ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ شىمالىدا ئىنتېرنېتنى قەستەن ئۈزۈلۈپ تاشلىدى
پەلەستىن تېلېگراف شىركىتىنىڭ پالتېل گورۇھى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدىكى غەززە رايونىنىڭ شىمالىدا ئىنتېرنېتنىڭ قەستەن ئۈزۈلۈپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
![ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ شىمالىدا ئىنتېرنېتنى قەستەن ئۈزۈلۈپ تاشلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/9246/6f46/48f3/6652df7390aaa.jpg?time=1718613085)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پالتېل گورۇھىنىڭ يازما باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ئىنتېرنېت ئالاقە تورىغا ئېغىر زىيان سېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ھۇجۇم سەۋەبىدىن غەززە شەھىرى ۋە شىمالىي رايونلاردا مۇقىم ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى، ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەترەتلەرنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيە 2023-يىلى 7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرىۋاتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىدا ئۇل ئەسلىھەلەرنىمۇ نىشان قىلغانلىقى سەۋەبىدىن غەززەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئىنتېرنېت ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن رايوندا سۇ، يېمەكلىك، دورا، توك ۋە يېقىلغۇ تەمىناتى ئۈزۈلۈپ قىلىش بىلەن تەڭ يانفون، مۇقىم تېلېفون ۋە تور ئالاقىسىمۇ ئۈزۈلۈپ قالماقتا.