ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ كۈنلۈك «تۈرك فېستىۋالى» نەتىجىلىك ئاخىرىلاشتى
ئامېرىكانىڭ ئىللىنوئىس ئىشتاتىغا قاراشلىق چىكاگو شەھىرىدە ئۈچ كۈن داۋاملاشقان «تۈرك فېستىۋالى» غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.
![ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ كۈنلۈك «تۈرك فېستىۋالى» نەتىجىلىك ئاخىرىلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/e6ce/225c/cd3c/66542b597e2fd.jpg?time=1722044368)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: روسېمونت رايونىدىكى دونالد ئې ستېفېنس كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالدا، تۈرك كۈلتۈرىنى زىيارەتچىلەرگە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.
تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇسسۇل نومۇرلىرى ۋە داڭلىق جاز سەنئەتچىسى كامىلا فۇرقاننىڭ نومۇرلىرى زىيارەتچىلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «تۈركىيە ئەسرى» كۆرگەزمىسىدە، تۈركىيەنىڭ تارىخى ۋە تەبىئىي گۈزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان 40 پارچە فوتو - سۈرەت كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، زىيارەتچىلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![موسكۋا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/28ca/b4be/f092/66a0ddd1f1b38.jpeg?time=1722044369)
موسكۋا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ
سەيشەنبە كۈنى (23-ئىيۇل) 6-قېتىملىق رۇسىيە-خىتاي ئېنېرگىيە سودا-سانائەتچىلەر يىغىنى ئېچىلدى.