نىگېرىيەلىك ياش سۈنئىي چاچ ياساشتا جىنېس دۇنيا رېكورتىغا كىردى

نىگېرىيەلىك سۈنئىي چاچ ئۇستىسى ئۆزى ياسىغان «ئەڭ كەڭ سۈنئىي چاچ» جىنېس دۇنيا رېكورتىغا كىردى.

2142722
نىگېرىيەلىك ياش سۈنئىي چاچ ياساشتا جىنېس دۇنيا رېكورتىغا كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىنېس   دۇنيا رېكورتى(GWR)  ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، نىگېرىيەنىڭ لاگوس شەھىرىدە ياشايدىغان 31 ياشلىق خېلېن ۋىليامس (Helen Williams) كەڭلىكى 3.65 مېتىر كېلىدىغان سۈنئىي چاچ ياساپ، «ئەڭ كەڭ سۈنئىي چاچ ياساش» رېكورتىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ۋىليامسنىڭ سۈنئىي چاچنى ياساش ئۈچۈن 800 دىن ئارتۇق ئۆرۈمە چاچ ئىشلەتكەنلىكى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن 2719 دوللار خىراجەت قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

بىلدۈرۈلىشىچە، ۋىليامس بۇ سۈنئىي چاچنى ياساشنى فېۋرالدا باشلىغان ۋە بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا پۈتكۈزگەن. ئۇ سۈنئىي چاچ ساھەسىدە سەككىز يىلدىن بۇيان خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۈچىنچى قېتىم جىنېس دۇنيا رېكورتى كىتابىغا كىرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر