ت ر ت ۋورلدنىڭ زىئونىستلار ھەققىدىكى فىلىمى خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ت ر ت ۋورلد (TRT World) قانىلى سۈرەتكە ئالغان زىئونىستلار ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم، دۇنيادىكى داڭلىق مۇكاپاتلاردىن بىرى «كۈمۈش تېلى (Telly ) مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.

2143490
ت ر ت ۋورلدنىڭ زىئونىستلار ھەققىدىكى فىلىمى خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ت ر ت ۋورلد قانىلى سۈرەتكە ئالغان «زىئونىستلار ھەرىكىتى ئىسرائىلىيە سىرتىدا يەھۇدىي دۆلىتى قۇرماقچى بولغاندا نېمە ئىش بولدى؟» ناملىق ئۈچ قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم، ئاخبارات دۇنياسىدىكى داڭلىق مۇكاپاتلاردىن بىرى «كۈمۈش تېلى مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.

ت ر ت ۋورلد قانىلى ئىشلىگەن زىئونىزمنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخى تەسۋىرلەنگەن قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم، 1979-يىلدىن بۇيان دۇنيادا مەزمۇنى ئەڭ ياخشى بولغان فىلىملەرگە مۇكاپات بېرىشنى مەقسەت قىلغان تېلى مۇكاپاتىنىڭ «خەۋەر ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر- ۋىدېئو» كاتېگورىيەسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئۈچقىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بىرىنچى قىسمى، ياۋروپادا تەشكىللەنگەن زىئونىست ھەرىكىتىنىڭ، پەلەستىننى ئىشغال قىلىپ، ئولتۇراقلىشىشتىن ئىلگىرى شەرقىي ئافرىقادا بىر يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇش مەقستىنى كۈن يورۇقىغا چىقىرىدۇ.  بۇنىڭدا «ئۇگاندا پىلانى» دەپ نام بېرىلگەن ھەرىكەت بىلەن كېنىيەدە «يەھۇدىي دۆلىتى» قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان زىئونىستلارنىڭ ھەرىكىتى بايان قىلىنىدۇ.

ئىككىنچى قىسىمدا، ياۋروپادا تەشكىللەنگەن زىئونىستلارنىڭ ئارگېنتىنادا دۆلەت قۇرۇش مەقسىتى بايان قىلىنىدۇ.

ئۈچىنچى قىسمىدا بولسا، ئەينى چاغدىكى زىئونىست ۋەكىللىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىچىدە بولۇشنى تەلەپ قىلغان «ئارارات يەھۇدىي دۆلىتى» قۇرۇش پىلانى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىدۇ.

مەركىزىي ئامېرىكاغا جايلاشقان ۋە دۇنيادا تونۇلغان تېلى مۇكاپاتلىرى، بۇ يىل 13 مىڭدىن ئارتۇق ئىلتىماس تاپشۇرۇۋالدى. ت ر ت ۋورلد قانىلى 2023-يىلىمۇ «خەۋەر ۋە ئۇچۇر»، «ھۆججەتلىك فىلىم» كاتېگورىيەلىرىدە تۆت ئايرىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر