قۇددۇس نامايىشىنىڭ 14 ياشلىق سىمۋولى ئىتالىيەلىك رەسسامنى تەسىرلەندۈردى

قۇددۇس نامايىشىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان جۇنەيدى ئىتالىيەلىك مەشھۇر رەسسامنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى.

867813
قۇددۇس نامايىشىنىڭ 14 ياشلىق سىمۋولى ئىتالىيەلىك رەسسامنى تەسىرلەندۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەلىك رەسسام ۋە ژۇرنالىست ئالېسسا پېلونزى قۇددۇس نامايىشىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان 14 ياشلىق فەۋزى جۇنەيدىنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىۋاتقان چېغىدا تارتىلغان رەسىمىنى سىزىپ چىقتى. ئىتالىيەلىك رەسسام ئىسرائىليە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن كۆزى تېڭىلغان ھالدا ئېلىپ كېتىلىۋاتقان جەريانىنى رەسىم بىلەن ئىپادىلىدى.

پېلونزى مەزكۇر فوتوگرافنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچراتقانلىقىنى ۋە قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئۆسمۈرنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ مېڭىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىنتايىن گۈزەل ۋە تولىمۇ تىراگېدىيەلىك بىر كۆرۈنۈش ئىدى. شۇنداق قاتتىق تەسىرلەندىمكى، شۇ ھامان بۇ ھەقتە بىر نەرسە سىزىشىم كېرەكلىكىنى قارار قىلدىم. سەنئەت ئارقىلىق بىرەر نەرسىنى چۈشەندۈرمەكچى بولدۇم ۋە ئەقلىمگە كەلگەن تۇنجى ئىش؛ رەسىمنىڭ ئوتتۇرىسىغا پەلەستىن بايرىقىنىڭ رەڭلىرىنى قويۇش بولدى» دېدى.

پىلونزى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئەركىنلىك سەنئەت ئۈچۈن ئەڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلاردىن بىرسى. بىراق شۇنداقتىمۇ سەنئەتكارلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرگە تېخىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. شۇنىڭدەك، ئەركىنلىكلەر ۋە ئىنسان غۇرۇرىنىڭ بۇ خىل داۋاملىق ئاياق-ئاستى قىلىنىشىغا سۈكۈت قىلىۋەرسەك بولىدىغان ئىشمۇ ئەمەس. ھەر بىر تىراگېدىيە، ھەر بىر ئۇرۇش ۋە ھەر بىر ئادالەتسىزلىكنىڭ رەسىمى سىزىلىشىلازىم، چۈشەندۈرۈلۈشى لازىم. دۇنيادا يۈز بەرگەن ئازاب – ئۆقۇبەت ۋە گۈزەللىكلەرنىڭ سىزىلىشى ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگىنىنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر