ئىسرائىلىيە خەلقئارا ئەدلىيە سوتىنىڭ قارارىغا پىسەنت قىلماي ۋەھشىيانە ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇرماقتا

خەلقئارا ئەدلىيە سوتىنىڭ رافاھ شەھىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇمنى دەرھال توختىتىش قارارىغا پىسەنت قىلمايۋاتقان ئىسرائىلىيە قىسىملىرى كېچىچە غەززە رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئۇرۇش ئايروپىلانى، زەمبىرەك ۋە تانكا بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

2144267
ئىسرائىلىيە خەلقئارا ئەدلىيە سوتىنىڭ قارارىغا پىسەنت قىلماي ۋەھشىيانە ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى <WAFA> نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇم نەتىجىسىدە كىچىك بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ، نۇرغۇن ساندا پەلەستىن پۇقراسى قازا قىلغان ۋە يارىلانغان.

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ رافاھ شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى ھىربەت ئادس رايونىدا بىر ئۆينى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە كىچىك بالىلار ۋە ئاياللارنى قوشقاندا 6 پەلەستىن پۇقراسى قازا قىلدى.

رافاھتىكى يەفنا پاناھلانغۇچىلار لاگېرى، كىشتا مەھەللىسى ۋە ھالال پازىرى قاتارلىق جايلار بىلەن غەززەدىكى نۇسەيرات ۋە بەرىج پاناھلانغۇچىلار لاگېرىمۇ ئىسرائىلىيە توپچى قىسمى ۋە تانكىلىرىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەگە قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 15 مىڭ 239 كىچىك بالا ۋە 10 مىڭ 93 ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي 35 مىڭ 903 پەلەستىن پۇقراسى ئۆلتۈرۈلۈپ، 80 مىڭ 420  پۇقرا يارىدار قىلىندى.

بىنا خارابىلىكى ئاستىدا ھازىرمۇ مىڭلىغان كىشىنىڭ جەسەتلىرى بارلىقى، خەلق پاناھلىنىۋاتقان دوختۇرخانا، مائارىپ ئورگانلىرى بىنالىرى ۋە ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىمۇ ۋەھشىيانە ھۇجۇم نىشانى قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر