ئىستانبۇلدىكى توپكاپى سارىيىنى كېچىدىمۇ زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ

ئىستانبۇلدىكى توپكاپى سارىيى 1924-يىلى مۇزېي سۈپىتىدە مۇلازىمەت قىلىشنى باشلىغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم كەچتە زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى.

2157464
ئىستانبۇلدىكى توپكاپى سارىيىنى كېچىدىمۇ زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ
topkapi sarayi gece ziyareti.jpg
topkapi sarayi gece ziyareti1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتلىك سارايلار باشقارمىسىغا قاراشلىق توپكاپى سارىيى ئىدارىسى باشلىقى ئىلخان كوجامان ئاخباراتچىلارغا بەرگەن باياناتىدا، توپكاپى سارىيىنىڭ ياز پەسلىدە شەنبە كەچلىرى كېچىدىمۇ زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلخان كوجامان: «زىيارەتچىلىرىمىزنى ئوچۇق ۋە يېپىق رايونلارنى زىيارەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان بىر لايىھە تەييارلىدۇق. توپكاپى سارىيى تارىخىدا تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق بىر لايىھە يولغا قويۇلماقتا» دېدى.

ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىگە 400 يىلدىن ئارتۇق ساھىبخانلىق قىلغان بۇ ساراينى ھەر شەنبە كۈنى كەچ سائەت 21:00 دىن 23:00 گىچە زىيارەت قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىلخان كوجامان، ئىككى سائەتكىچە ساراينىڭ بارلىق بۆلەكلىرىنىڭ ئوچۇق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ساراينى كېچىلىك زىيارەت قىلىش گۇرۇپپىلار بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىرىنچى گۇرۇپپا كېچە سائەت 21:00 دە، ئىككىنچى گۇرۇپپا كېچە سائەت 22:00 دە قوبۇل قىلىنىدۇ. گۇرۇپپىلارنىڭ 300 كىشىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر