ئۇكرائىنا روسىيەنىڭ بېلگورود شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى

ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ بېلگورود شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا، بىر كىشى قازا قىلدى.

2119883
ئۇكرائىنا روسىيەنىڭ بېلگورود شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگورود ۋالىيسى ۋىياچېسلاۋ گلادكوۋ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، 23-مارت سائەت 07:00 دىن 24-مارت سائەت 07:00 گىچە ئۇكرائىنا قوراللىق قىسملىرىنىڭ قىلغان ھۇجۇمىدا، بىر كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 7 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

گلادكوۋ ھۇجۇملار سەۋەبىدىن شەھەردە ماددىي زىيان كۆرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «214 تۇرالغۇ، 32 كۆپ قەۋەتلىك تۇرالغۇ، 34 ئايرىم ئۆي، 1 ئامبار، 3 دەم ئېلىش مەركىزى، 9 سودا ئەسلىھەسى ۋە 40 ئاپتوموبىل زىيانغا ئۇچرىدى» دېدى.

گلادكوۋ رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ كەچتە بېلگورود رايونى ئاسمىنىدا ئۇكرائىناغا تەۋە 22 نىشاننى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ۋە ھۇجۇمدا 4 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ موسكۋا ۋاقتى 17:50 ئەتراپىدا RM-70 Vampire تىپلىق كۆپ نولۇق راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى بىلەن رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «بېلگورود رايونىدىكى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن 22 باشقۇرۇلىدىغان بومبا پاچاقلاپ تاشلاندى» دېيىلدى.


خەتكۈچ: #ئۇكرائىنا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر