رۇسىيە ئۇكرائىنادىكى چەت ئەل قوراللىرى ساقلىنىۋاتقان جايلارغا ھۇجۇم قىلدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەرىكەتلىرىگە ئالاقىدار بايانات ئېلان قىلدى.

2119513
رۇسىيە ئۇكرائىنادىكى چەت ئەل قوراللىرى ساقلىنىۋاتقان جايلارغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كېچىدە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە مەركەزلىرى، تىزگىنەكلىك دېڭىز-ئوكيان ئاپپاراتلىرى ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرى ۋە چەت ئەل قوراللىرى ساقلىنىۋاتقان جايلارغا ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئۇكرائىنادىكى نىشانلارنىڭ كېچىچە بومباردىمان قىلىنغانلىقى تەكىتلىنىپ، «رۇسىيە ھاۋا ۋە ئالەم بوشلۇقى ئارمىيەسى بۈگۈن كەچتە ئېلېكتىر ئىستانسىسى، تەبىئىي گاز زاۋۇتى، تىزگىنەكلىك دېڭىز-ئوكيان ئاپپاراتلىرىنى قوراشتۇرۇش ۋە سىناق قىلىش ئورۇنلىرىغا ھاۋادىن قويۇپ بېرىلىدىغان يىراق مۇساپىلىق يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى قوراللار ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن گۇرۇپپا شەكلىدە ھۇجۇم قىلدى» دېيىلدى.

باياناتتا، ھۇجۇم نەتىجىسىدە قورال، ھەربىي ئۈسكۈنىلەر ۋە ئوق-دورا ئىشلەپچىقىرىدىغان شۇنداقلا رېمونت قىلىدىغان سانائەت مەركەزلىرىنى خىزمەتتىن توختىتىپ قويۇلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئۇكرائىناغا يۆتكەلگەن چەت ئەلنىڭ ھەربىي ئۈسكۈنىلىرى ۋە قورالىرىمۇ بىتچىت قىلىندى. ھۇجۇم نىشانىغا يەتتى» دېيىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر