مارگارىتا روبلېس: «ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىكلەرگە قارىتا ھەقىقىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلدى»

ئىسپانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارگارىتا روبلېس ئىسرائىلىيەنى غەززەدە پەلەستىنلىكلەرگە قارىتا «ھەقىقىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلدى» دەپ ئەيىبلىدى.

2144260
مارگارىتا روبلېس: «ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىكلەرگە قارىتا ھەقىقىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارگارىتا روبلېس ئىسپانىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى <RTVE> غا بەرگەن باياناتىدا: «غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ھەقىقىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئىسپانىيەدىكى كىچىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت سۇمار ئىتتىپاقىنىڭ مىنىستىرلىرى ئىسرائىلىيەنى داۋاملىق «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىم  ئىتتىپاقنىڭ ئاساسلىق شېرىكى بولغان سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى <PSOE> نىڭ مىنىستىرى روبلېسمۇ تۇنجى قېتىم ئىسرائىلىيەنى«ئىرقىي قىرغىنچىلىق»  بىلەن ئەيىبلىدى.

روبلېس باياناتىدا يەنە، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 28 - مايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مىنىستىرلار يىغىنىدا، «2014 - يىلى پارلامېنتتا ماقۇللانغان پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىش قارارى» غا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش تىنچلىق ئۈچۈن بىر ۋەدىدۇر. ئىككى دۆلەتنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا بېرىلگەن ۋەدىدۇر. بۇ ئىسرائىلىيە دۆلىتىگە قارشى ئەمەس. قانداقتۇر بىز ھۆرمەتلەيدىغان كىشىلەر ھېسابلىنىدىغان ئىسرائىلىيەلىكلەرگە قارشى ئەمەس. بۇ غەززەدىكى زوراۋانلىقنى تۈگىتىشنىڭ كاپالىتى ۋە تىنچلىقنىڭ كاپالىتىدۇر» دېدى.

روبلېس يەنە: «ھەممىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتەك ئورتاق نىشانىمىز بار، مەسىلىنىڭ تېخىمۇ دىپلوماتىك، تېخىمۇ سىياسىي دائىرىسى كەڭدۇر.  ئەمما ھەممىمىز تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئىچىدىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر