دانىيال ئەلەيھىسسالام (1)

ئىسرائىل ئوغۇللىرى پەيغەمبەرسىز قېلىپ كۆپ نالە – زار قىلىشتى.

871467
دانىيال ئەلەيھىسسالام (1)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئېرىق – ئۆستەڭلەر قۇرۇپ سۇسىز قالدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىنسانلار ئاخىر مەسلىھەتلىشىپ قۇدۇق قېزىپ، سۇ چىقاردى، دەرەخ تىكىپ، زىرائەتلەرنى تېرىدى. ئىنسانلار سۇنى قەيەرگە باشلىسا شۇ يەرگە باراتتى. زىرائەتلەرنى ئورىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلگەن چاغدا، بىر شامال كېلىپلا داننى ساماندىن ئايرىپ، ھەر بىر كىشىنىڭ نېسىۋىسىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قوياتتى. ئۇلار ئەنە شۇنداق جاپا – مۇشەققەت تارتمايلا دېھقانچىلىق قىلاتتى.

شۇ يوسۇندا 700 يىل ئۆتتى، ھېچبىر كىشى ئۆلمەي، پەرزەنتلەر كۆپەيگەچكە، شەھەر ئادەملەر بىلەن تولۇپ تاشتى. ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىبادىتى ئەتىگىنى ئىككى رەكئەت، كېچىسى ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش ئىدى.

مال – مۈلۈكلىرى ۋە ئالتۇن – كۈمۈشلىرى ئېشى- تېشىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، قۇدۇقنىڭ ئالدىغا يوغان ياغاچلارنى مەھكەم باغلاپ، ئۇنىڭغا ئالتۇن – كۈمۈش بىلەن پەلەمپەي چىقىرىپ، يامان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى. جۈملىدىن ھاراق ئىچىشكە ئادەتلەندى، لەنىتىي شەيتان ئۇلارغا ساقىيلىق قىلدى.

بىر كۈنى شەيتان ئۇلاردىن:

- سىلەر كىمگە سەجدە قىلىسىلەر؟ - دەپ سورىغانىدى، ئۇلار:

- رەببىمىز ئاللاھ تائالاغا سەجدە قىلىمىز، - دەپ جاۋاب بېرىشتى. شەيتان ئۇلاردىن:

- سىلەر ئاللاھنى كۆردۈڭلارمۇ؟ - دەپ سورىغانىدى، ئۇلار:

- ياق، كۆرمىدۇق، - دەپ جاۋاب بېرىشتى. بۇنى پۇرسەت بىلگەن شەيتان ئۇلارغا:

- مەن سىلەرگە رەببىڭلارنىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ - دېگەنىدى، ھەممەيلەن خۇشال بولۇپ كەتتى. بۇنى كۆرگەن شەيتان ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

- ئۇنداقتا، ھەممىڭلار ئەتە چىرايلىق كىيىملىرىڭلارنى كىيىپ، ئېسىل ئاتلارغا مىنىپ، ئۈستۈبېشىڭلارغا خۇشبوي نەرسىلەرنى سېپىپ سەھراغا چىقىڭلار!

ئىسرائىل ئوغۇللىرى ئىچىدە ئۇلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلغۇدەك دانالار، ئاقىللار ۋە ئالىملار قالمىغانىدى. لەنىتى شەيتان ئالتۇندىن بىر ئوغۇل ياساپ، ئۇنى زىننەتلەپ، ئالتۇن تەختكە چىقاردى، نۇرغۇن بۇتلارنى ياساپ، ئۇنىڭ يېنىغا قويغاندىن كېيىن ۋارقىرىغىلى تۇردى:

- ئى خالايىق، مانا بۇ سىلەرنىڭ رەببىڭلار، كېلىپ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار!

توغرا يولدىن ئادىشىپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان بۇ نادان ئىنسانلار شەيتاننىڭ دېگەنلىرىنىڭ راست – يالغانلىقىنى پەرق ئېتەلمىگەچكە تەخت ئۈستىدىكى ئالتۇن ئوغۇلغا سەجدە قىلىشتى. لەنىتى شەيتاننىڭ بالىلىرى ئاتىسىنىڭ دېگىنى بويىچە ئالتۇن تەختنى كۆتۈرۈپ كۆككە ئۆرلىدى.

لەنىتى شەيتان ئەمدى مەقسىتىمگە يېتەلەيدىغان بولدۇم، دەپ ئويلاپ مۇنداق دېدى:

- ئى خالايىق، ھەممىڭلار مۇشۇنداق بۇتلاردىن ياساپ بوينۇڭلارغا ئېسىڭلار.

غاپىللىق پاتقىقىغا پېتىپ، خۇدىنى يوقاتقان بۇ ئادەملەر شەيتاننىڭ دېگىنىدەك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ھەر بىر مەھەللىدە بىردىن بۇتخانا پەيدا بولدى.

شۇ مەزگىللەردە دانىيال ئەلەيھىسسالام تېخى نارىسىدە بالا بولۇپ، ۋەھىي كەلمىگەنىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئاللاھنىڭ ئىلھامىغا ئاساسەن كىشىلەرگە مۇنداق ۋەز - نەسىھەت قىلاتتى:

- ئى ئىنسانلار، پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا سەجدە قىلىڭلار، لەنىتى شەيتان سىلەرگە ھىيلە ئىشلىتىپ، سىلەرنى تۇزاققا چۈشۈرۈۋاتىدۇ، سىلەرنى دوزاخقا باشلاۋاتىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر