ئىچكى موڭغۇلدا 8 مىڭ يىللىق يېزا بايقالدى

كۆلىمى 30 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان، تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە يەرگە ئۆيۈپ ياسالغان 13 ئۆيدىن باشقا يەنە 1300 پارچىدىن كۆپرەك تاش دەۋرىگە ئائىت يادىكارلىقلار تېپىلدى.

873154
ئىچكى موڭغۇلدا 8 مىڭ يىللىق يېزا بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايغا قاراشلىق ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا 8 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە يېزا بايقالدى.

ئىچكى موڭغۇلنىڭ خۇئادى ناھىيەسىگە قاراشلىق سىمائوغۇ رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخىئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، كۆلىمى 30 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە يەرگە ئويۇپ ياسالغان 13 ئۆي ئۇتتۇرىغا چىقىرىلدى.

ئارخىئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۆيلەردىن باشقا يەنە، كۆپىنچسىى تاش پالتا ۋە كۈرەكلەردىن تەشكىل تاپقان 1300 پارچىدىن كۆپ يادىكارلىق بۇيۇملىرىمۇ تېپىلدى.

يادىكارلىقلارنىڭ يېقىنقى زامان تاش دەۋرى ۋە تاش قورال دەۋرىگە ئائىت ئىكەنلىكى ھەمدە شۇ دەۋردە بارلىققا كەلگەنلىكى تەخمىن قىلىنغان يۇمىن مەدەنىيەتىگە تەۋە يادىكارلىقلارغىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئارخىئولوگىيەلىك قېىزىپ تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ باشلىقى خۇ شىئاۋنوڭ مەزكۇر تاش دەۋرلىرىدە ئىنسانلارنىڭ تاشتىن ۋە ھايۋان سۆڭەكلىرىدىن ياسالغان بۇيۇملارنى ئىشلىتىپ توپلاش ۋە ئوۋچىلىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر