ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ «ئەزەربەيجاننىڭ سىرلىرى» ناملىق كىتابى نەشردىن چىقتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى تۈركىيە-ئەزەربەيجان قېرىنداشلىقى ۋە ئەزەربەيجان مەدەنىيىتى بايان قىلىنغان «ئەزەربەيجاننىڭ سىرلىرى» ناملىق كىتابنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2161011
ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ «ئەزەربەيجاننىڭ سىرلىرى» ناملىق كىتابى نەشردىن چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ «(تۈركىيە) جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى  ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىمىز <بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت> دېگەن شوئار ئاستىدا تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن بولغان قېرىنداشلىقى ۋە ئەزەربەيجاننىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتقان مەدەنىيىتى تەسۋىرلەنگەن <ئەزەربەيجاننىڭ سىرلىرى> ناملىق كىتابنى نەشر قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر