سارايېۋودا ئەنئەنىۋى تۈرك سەنئەتلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ پايتەختى سارايېۋودا مېمار سىنان گۈزەل-سەنئەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئەھمەت ساجىت ئاچىقگۆزئوغلۇ ۋە ئۇنىڭ ئەترىتىنىڭ ئەسەرلىرىدىن تەركىب تاپقان «ئەنئەنىۋى تۈرك سەنئەتلىرى كۆرگەزمىسى» ئېچىلدى.

2052067
سارايېۋودا ئەنئەنىۋى تۈرك سەنئەتلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ سارايېۋو ئەلچىخانىسى، يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى ۋە بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ئىسلام بىرلەشمىسىمۇ سارايېۋودىكى غازى ھۈسرەۋبەگ مەدرىسەسىدە ئېچىلغان كۆرگەزمىنى قوللىدى.

تۈركىيەنىڭ سارايېۋو باش ئەلچىسى سادىق بابۇر گىرىگىن، سارايېۋو يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى مەھمەت ئاكىف يامان، شۇنداقلا ھەرقايسى تۈرك ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە نۇرغۇن مېھمانلارمۇ تەقلىپ بىلەن  كۆرگەزمىنىڭ  ئېچىلىش پىروگراممىسىغا قاتناشتى.

ئىگىلىنىشىچە، «ئەنئەنىۋى تۈرك سەنئەتلىرى كۆرگەزمىسى» دە، ھۆسنخەت، ئەبرۇ، كىچىكلىتىلگەن رەسىم، كاھىش سەنئىتى قاتارلىق 33 پارچە ئەسەر كۆرگەزمىگە قويۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر