ھالىتىدە ئېقىپ، ۋادىغا تارقىلىدۇ. بۇ سۇلار پامۇكقەلئەگە نامى بېرىلگەن مىسلىسىز مەنزىرىلىك ھاك چېچەكلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. UNESCO نىڭ مەدەنىي مىراسلار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئالاھىدە قوغدىلىۋاتقان پامۇكقەلئە، شىپالىق تېرمال سۇلىرى بىلەن ئوخشىمىغان شەكىلدە داۋالىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. ھىئېروپولىس قەدىمى شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى، پامۇكقەلئەنىڭ تېرمال سۇلىرىدا ئۈزۈش، زىيارەتچىلەرنى خۇددى ئۆتمۈشكە سەپەر قىلغاندەكلا ھېس - تۇيغۇلارغا چۆمدۈرۈپ، بەخت دېڭىزىدا ئۈزدۈرىدۇ.
تەبىئىي ھالەتتە 32.5 گىرادۇسلۇق ئىسسىقلىقتا چىقىدىغان سۇ بىلەن پامۇكقەلئەنىڭ تېرمال سۇلىرى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىغا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان ئارىشاڭ سۈيى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ئارىشاڭ سۈيى، ھۇزۇر بېغىشلاش ۋە ئارام ئالدۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇشتىن سىرت يەنە، يۈكسەك كالتىسىي نىسبىتى بىلەن، سۇنۇق ۋە دەز قاتارلىق سۆڭەك كېسەللىكلىرىنى تېز ساقايتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. مۇتەخەسسىسلەرگە كۆرە، پامۇكقەلئەنىڭ شىپالىق سۇلىرىدا ھاممامغا چۈشۈش، يۈرەك، ئارتېرىيە قېتىش، قان بېسىمى، رېماتىزم، جاھىل قىزىتما، پالەچ، تېرە، نېرۋا سىستېمىسى ۋە تومۇر قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىلمان پېتى ئىچىپ بەرگەندە، ئاشقازان سىپازمى، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، بۆرەك ۋە قۇم تاشلىرى كېسەللىكلىرىگىمۇ مەنپەئەت قىلىدىكەن.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
دەنىزلىنىڭ پامۇكقەلئەگە ئوخشاش يەنە بىر مەشھۇر ئارىشاڭى بولسا قاراھايىت يېزىسىغا جايلاشقان. پامۇكقەلئە تېرمال ئارىشاڭلىرىنىڭ بىر تارمىقى ھېسابلىنىدىغان بۇ ئارىشاڭ، پامۇكقەلئەنىڭ 5 كىلومېتىر شەرقىگە جايلاشقان. پامۇكقەلئەنىڭ ئاپئاق ھاك چېچەكلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە، بۇ ئارىشاڭنىڭ ئەتراپىدا قىزىل، يېشىل ۋە ئاق رەڭلىك ھاك چېچەكلىرى شەكىللەنگەن. خەلق ئارىسىدا «قىزىل سۇ» دەپ ئاتالغان قاراھايىت ئارىشاڭ سۇلىرىنىڭ يۈرەك، ئارتېرىيە قېتىش، قان بېسىمى، رېماتىزم، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە، قوتۇر، قىچىشقاق، سەپكۈن، قىچىشىش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ. قاراھايىت ئارىشاڭلىرىدا نورمال ھاممامدىن سىرت يەنە، لايغا چىلىنىش ئۇسۇلىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا.
ئارىشاڭ سۇلىرىنىڭ رايوندىن چىققان تۇپراق بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى بىلەن ياسىلىدىغان لاينى پۈتكۈل ۋۇجۇدقا سۈرۈپ داۋالاش ئارقىلىق تېرىنىڭ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ. لايغا چىلىنىش، بوغۇم ئاغرىقلىرىنى ئازايتىپلا قالماستىن يەنە، رېماتىزم، ياغ ۋە دەز كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر