جوسېپ بوررېل ئىسرائىلىيەنىڭ رىفاھقا قىلغان ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل «رافاھتا پۇقرالارنى بىخەتەر بولمىغان جايلارغا كۆچۈشكە زورلاشنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان» لىقىنى  بىلدۈردى.

2138418
جوسېپ بوررېل ئىسرائىلىيەنىڭ رىفاھقا قىلغان ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوررېل ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا ئىسرائىلىيە قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىنى باشلىغان غەززەنىڭ رافاھ رايونى ھەققىدە يازما ھەمبەھىرلىدى.

بوررېل يازمىسىدا ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، «پۇقرالارنى رافاھنىڭ بىخەتەر بولمىغان رايونلىرىغا كۆچۈشكە مەجبۇرلاشنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.

بوررېل ئىسرائىلىيەگە «رافاھقا قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى قىلماسلىق» چاقىرىقىنى قايتا تەكىتلەپ، «بۇ ئاللىبۇرۇن ئېغىرلاشقان ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋىتىدۇ» دېدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى 7- ماي ئەتىگەندە رافاھ رايونىغا قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى باشلاپ، غەززەنىڭ مىسىرغا ئېچىۋېتىلگەن رافاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ پەلەستىن تەرىپىنى ئالقىنىغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر