ئىراندا ئاجرىشىپ كېتىدىغان ئەر – خوتۇنلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

ئىراندا سائىتىگە 19 ئەر – خوتۇن ئاجرىشىپ كېتىدۇ.

645206
ئىراندا ئاجرىشىپ كېتىدىغان ئەر – خوتۇنلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراندا ئاجرىشىپ كېتىۋاتقان ئەر – خوتۇنلارنىڭ  كۈنسېرى كۆپىيىپ كېتىشى ۋە ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولۇشنى خالايدىغانلارنىڭ بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىشى ئەندىشىلەرنىڭ ئېشىشىغا سەۋەب بولدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىراندا  ئالدىنقى يىلنىڭ دەسلەپكى 5 ئېيى ئىچىدە سائىتىگە 19 ئەر – خوتۇن ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل ئاجرىشىپ كەتكەن ئەر – خوتۇنلارنىڭ نىسبىتى % 11.5 ئېشىپ كەتكەن.

بۇ ھەر 3 – 4 ئەر – خوتۇندىن بىرىنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشى دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە،  دۆلەتتە ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولۇش نىسبىتى بىر يىل ئىچىدە % 6.5 ئازايغان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى، ياشلارنىڭ ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولۇشتىن قورقۇشى، مەسئۇلىيەتتىن قېچىشى، ماددىي قىيىنچىلىقلار، ئىشسىزلىق ۋە ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالماسلىق قاتارلىق ئامىللار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر