مالازگېرت زەپىرى تەبرىكلىنىدۇ

ئانادولۇنىڭ دەرۋازىسىنى تۈركلەرگە ئاچقان مالازگىرت ئۇرۇشى يۈز بەرگىنىگە ئارىدىن دەل 943 يىل ئۆتتى.

102541
مالازگېرت زەپىرى تەبرىكلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر پۈتۈنلۈك روھى ئاستىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مالازگېرت زەپىرىدىن كېيىن ئانادولۇنىڭ دەرۋازىسى تۈركلەرگە ئېچىلدى. مانا ئەمدى بۇ ئۇلۇغ روھ قايتىدىن جانلاندۇرۇلماقتا. تەنتەربىيە مىنىستىرلىكىنىڭ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى بۈگۈندىن تارتىپ ئۈچ كۈن داۋام قىلىدۇ.
تۈركلەرگە ئانادولۇنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئاچقان مالازگىرت ئۇرۇشىنىڭ 943 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى تەنتەربىيە مىنىستىرى ئاكىف چاغاتاي قىلىچنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تەنتەنىلىك ھالدا باشلىنىدۇ. ياشلارغا تارىخنى ئۆگىتىش ۋە تارىخ ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەرگە 81 ۋىلايەتتىن كەلگەن تارىخ ئوقۇتقۇچىلىرى، تارىخ كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئاكادېمىكلار بولۇپ، جەمئىي 1071 ياش قاتنىشىدۇ. بۇ تارىخىي ئۇچرىشىشقا، مۇش ۋىلايىتىگە چېگراداش توققۇز ۋىلايەتنىڭ ھەر بىرىدىن كەلگەن 200 نەپەر ياش ۋە ئامما ئىشتىراك قىلىدۇ.
تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە، ھەر خىل سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلىپلا قالماستىن، فۇندا ئارار، زۈلەيخا قاتارلىق داڭلىق سەنئەتچىلەر كونسېرت بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مالازگېرت زەپىرى تېمىسىدا مۇھىم تەتقىقاتلىرى بولغان تارىخچىلار مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر