ب د ت «سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» قارار لايىھەسىنى ماقۇللىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى 11-ئىيۇلنى «1995-يىلدىكى سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خەلقئارا چۈشەنچە كۈنى» ئېلان قىلىش تەلەپ قىلىنغان قارار لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

2143680
ب د ت «سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» قارار لايىھەسىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ۋە رىۋاندا تەرىپىدىن سۇنۇلغان، تۈركىيە قاتارلىق 40 نەچچە دۆلەت بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان قارار لايىھەسى، 193 ئەزادىن تەشكىل تاپقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە 19 غا قارشى 84 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.

قارار لايىھەسىدە، « سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئىنكار قىلىش، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى ئەتىۋارلاش قىلمىشلىرى ئەيىبلەندى.

ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى ئېنىقلاپ چىقىش ۋە ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى تېپىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى،  تېخىچە سوتقا تارتىلمىغان «سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نىڭ جاۋابكارلىرىنى داۋاملىق سۈرۈشتە قىلىش تەلەپ قىلىندى.

قارار لايىھەسىدە يەنە، ھەر يىلى 11 - ئىيۇل «سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» دە ھەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش ھەمدە كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، مەلۇماتلىرىنى كۆپەيتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش تەلەپ قىلىندى. شۇنداقلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتچىلىرىنى جازالاش جەريانىدا خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ھېچقانداق ئېتنىك، دىنىي ياكى باشقا گۇرۇپپا ۋە جەمئىيەتنىڭ نىشان قىلىنمىغانلىقى، بۇ ھەقتە خەلقئارا قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.

«سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

سرېبرېنىتسا رايونى 1995-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى راتكو ملادىچنىڭ قوماندانلىقىدىكى سېربىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلغاندىن كېيىنلا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدىكى گوللاندىيەلىك ئەسكەرلەردىن پاناھلىق تىلىگەن بوشناق (بوسنىيەلىك) پۇقرالار سېربلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ بوشناق ئەسكەرلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونغا بېرىشىغا يول قويغان سېربلار، كەم دېگەندە 8 مىڭ 372 بوشناق ئەرنى ئورمانلىق، زاۋۇت ۋە ئامبارلاردا ئۆلتۈردى، ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرئاممىۋى قەبرىلەرگە دەپنە قىلىندى.

لاھېيدىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلارسوت مەھكىمىسى 2007-يىلدىكى قارارىدا، سابىق يۇگوسلاۋىيە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى سۇنغان دەلىل - ئىسپاتلارغا ئاساسەن، سرېبرېنىتسا رايونى ۋە ئەتراپىدا سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىدى.

ئىگىلىنىشىچە، سرېبرېنىتسا رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋامىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا تېخىچە كىملىكى ئېنىقلانمىغان ۋە جەسىتى تېپىلمىغان 1600 دىن ئارتۇق ئادەم بار  ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر